ئۆسۈم
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۆسۈمقەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە قەرزگە بەدەل تۆلەش داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. قەرز ئالغۇچى قەرز پۇل قايتۇرغاندا مەلۇم مىقداردا پۇل قوشۇپ تۆلىشى كېرەك، ئاشۇرۇپ تۆلەنگەن پۇل ئۆسۈم دېيىلىدۇ. ھازىر بىز پۇلنى بانكىغا قويساقمۇ ئۆسۈمگە ئېرىشىمىز. مەسىلەن، 100 يۈەن پۇلنى بانكىغا بىر يىللىق ئامانەت قويۇپ، ئىككىنچى يىلى ئالغىنىمىزدا 110 يۈەنگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ. بۇ ئارتۇق چىققان 10 يۈەن پۇل ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ. ئۆسۈم ، ئۇنىڭ شەكلىدىن قارىغاندا ، پۇل ئىگىسى پۇل مەبلىغىچىقارغانلىقى ئۈچۈن پۇل قەرز ئالغۇچىنىڭ قولىدىن ئېرىشكەن ھەق ؛ يەنە بىر جەھەتتىن قارىغاندا ، ئۇ قەرز ئالغۇچىنىڭ پۇل ئىشلىتىش ئۈچۈن تۆلەشكە تېگىشلىك بەدەل. ئۆسۈم بېرىش ماھىيەتتە پايدىنىڭ بىر قىسمى ، پايدىنىڭ ئالاھىدە ئۆزگىرىش شەكلى .
ئۆسۈم قەيەردىن كېلىدۇ؟ بەزىلەر ئۇنى پۇلنىڭ ئۆزى تۇغقان دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۆسۈمنى ئەمگەكچىلەر ياراتقان.
قۇلدارلىق ۋە فېئوداللىق جەمئىيەتتە، جازانىخورلار پۇلنى دېھقانلار ۋە قول ھۈنەرۋەنلەرگە، قۇل ئىگىلىرى ۋە پومېشچىكلارغا ئۆتنە بېرىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ناھايىتى يۇقىرى پايدىغا ئېرىشەتتى. بۇ يەردىكى ئۆسۈم دېھقانلار، قول ھۈنەرۋەنلەر ھەمدە قۇللارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىدىن كېلىدۇ.
كاپىتالىستىك جەمئىيەتتە، فۇنكسىيە كاپىتالىستى قەرز كاپىتالىستنىڭ قولىدىن قەرز ئېلىپ، تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ۋە ئېرىشكەن پايدىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىگە قالدۇرۇپ، قالغان قىسمىنى ئۆسۈمى بىلەن قەرز كاپىتالىستىغا تۆلەيدۇ. بۇ يەردىكى ئۆسۈمنى ياللانما ئەمگەكچىلەر يارىتىدۇ.
سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتە، پۇل قەرز بېرىش ئاساسەن بانكىنىڭ پۇل ئامانەت ۋە قەرز بېرىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. بانكا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئامانەت پۇلى ۋە شەخسلەرنىڭ ئامانەت پۇلىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ، ئاندىن بۇ پۇللارنى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە شەخسلەرگە قەرز بېرىدۇ. قەرز ئالغان ئورۇن ۋە شەخسلەر بانكىغا ئۆسۈم تۆلىشى، بانكىمۇ ئامانەت قويغان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە ئۆسۈم تۆلىشى كېرەك. بۇ يەردىكى ئۆسۈم پۇلى قەرز ئالغان ئورۇندىكى ئەمگەكچىلەر ۋە قەرز پۇلنى ئىشلەتكەن شەخسلەرنىڭ قوشۇمچە ئەمگىكىدىن كېلىدۇ. بانكىغا ئامانەت قويۇپ ئېرىشكەن ئۆسۈم ئامانەت قويغۇچىغا بېرىلگەن ھەق ۋە رىغبەتلەندۈرۈشتۇر. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.