نۇكۇئالوفا
نۇكۇئالوفا شەھىرى تىنچ ئوكياننىڭ جەنۇبىدىكى تونگا پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى، مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر تونگا تاپا ئارىلىنىڭ شىمالىي دېڭىز ياقىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تونگا ئەپسانە-رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىغائاساسەن ، نۇكۇئالوفا (Nukuʻalofa) بۇ ئاتالغۇ ئەمەلىيەتتە ئىككى خەتتىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا : نۇكۇ (Nuku) تۇرماق، تۇرۇپ قالماق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ئالوفا (alofa) سۆيگۈ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
نۇپۇسىنىڭ %98 تونگالىقلار( پولىنېزىيانلار ئۇرۇقدىشىغا تەۋە) بۇلۇپ قالغانلىرى قوشۇمچە ياۋرۇپالىقلار ۋە تىنچ ئوكيان ئاراللىردىكى باشقا ئادەملەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى. يەنە ئاز ساندىكىلىرى جۇڭگولۇقلار ۋە ھىندىستانلىقلار. تونگا تىلى ۋە ئېنگىلىز تىلىنى ئۇنىۋېرسال قوللانىدۇ. ئاھالىسنىڭ تولسى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار.
6-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇستەقىللىق كۈنى. 7-ئەينىڭ 4-كۈنى دۆلەت پادىشاھىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى.
شەھەردە پالما پىششىقلاپ ئىشلەش، مېتالچىلىق، كىيىم-كېچەك قاتارلىق كىچىك تىپتىكى سانائەت ئورۇنلىرى بار.
پورتقا 10 مىڭ توننىلىق ئوكيان پاراخوتلىرى توختىيالايدۇ. شەھەر كوچىلىرى دېڭىز قىرغىقى بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە سوزۇلغان. شەھەردىن تىنچ ئوكياندىكى ھەرقايسى دۆلەت، رايونلارغا پاراخوت، ئايروپىلانلار قەرەللىك قاتناپ تۇرىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.