خوتەن قەغىزى

خوتەن قەغىزى

خوتەن قەغىزى-ئېلىمىزنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدىكى تۆت چوڭ كەشپىياتىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇزاق تارىختىن بۇيان مىللىي قول سانائىتىمىزدە مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. دەرۋەقە، بۈگۈنكى زاماننىڭ يېڭىچە سانائىتى گەرچە ئۇنى بازار ئىگىلىكى ۋە تاۋار قىممىتىدىن سىقىپ چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تارىخىي قىممىتى ھامان سىزنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى خوتەن قەغىزى
خەنزۇچە نامى 和田桑树皮纸

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خوتەن قەغىزىنىڭ رەسىمىئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان نۇرغۇنلىغان تارىخىي ۋەسىقىلەر، ئەدەبىي ئەسەرلەر، ھەرخىل ئىلىم-پەن ھۈججەتلىرى ئەنە شۇ خوتەن قەغىزىگە پۈتۈلگەن بولۇپ، قىممەتلىك مەدەنىي مىراس سۈپىتىدە دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. قەدىمكى «يىپەك يولى» سودىسىدا يۇقىرى تاۋار قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، «خوتەن قەغىزى» نامى بىلەن ئەتراپقا داڭقى يېيىلغان. 

خوتەن قەغىزىنى ئىشلەش خوتەننى مەركەز قىلغان ھالدا، يەكەن ۋە قەشقەرلەرگىچە كەڭ ئومۇملاشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن، خوتەن شەھىرى(ئىلچى) دىكى بىر قانچە مەھەللىلەر ھازىرغىچە «قەغەز مەھەللىسى» دېگەن نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.

خوتەن قەغىزىنىڭ ئالاھىدىلىكى «خوتەن قەغىزى» ئاسانلىقچە يىرتىلمايدىغان ۋە چىرىمەيدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇ ئەۋرىشىمچان بولغاچقا، خەت يېزىشتىن باشقا يەنە دورا-دەرمانلارنى ئوراش، كىيىم-كېچەكلەرگە قاتۇرما قىلىش، ھەرخىل گۈزەل-سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

خوتەن قەغىزىنىڭ ياسىلىشىياسىلىش ئۇسۇلى: خوتەن قەغىزىنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى «سامان قەغىزى» نىڭ خام ماتېرىياللىرىغا ئوخشاشمايدىغان ھالدا، توغراق ۋە ئۈجمە دەرىخىنىڭ قوۋزىقىدىن ئىبارەت. دەسلەپ توغراق ياكى ئۈجمە قوۋزىقىنى يىغىپ ئۇنى سۇغا چىلاپ قويىدۇ. قوۋزاق بىرئاز يۇمشىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سىرتقى قوپال قاتلىمىنى سويۇپ ئېلىۋېتىپ، ئىچىدىكى بىر قەۋەت نېپىز ئاپئاق قەۋىتى ئايرىۋېلىنىدۇ. مانا شۇ خوتەن قەغىزىنىڭ ئاساسىي خام ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قەۋەتنى قازاندا ئىككى سائەتچە قاينىتىپ بوتقا(لاتقا) قىلىنىدۇ. بۇ قوۋزاق بوتقىسىنى ياغاچ توقماق بىلەن سوقۇپ ئەزگەندىن كېيىن، مەخسۇس ياغاچ تۇڭغا سېلىپ، ئۈستىگە مەلۇم مىقداردا سۇ قۇيىدۇ ۋە ئۇنى توختىماي قوچۇپ ئۇماچقا ئايلاندۇرۇلىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچتا، بۇ قوۋزاق ئۇمىچىنى مەخسۇس ياسالغان چۆمۈچ(يېچكوك دېيىلىدۇ) ئارقىلىق ئۆلچەملىك ياغاچ قېلىپقا تەكشى قۇيۇپ، سۇ كۆلچىكىدە سۈزۈلىدۇ. قېلىپنىڭ يۈزى تەكشىلەنگەندىن كېيىن، شۇ پېتى كۈن نۇرىغا قاقلاپ قويۇلىدۇ. قەغەز بوتقىسى قۇرۇغاندىن كېيىن، قەغەزنى قېلىپتىن سويۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى قەغەز تاختىسى پۈتىدۇ. بۇنداق قەغەزنىڭ بىر تاختىسى ياسىلىپ چىقىش ئۈچۈن، تەخمىنەن سەككىز-ئون چېلەك سۇ سەرپ قىلىنىدۇ. 

ئەگەر ماتېرىيال تەييار بولسا، بىر قەغەزچى ئۇستا بىر كۈندە بۇنداق قەغەزدىن ئۈچ يۈز تاختا ياساپ چىقالايدۇ. بۇنداق قەغەزنى قېلىپتىن ئالغاندىن كېيىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى تېخىمۇ سىپتا ۋە پارقىراق قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەشكە ھاجەت تۇغۇلسا، گۈرۈچنى ئېزىلگۈچە قاينىتىپ ئەلگەكتنى ئۆتكۈزۈپ، ھېلىقى قەغەز يۈزىنى تەكشى پاتلاپ، قاشتېشى بىلەن سۈركەپ سىلىقلايدۇ. قەدىمكى مۇھىم تارىخىي ھۈججەتلەر پۈتۈلگەن قەغەزلەر مانا شۇ سىلىقلانغان خوتەن قەغىزىدۇر.

قولغا تايىنىپ خوتەن قەغىزىنى ياساش بۈگۈنكى كۈندە بارغانسېرى قوقىلىشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر خىل ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر-سەنئىتى سۈپىتىدە تارىختىن ئۆچكىنى يوق. ھازىرمۇ دوپپىچىلار ۋە دورىپۇرۇشلار بۇ قەغەزنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە. (ئا)

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (11 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    54.5%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    27.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    18.2%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#