جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار قانۇنى

جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار قانۇنى 1979-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2001-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار قانۇنى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1979-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2001-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国中外合资经营企业法
تۈزىتىلگەن ۋاقتى 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى، 2001-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى 48-نومۇرلۇق بۇيرۇقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۈزىتىش 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار قانۇنى 1979-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار قانۇنى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن، 2001-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار قانۇنى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 2-قېتىم تۈزىتىلگەن.

ھۆججەت 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى 48-نومۇرلۇق بۇيرۇقى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار قانۇنى› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4–يىغىنىدا 2001-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ماقۇللانغان، ھازىر ئېلان قىلدۇق، نىزام ئېلان قىلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ. 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ 

2001-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 

1-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تېخنىكا ئالاقىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، چەت ئەل شىركەتلىرى، كارخانىلىرى ۋە باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ياكى چەت ئەللىك شەخسلەرنىڭ(تۆۋەندە چەت ئەللىك شېرىكلەشكۈچىلەر دېيىلىدۇ) باراۋەر بولۇش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپى بويىچە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە، جۇڭگونىڭ شىركەتلىرى، كارخانىلىرى ياكى باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى (تۆۋەندە جۇڭگولۇق شېرىكلەشكۈچىلەر دېيىلىدۇ) بىلەن بىرلىكتە شېرىكچىلىك كارخانىسى ئېچىشىغا يول قويىدۇ.

2-ماددا جۇڭگو ھۆكۈمىتى چەت ئەللىك شېرىكلەشكۈچىلەرنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان كېلىشىم، توختام ۋە نىزامنامىلەرگە بىنائەن شېرىكچىلىك كارخانىسىغا سالغان مەبلىغىنى، ئېلىشقا تېگىشلىك پايدىسىنى ۋە باشقا قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

شېرىكچىلىك كارخانىلىرى ئۆزىنىڭ بارلىق پائالىيىتىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن، نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

دۆلەت شېرىكچىلىك كارخانىلىرىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋالمايدۇ ۋە يىغىۋالمايدۇ؛ ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا، جامائەت مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قانۇن تەرتىپى بويىچە شېرىكچىلىك كارخانىلىرىنى يىغىۋالسا ھەمدە مۇناسىپ تۆلەم بەرسە بولىدۇ.

3-ماددا شېرىكلەشكۈچى تەرەپلەر ئۆزلىرى تۈزگەن شېرىكچىلىك كېلىشىمى، توختامى ۋە نىزامنامىسىنى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىقتىساد-سودا مەسئۇل تارمىقىنىڭ(تۆۋەندە تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى ئورگان دېيىلىدۇ) تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا يوللىشى كېرەك. تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى ئورگان ئۇنى تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى ئۈچ ئاي ئىچىدە قارار قىلىشى كېرەك. شېرىكچىلىك كارخانىلىرى تەستىقلانغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئالغاندىن كېيىن تىجارىتىنى باشلايدۇ.

4-ماددا شېرىكچىلىك كارخانىلىرى چەكلىك جاۋابكارلىق شىركىتى شەكلىدە بولىدۇ. 

شېرىكچىلىك كارخانىلىرىنىڭ تىزىمغا ئېلىنغان كاپىتالى ئىچىدە چەت ئەللىك شېرىكلەشكۈچىلەرنىڭ سالىدىغان مەبلىغىنىڭ نىسبىتى ئومۇمەن %25 تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

شېرىكلەشكۈچى تەرەپلەر تىزىمغا ئېلىنغان كاپىتالىنىڭ نىسبىتى بويىچە پايدا تەقسىم قىلىدۇ، خەۋپ-خەتەر ۋە زىياننى ئۈستىگە ئالىدۇ.

شېرىكلەشكۈچى بىر تەرەپ تىزىمغا ئېلىنغان كاپىتالىنى باشقا بىرسىگە ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولسا، شېرىكلەشكۈچى باشقا تەرەپلەرنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى شەرت.

