يەر شارى سۈنئىي ھەمراھىنىڭ تۇنجى باش لايىھىلىگۈچسى

نامى كرولېۋ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1957-يىلى 4-ئۆكتەبىردە دۇنيا بويىچە تۇنجى يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قيۇپ بېرىلدى! بۇ، ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ زور ئىش بولدى. بىراق بۇ قېتىم يەر شارى سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىشكە ئاجايىپ تۆھپە قوشقان تۇنجى باش لايىھىلىگۈچىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ ئېغىر ئەمگەككە سېلىنغان جىنايەتچى ئىكەنلىكى كىمنىڭ ئويىغا كەلسۇن، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمى كرولېۋ ئىدى.

كرولېۋ تۇغما ئەقىللىق ئۇنىڭ ئۈستىگە تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان ئادەم بولۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى قابىلىيىتى خېلى بۇرۇنلا مەلۇم بولغانىدى. ئۇ 25 يېشىدا «راكىتا دىۋىگاتىلى» توغرىسىدا مەخسۇس ئەھەر يېزىپ نەشر قىلدۇرغان، 26 يېشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى سۇيۇقلۇق راكېتاسىنى لايىھىلەشكە قاتنىشىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، 27 يېشىدا «راكىتانىڭ ئۇچۇشى» دېگەن يەنە بىر مەخسۇس ئەسەرنى يېزىپ چىققان، 29 يېشىدا خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى رېئاكتىۋ ئايروپىلانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك لايىھىلەپ چىققان.

ئۇ 1937-يىلى بەختسىزلىككە ئۇچرىدى. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، سىبىردىكى ئادىمىزاتنىڭ ئايىغى يەتمىگەن بىر كىچىك ئارالدىكى ئالتۇن كانىدا ئىشلىدى.

داڭلىق ئايروپىلان لايىھىلىگۈچىسى تۇپولېۋنىڭ كۆپ قېتىم ئىلتىماس قىلىشى ئارقىسىدا، كرولېۋ ئۆلۈم تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇپ، 4-نومۇرلۇق ئالاھىدە تۈرمە زاۋۇتىدا راكىتانى تەتقىق قىلىپ ياساشقا يۆتكەلدى. ئۇلار ئىلمىي تەتقىقات ۋە لايىھىلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، لېكىن سالاھىيەت جەھەتتە يەنىلا مەھبۇس بولۇپ، قاتتىق نازارەت ئاستىدا كۈنىگە 12 سائەت ئىشلەيتتى. خالىغانچە پاراڭلىشالمايتتى. قىلچە ھەرىكەت ئەركىنلىكى يوق ئىدى. كرولېۋ مۇشۇنداق شارائىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى ئەۋلاد باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك لايىھىلەپ چىقتى.

كرولېۋ 1957-يىلى 3-ئاۋغۇستتا لايىھىلىگەن قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. 4-ئۆكتەبىردە تۇنجى يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى ئاسمانغا چىقتى. ئىلىم-پەندىكى بۇ زور مۇۋەپپەقىيەت دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. كرولېۋ سوۋېت ئىتتىپاقىغا غايەت زور شان-شۆھرەت كەلتۈردى. شۇنداقتىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۇنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشقا يەنىلا يول قويمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، كرولېۋ يەنە تۇنجى ئادەم توشۇغۇچى ھاۋا كېمىسى ئۈچۈن راكىتا لايىھىلەپ بەردى. ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ مۇددىئاسىغا بويسۇندى. بۇ چاغدا ئۇ تۈرمىگە ئېلىنغان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلگۈچى مەھبۇسلۇقتىن «قوغدالغان» «مۇھىم ئادەمگە» ئايلانغان بولسىمۇ، ئاشۇ ئېغىر يىللارنىڭ تۇمانلىرى يەنىلا ئۇنى ئورىۋالغان ئىدى، ئۇ 1966-يىلى قاتتىق چارچاپ، يۈرىكى ئاجىزلىشىپ 59 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

كرولېۋ ئۆز ھاياتىدا نەتىجە ياراتتى، لېكىن ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتى پاجىئەلىك ئۆتتى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#