فرىنوزوما كەسلەنچۈكى

فرىنوزوما كەسلەنچۈكى

 فرىنوزوما كەسلەنچۈكى، باشقا نامى تاجسىمان مۈڭگۈزلۈك كەسلەنچۈك، ئىنگلىزچە نامى Horned toad,Horned lizard، ئەڭ قىسقىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7.5 سانتىمىتىرغىمۇ يەتمەيدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 12.5 سانتىمېتىردىن ئارتۇق، ئامېرىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىي كالىفورنىيە، تېكساس شىتاتى ۋە مېكسىكا قۇملۇقىغا جايلاشقان، «يوقىلىش خەۋپىگە ئۇچراۋاتقان ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر تۈرلىرى ھەققىدىكى خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسى» قوشۇمچە ماتېرىيالنىڭ 2-تۈرىدە قوغداش كىرگۈزۈلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى فرىنوزوما كەسلەنچۈكى
ئىنگلىزچە نامى Horned toad,Horned lizard
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
ئائىلىسى كەسلەنچۈكلەر ئائىلىسى
باشقا نامى تاجسىمان مۈڭگۈزلۈك كەسلەنچۈك
خەنزۇچە ئاتىلىشى 角蜥
تارقالغان رايونلار ئامېرىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىي كالىفورنىيە، تېكساس شىتاتى ۋە مېكسىكا قۇملۇقى
سىنىپى ئۆمىلىگۈچىلەر سىنىپى
ئۇرۇقداشلىرى مۈڭگۈزلۈك كەسلەنچۈك ئۇرۇقدىشىئاگامىد كەسلەنچۈكى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فرىنوزوما كەسلەنچۈكى رەسىملىرى

 فرىنوزوما كەسلەنچۈكى باشقا نامى تاجسىمان مۈڭگۈزلۈك كەسلەنچۈك ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى ئۆمىلىگۈچىلەر سىنىپى كەسلەنچۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە. فرىنوزوما كەسلەنچۈكىنىڭ بېشىدا خەنجەر شەكىللىك تىكەنلىرى بار، چار پاقىغا ئوخشايدۇ، تېنى ياپىلاق، شەكلى تۇخۇم شەكىللىك، بېشى قىسقىراق ، ئۇچى يۇمىلاق ، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى تەڭ، تېنىنىڭ ئىككى يېقىدا ئۇچلۇق ئىچ يان تەڭگىچىلەر بار، بوينى توم ھەم قىسقا. پۇت - قوللىرى بىر قەدەر قىسقا. قۇيرۇقى ئانچە ئۇزۇن ئەمەس، تۇتقۇچى كەڭ، ئۇچى ئۇچلۇق، باشقا كەسلەنچۈكلەرگە ئوخشاش ئۇنداق ئاسان قاسىراق تاشلاش ئارقىلىق كۈشەندىلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ. باش قىسمى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدە ، ئاستىنقى قىسمى سېرىق، سەل قوشۇش قوڭۇر رەڭلىك داغلار بار. بەدەننىڭ ئارقا تەرىپى سۇس قۇم رەڭ ياكى سارغۇچ رەڭ، بوغۇز قىسمىنىڭ ئىككى يېنى بىلەن دۈمبە قىسمىغا ئوخشاش رەڭلىك چوڭ چىپار داغلار بار، باش قىسمىنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئىككى كۆزى ئۈستىگە يەنە سەككىز نۇر شەكىللىك تىزىلغان ئۇچلۇق تىكىنى بار، تەن سىرتىدا تەرىپىدىن قوپال قاسىراقلىق تىكەن بار، شۇڭا شۇنداق ئاتالغان مۈڭگۈزلۈك كەسلەنچۈك دەپ ئاتالغان، ئەڭ قىسقىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7.5 سانتىمىتىرغىمۇ يەتمەيدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 12.5 سانتىمېتىردىن ئارتۇق.

تەن رەڭگىنى ئۆزگەرتىشى

فرىنوزوما كەسلەنچۈكى ئوت- چۆپ شالاڭ قۇملۇقتا ياشايدۇ قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىدۇ، تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولغاندا، بەدەننى قۇمغا كۆمىدۇ، ئاپتاپقا قاقلانغاندا ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنى ياخشى سۈمۈرۈش ئۈچۈن بەدىنىنى تۈز سىزىق ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەن رەڭگى مۇھىت ئۆزگىرىشى ۋە تېمپېراتۇرا بىلەن تەڭ ئۆزگىرىدۇ. نىقابلىنىش تېخنىكىسى ئۈستۈن.    

مۈڭگۈزلۈك كەسلەنچۈكمۈڭگۈزلۈك كەسلەنچۈكنىڭ چىشى ئەركىكىنى پەرىقلەندۈرگەندە كۆزىتىش ئارقىلىق كۆپىيىش بوشلۇقى كۆتۈرۈلۈپ چىققىنى ئەركەك ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ، تەن تۈزۈلۈشى جەھەتتە ئەركەك مۈڭگۈزلۈك كەسلەنچۈك بىر قەدەر ۋىجىك، چىشىسى بىرقەدەر چوڭ كېلىدۇ.

ئادەتتە قىشلىق ئۇيقۇ كېيىن جۈپلىشىدۇ، 5- ئايدا تۇخۇملايدۇ، ھەربىر ئۇۋىدا 7دىن 13 دانىغىچە تۇخۇم بولىدۇ، تۇخۇم بېسىش مەزگىلى تەخمىنەن 50كۈندىن 60 كۈنگىچە بولىدۇ، 2 ئۇۋا تۇخۇملايدۇ، كىچىك تىپتىكى كەسلەنچۈككە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن كۆپ ھېسابلىنىدۇ.  

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، مۈڭگۈزلۈك كەسلەنچۈك سانى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ كەتتى. ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ئۇنىڭ ياشاش ماكانى ئۈزلۈكسىز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقى بولغان سۈلۈك چۈمۈلە مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتتى بۇنىڭدىن سىرت نۇرغۇن ئەرمەك ھايۋان ھەۋەسكارى ئۆزىنىڭ ئەرمەك ھايۋان سۈپىتىدە تۇتۇش قاتارلىق يەنە بەلگىلىك سەۋەبلىرى بار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

2.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#