5-ماددا شېرىكچىلىك كارخانىسىغا قاتناشقان تەرەپلەر نەق پۇل، ماددىي نەرسە، سانائەت مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىقلارنى مەبلەغ ھېسابىدا سالسا بولىدۇ.

چەت ئەللىك شېرىكلەشكۈچىلەرنىڭ مەبلەغ ھېسابىدا سالغان تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلىرى ھەقىقەتەن ئېلىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلغار تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنە بولۇشى شەرت. ئەگەر قالاق تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەر بىلەن كۆز بوياپ زىيان پەيدا قىلسا زىياننى تۆلەيدۇ.

جۇڭگولۇق شېرىكلەشكۈچىلەر سالغان مەبلەغ شېرىكچىلىك كارخانىسىغا تىجارەت مەزگىلىدە بەرگەن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى جۇڭگولۇق شېرىكلەشكۈچىلەر سالغان مەبلەغنىڭ بىر قىسمى قىلىنمىغان بولسا، شېرىكچىلىك كارخانىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ئىشلىتىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.

يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن مەبلەغلەر شېرىكچىلىك كارخانىلىرىنىڭ توختامى ۋە نىزامنامىسىدا بەلگىلەنگەن بولۇشى كېرەك، ئۇنىڭ باھاسىنى(يەر بۇنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ)شېرىكلەشكۈچى تەرەپلەر باھالاپ بېكىتىدۇ.

6-ماددا شېرىكچىلىك كارخانىلىرىدا مۇدىرىيەت قۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغانلارنىڭ سانى شېرىكلەشكۈچى تەرەپلەرنىڭ كېڭىشىشى ئارقىلىق، توختام ۋە نىزامنامىدا بەلگىلىنىدۇ ھەمدە ئۇلارنى شېرىكلەشكۈچى تەرەپلەر تەيىنلەيدۇ ۋە يەڭگۈشلەيدۇ. مۇدىر ۋە مۇئاۋىن مۇدىرنى شېرىكلەشكۈچى تەرەپلەر مەسلىھەتلىشىپ بەلگىلەيدۇ ياكى مۇدىرىيەت يىغىنىدا سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرىدۇ. جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك شېرىكلەشكۈچىلەردىن بىر تەرەپ مۇدىرلىقنى ئۈستىگە ئالغان بولسا، ئىككىنچى تەرەپ مۇئاۋىن مۇدىرلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مۇدىرىيەت شېرىكچىلىك كارخانىسىنىڭ چوڭ مەسىلىلىرىنى باراۋەر بولۇش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپى ئاساسىدا قارار قىلىدۇ.

مۇدىرىيەتنىڭ خىزمەت ھوقۇقى شېرىكچىلىك كارخانىسىنىڭ ھەممە چوڭ مەسىلىلىرىنى نىزامنامىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇزاكىرە قىلىپ قارار چىقىرىشتىن ئىبارەت، يەنى كارخانىنىڭ تەرەققىيات پىلانى، ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت لايىھىسى، كىرىم-چىقىم خام چوتى، پايدا تەقسىماتى، ئەمگەك-مائاش پىلانى، تىجارەتنى توختىتىش شۇنىڭدەك باش دىرېكتور ۋە مۇئاۋىن باش دىرېكتور، باش ئىنژېنېر، باش بوغالتىر ۋە مۇپەتتىشلەرنى تەيىنلەش ياكى تەكلىپ قىلىش، ئۇلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ھەم تەمىناتىنى بەلگىلەش ۋە باشقىلار.

باش دىرېكتور ۋە مۇئاۋىن باش دىرېكتورلۇقنى(ياكى زاۋۇت باشلىقى ۋە مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقلىقىنى) شېرىكلەشكۈچى تەرەپلەر ئايرىم-ئايرىم ئۈستىگە ئالىدۇ.

شېرىكچىلىك كارخانىلىرى ئىشچى-خىزمەتچى ئېلىش، ئۇلارنى ئىشتىن بوشىتىش، ھەق بېرىش، پاراۋانلىق، ئەمگەك مۇلازىمىتى، ئەمگەك سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قانۇن بويىچە توختام تۈزۈش ئارقىلىق بەلگىلىشى كېرەك.

