دۇجياڭيەن
دۇجياڭيەن سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دۇجياڭيەن سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. چىن سۇلالىسى دەۋرىدە لى بىڭ دۇجياڭيەن توسمىسىنى قۇرغان، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شەھەرنىڭ شىمالىغا يۇيلىگۇەن قوۋۇقى ياسالغان، جىن سۇلالىسى مەزگىلىدە گۇەنكۇ تەسىس قىلىنغان، بەش دەۋردىن يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە گۇەنجۇ دەپ ئاتالغان، مىڭ سۇلالىسىدىن كېيىن گۇەنشيەن دەپ ئاتالغان. بەش دەۋر مەزگىلىدە سېلىنغان كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، شۇنىڭدەك كۇيگۇاڭ مۇنارى، چېڭخۇاڭمياۋ بۇتخانىسى ۋە بىرمۇنچە ئەنئەنىۋى پۇقرالار ھويلا-ئاراملىرى بار. دۇجياڭيەن توسمىسى جۇڭگو قەدىمكى زاماندىكى چوڭ تىپتىكى سۇ قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇ تا ھازىرغىچە رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. ئۇ مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى بولۇپ، بۇ يەردە لى بىڭ ئاتا-بالىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن سېلىنغان ئېرۋاڭمياۋ ئىبادەتخانىسى ۋە فۇلۇڭ راۋىقى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.