تېڭشۈن شىركىتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تېڭشۈن شىركىتى 1998-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىنتىرنېت تورى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كارخانىسىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئابونىچى ئەڭ كۆپ بولغان ئىنتېرنېت تورى كارخانىسىنىڭ بىرى. شىركەت قۇرۇلغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان «ئابونىچىلارنى ئاساس قىلىش»تىن ئىبارەت تىجارەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر مۇقىم، ساغلام، تېز تەرەققىيات ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن.
2004-يىلى 6-ئاينىڭ16-كۈنى تېڭشۈن شىركىتىنىڭ پاي چېكى شىياڭگاڭ بىرلەشمە پاي بازىرىدا بازارغا سېلىنغان. تېڭشۈن شىركىتىنىڭ 2010-يىللىق ئومومىي كىرىمى 19 مىليارد 646 مىليون بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %57.9 ئاشقان.
1988-يىل11-ئاينىڭ12-كۈنى ما خۇاتېڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى جاڭ جىدۇڭ بىلەن بىرلىكتە «شېنجېن شەھەرلىك تېڭشۈن كومپىيوتېر سىستېمىسى چەكلىك شىركىتى»نى رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرۇپ قۇرغان.
ئەينى چاغدا شىركەتنىڭ ئاساسلىق كەسپى سىمسىز تور چاقىرغۇ سىستېمىسىنى ئېچىش ئىدى. شىركەت قۇرۇلغاندىن دەسلەپكى چاغدا ئاساسلىقى چاقىرغۇ ئىستانسىلىرىغا توردا چاقىرىش سىستېمىسى ياساپ بېرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنغان. بۇ خىل كەسىپ بارلىق ئوتتۇرا-كىچىك تور مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى دېيىشكە بولاتتى.
بۇ ھازىرقى QQ نىڭ دەسلەپكى شەكلى ئىدى. 1999-يىلى 2-ئايدا تېڭشۈن شىركىتى ئىنتىرنېتنى ئاساس قىلغان پەيتلىك خەۋەرلىشىش تور قۇرالى تېڭشۈن پەيتلىك خەۋەرلىشىش دېتالى Tencent Instant Messenger (قىسقارتىپ TM ياكى QQ دېيلىدۇ)نى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان.ئۇ لايىھەلىنىشنىڭ مۇۋاپىقلىقى، ئىشىلتىشكە قۇلايلىقى، ئىقتىدارىنڭ كۈچلۈكلىكى ۋە سىستېمىسىنىڭ مۇقىم، ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشى بىلەن كەڭ ئابونىچىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.