قاراكۆل
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قاراكۆل ئاقتۇ ناھىيەىسى بۇلۇڭكۆل يېزىسىنىڭ سۇ باش كەنتىدە بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 3652 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان، دائىرىسى 60 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، جۇڭگو پاكىستان تاش يولى كۆلنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، قاتناش ئىنتايىن قولايلىق. قاراكۆل شىنجاڭدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز كۆل بولۇپ، بۇغدا كۆلىدىنمۇ 1672 مېتىر ئېگىز. قاراكۆل مۇزتاغ ئاتا چوققىسى، گوڭگىر چوققىسى بىلەن ئورالغان بولۇپ، بۇنداق ئالاھىدە مۇھىت كۆلنىڭ جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. كۆل سۈيىنىڭ رەڭگى ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ھەر خىل رەڭدە بولىدۇ، ھاۋا بۇلۇتلۇق مەزگىلدە كۆل سۈيى قارا رەڭگە ئۆزگەرگەچكە ‹‹قاراكۆل›› دەپ ئاتالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقتۇ ناھىيەسى ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، كۆل ئەتراپىدىكى ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلىغاچقا، ھەر يىلى قاراكۆلگە كېلىدىغان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچى زور دەرىجىدە ئاشتى.
قاراكۆل 314-نۇمۇرلۇق دۆلەت يولىنىڭ يېنىغا جايلاشقان، مەيلى قەشقەرگە بېرش، پامىر ئېگىزلىكى، تاشقورغان ئېگىزلىكى قاتارلىقلارغا بېرىشتا بۇيەردىن ئۆتىدۇ. كۆل بويىدا بىر نەچچە ئېغىز بىر قەۋەتلىك ئۆيلەر، بىر نەچچە چېدىرلار بار، بۇ ئېگىزلىك ساياھەتچىلىكى كۈتۈۋېلىش مەركىزى، مەخسۇس ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تاغقا چىقىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك لاگىرى، ياتاق بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بۇلۇڭكۆل كۆلنىڭ سۈيى ئوت - چۆپلىرى ئىنتايىن مول، تۈمەنلىگەن سۇ قۇشلىرى، ياۋا ئۆردەكلەر ئۈزۈپ يۈرىيدۇ، شۇنداقلا ئاققۇلار سۇ ئۈستىدە ئويناپ يۈرىيدۇ، بۇ يەردە توپ - توپ بېلىقلار بىغەم ۋە ئەركىن ئۈزۈپ يۈرسە، كۆل يۈزى دولقۇنلىنىپ تۇرىدۇ، كۈندىن - كۈنگە يېڭى تۈس بېغىشلايدۇ. ھالبۇكى، قاراكۆل كۆل بويىدىكى ئوت - چۆپنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەرقانداق جانلىقلار، بولۇپمۇ ئۇنىڭ كۆل سۈيى بىر كۈن ئىچىدە توختىماستىن ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ، ھەر خىل رەڭلىك كىيىنىشى كىشىنى گاڭگىراپ قويىدۇ. تىنچ ۋاقىتتا، كۆل سۈيى پاكىز، كۆك، سۈپسۈزۈك تۇرىدۇ. چاقماق چاققان چاغدا، كۆل سۈيى ھەيران قالارلىق ھالدا ئۆزگىرىدۇ، خۇددى قوغۇشۇنغا ئوخشاش، قاپقارا ھەم پارقىراق ئىسمى - جىسمىغا لايىق قارا سۇ كۆلىگە ئايلىنىدۇ. ھەر سەھەردە كۈن چىققاندا، بۇ لەيلىمە نۇردا ئېقىۋاتقان كۆل سۈيى، يەنە خۇددى سەھنىدىكى ئاسمان گۈمبىزىگە ئوخشاش، ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بەزىدە توق، بەزىدە ئاچ سېرىق، گاھ ماندارىن، كىشىگە جەننەت گۈلدىراس تۇيغۇ بېرىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ياردەم تورى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.