7-ماددا شېرىكچىلىك كارخانىلىرى قانۇن بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى قۇرىدۇ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. 

شېرىكچىلىك كارخانىلىرى شۇ كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا زۆرۈر پائالىيەت شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

8-ماددا شېرىكچىلىك كارخانىلىرى ئۆزلىرى ئېرىشكەن ئومۇمىي پايدىدىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باج قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە شېرىكچىلىك كارخانىسى تاپاۋەت بېجى تاپشۇرغاندىن كېيىن، شېرىكچىلىك كارخانىسىنىڭ نىزامنامىسىدا بەلگىلەنگەن زاپاس فوندىنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر مۇكاپات فوندىنى، شۇنىڭدەك پاراۋانلىق فوندىنى ۋە كارخانىنىڭ تەرەققىيات فوندىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغان ساپ پايدىنى شېرىكلەشكۈچى تەرەپلەرنىڭ تىزىمغا ئېلىنغان كاپىتالىنىڭ نىسبىتىگە قاراپ تەقسىم قىلىدۇ.

شېرىكچىلىك كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ باج ئېلىشقا دائىر قانۇنى ۋە مەمۇرىي نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، باج كېمەيتىلىدىغان ۋە كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ئالاھىدە مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

چەت ئەللىك شېرىكلەشكۈچىلەر ئۆزىگە تەگكەن ساپ پايدىنى جۇڭگو تەۋەسىدە يەنە مەبلەغ قىلىپ سالغاندا، بۇرۇن تاپشۇرغان تاپاۋەت بېجىنىڭ بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

9-ماددا شېرىكچىلىك كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئورگىنى تاشقى پېرېۋوت كەسپى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ، دەپ رۇخسەت قىلغان بانكىدا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىدا تاشقى پېرېۋوت ھېساباتىنى تىجارەت كىنىشكىسىغا ئاساسەن ئېچىشى كېرەك.

شېرىكچىلىك كارخانىلىرىنىڭ تاشقى پېرېۋوتقا ئائىت ئىشلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى پېرېۋوتنى باشقۇرۇش نىزامى بويىچە بېجىرىلىشى كېرەك.

شېرىكچىلىك كارخانىلىرى ئۆزىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىدا بىۋاسىتە چەت ئەل بانكىلىرىدىن مەبلەغ قەرز ئالسا بولىدۇ.

شېرىكچىلىك كارخانىلىرى سۇغۇرتا ئىشلىرىدا جۇڭگو تەۋەسىدىكى سۇغۇرتا شىركىتىگە سۇغۇرتىلىتىشى لازىم.

10-ماددا شېرىكچىلىك كارخانىلىرى ئۆزلىرىگە كېرەكلىك خام ئەشيا-ماتېرىيال، يېقىلغۇ قاتارلىق ئەشيالارنى ئادىل، مۇۋاپىق بولۇش پرىنسىپى بويىچە، ئىچكى بازاردىن سېتىۋالسا ياكى خەلقئارا بازاردىن سېتىۋالسا بولىدۇ.

شېرىكچىلىك كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگونىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ سېتىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى تاشقى بازاردا شېرىكچىلىك كارخانىلىرىنىڭ ئۆزلىرى بىۋاسىتە ساتسا ياكى ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىدار بولغان ھاۋالە ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ساتسا بولىدۇ، جۇڭگونىڭ تاشقى سودا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ساتسىمۇ بولىدۇ، شېرىكچىلىك كارخانىلىرى مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگو بازارلىرىدا ساتسىمۇ بولىدۇ.

شېرىكچىلىك كارخانىلىرى زۆرۈر تېپىلغاندا، جۇڭگونىڭ سىرتىدا شۆبە ئاپپارات قۇرسا بولىدۇ.

