قۇمۇش
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قۇمۇش تۇپراقتىن تەبئىي ئۈنۈپ چىقىدۇ. 3-ئاي كىرىشى بىلەنلا تۇپراقتىن بىخ يېرىپ چىقىدۇ. تۇنجى ئۈنۈپ چىققان نوتىسى ئىنتايىن ئۇچلۇق، ئۇچى ئىنىچكە، تۈۋى توم، مىخ شەكىلىدە ئۈنۈپ چىقىدۇ. غولى بوغۇم ئايرىپ ئۆسىدۇ، بوغۇمىنىڭ ئىچى كاۋاك بۇلىدۇ. كاۋاك قىسمىدا ئاق رەڭلىك پەردە بۇلىدۇ. يوپۇرمىقى تار ئۇزۇن بۇلىدۇ. تۇنجى ئۈنۈپ چىققان مايسىسى ئاق رەڭدە بۇلىدۇ. ئۆسكەنسېرى يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. چۆلدە ئۆسىدىغان قۇمۇش بىر مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ، تېرىلغان تۇپراقتا ئۆسىدىغان قۇمۇش ئىككى مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ، قۇمۇش يۇپۇرماقلىرىنىڭ غولىغا يېقىن قىسمى تار، ئوتتۇرسى كەڭ، ئاخىرسى ئىنىچكە بۇلىدۇ. قۇمۇش يۇپۇرمىقىنىڭ ئەتراپى ھەرە چىشسىمان بولىدۇ، شۇڭا قۇمۇش يۇپۇرمىقى ئادەمگە تېگىپ كەتسە پىچاقتا كەسكەندەك كېسۋىتىدۇ. قۇمۇشنىڭ يۇپۇرمىقى ئادەتتىكى ئوت-چۆپلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىدىن قېلىن بۇلىدۇ.
چۆلدە ئۆسىدىغان قۇمۇش
چۆلدە ئۆسىدىغان قۇمۇش ئاساسەن چۆللۈك، قۇملۇق، تېرىلغۇ يەر ئەتراپلىرىدا ئۆسىدىغان بۇلۇپ، بۇ خىل قۇمۇشنىڭ يوپۇرمىقى قاتتىق بۇلىدۇ، ئېگىزلىكى بىرمېتىر ئەتراپىدا بۇلۇپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈك ھېساپلىنىدۇ. قۇملۇقتا ئۆسىدىغان قۇمۇشنىڭ يىلتىزى ناھايتى چوڭقۇر بۇلىدۇ. بۇ خىل قۇمۇشنى چۆلدە ياشايدىغان ئوتخور ۋە ياۋايى ھايۋانلار ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. تېرىلغۇ يەر ئەتراپىدا ئۆسىدىغان قۇمۇشلارنى غولى سەل ئىنىچكە، غازىڭى يۇمشاق كېلىدۇ. بۇ خىل قۇمۇش دېھقان-چارۋىچىلار كۈزدە ئورۇپ يىغۋېلىپ قىشتا چارۋا بېقىشقا ئىشلىتىدۇ.
تۇرمۇشىمىزدىكى رولى
قۇمۇش ئۆي ئۆگىزىسىنى يېپىش، ئۆي بېزەش، ھويلا-ئارام چىتلاش، قۇم-بوراننىڭ ئالدىنى ئېلىش، سانائەتتە پىشىقلاپ ئىشلەشتىن ئىبارەت كۆپ يەرلەردە خەلق تۇرمۇشىغا ئىنتايىن يېقىن يەردە تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقلىرىدىن بورا توقۇش.
ئۇيغۇرلاردا يەنە ئۆي سالغاندا ئۆي ئۆگىزىسىنى بورا بىلەن يېپىپ ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوت-چۆپ پاخاللىرىنى يېيتىپ ئاندىن ئۈستىنى توپا بىلەن ياپىدۇ. قۇمۇش يەنە ھويلا-ئارامنى چىتلاش، توسۇش، ھويلا-ئارامنى گۈزەللەشتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم.
ئۇنىڭدىن باشقا،قۇمۇشنى يەنە قۇم-بوراننىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تەبئىي توساق دىيىشكە بۇلىدۇ. مەيلى ھۆل قۇمۇش بولسۇن ياكى ئورۇپ يىغۋېلىنغان قۇرۇق قۇمۇش بولسۇن ئۇنىڭ قۇم-بوراننى توسۇش رولى ناھايتى ئۈنۈملۈك.
مۇھىت ئاسراشتىكى رولى
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.