11-ماددا چەت ئەللىك شېرىكلەشكۈچىلەر قانۇندا ۋە كېلىشىم-توختاملاردا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگەندىن كېيىن ئۆزىگە تەگكەن ساپ پايدىنى ۋە شېرىكچىلىك كارخانىلىرى قەرەلى توشقاندا ياكى ئىشتىن توختىغاندا تەگكەن مەبلىغىنى ۋە باشقا مەبلەغلىرىنى شېرىكچىلىك كارخانىسىنىڭ توختامدا بەلگىلەنگەن پۇل تۈرىنى ئاساس قىلىپ، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش نىزامى بويىچە چەت ئەلگە پېرېۋوت قىلسا بولىدۇ.

چەت ئەللىك شېرىكلەشكۈچىلەرنىڭ چەتكە پېرېۋوت قىلىشقا بولىدىغان تاشقى پېرېۋوتىنى جۇڭگو بانكىسىغا ئامانەت قويۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

12-ماددا شېرىكچىلىك كارخانىلىرىنىڭ چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئۆزىنىڭ مائاش كىرىمىنى ۋە باشقا ھالال كىرىمىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باج قانۇنى بويىچە شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرغاندىن كېيىن، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش نىزامى بويىچە چەت ئەلگە پېرېۋوت قىلسا بولىدۇ.

13-ماددا شېرىكچىلىك كارخانىلىرى شېرىكلىشىش مۇددىتىنى ئوخشاش بولمىغان كەسىپ ۋە ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارغا قاراپ خىلمۇ خىلپۈتۈشسە بولىدۇ. بەزى كەسىپلەردىكى شېرىكچىلىك كارخانىلىرىنىڭ شېرىكلىشىش مۇددىتىنى پۈتۈشۈش كېرەك. بەزى كەسىپلەردىكى شېرىكچىلىك كارخانىلىرى شېرىكلىشىش مۇددىتىنى پۈتۈشسىمۇ، پۈتۈشمىسىمۇ بولىدۇ. شېرىكلىشىش مۇددىتىنى پۈتۈشكەن شېرىكچىلىك كارخانىلىرىدىكى شېرىكلەشكۈچى تەرەپلەر شېرىكلىشىش مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا قوشۇلسا، شېرىكلىشىش مۇددىتى توشۇشتىن ئالتە ئاي بۇرۇن تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى ئورگانغا ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك، تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى ئورگان ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە ئۇنى تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك.

14-ماددا شېرىكچىلىك كارخانىلىرىدا ئېغىر زىيان تارتىش ئەھۋالى، بىر تەرەپنىڭ توختامدا ۋە نىزامنامىدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلماسلىق ئەھۋالى ۋە يەڭگىلى بولمايدىغان ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە ئوخشاش ئەھۋاللار كۆرۈلسە، شېرىكلەشكۈچى تەرەپلەرنىڭ مەسلىھەتلىشىپ بىر پىكىرگە كېلىشى بىلەن تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى ئورگانلارغا تەستىقلىتىش ھەمدە دۆلەتنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تىزىملىتىش ئارقىلىق توختامنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. توختامغا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبىدىن زىيان تۇغۇلغان بولسا، توختامغا خىلاپلىق قىلغۇچى تەرەپ ئىقتىسادىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

15-ماددا شېرىكلەشكۈچى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ماجىرا تۇغۇلۇپ، ئۇنى مۇدىرىيەت مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلالماي قالسا، جۇڭگونىڭ كېسىم ئاپپاراتى مۇرەسسە قىلىدۇ ياكى كېسىم قىلىدۇ، شېرىكلەشكۈچى تەرەپلەرنىڭ كېلىشىشى بىلەن باشقا كېسىم ئاپپاراتلىرى كېسىم قىلسىمۇ بولىدۇ.

شېرىكلەشكۈچى تەرەپلەر توختامغا كېسىم ماددىلىرىنى كىرگۈزمىگەن بولسا ياكى كېيىن يازما كېسىم كېلىشىمى ھاسىل قىلمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

16-ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#