كاسىنە يىلتىزى

كاسىنە يىلتىزى

كاسىنە يىلتىزى سۈيدۈك ھەيدەش، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى كاسىنە يىلتىزى
ئىنگلىزچە Common Chcory Root
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 菊苣根 ju ju gen
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن چىقىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك كاسىنىنىڭ يىلتىزى بولۇپ، رەڭگى ئاق، پۇرىقى سۇس بولىدۇ.

خىميىۋىلىك تەركىبى

تەركىبىدە تاننىن ۋە فېرمېنت قاتارلىق تەركىبلەر بار.

توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىششىق قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش خۇسۇسىيىتى بار.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

جىگەر ماي ماددىسىنى تۆۋەنلىتىش تەسىرىگە ئىگە.

ئورۇنباسارى

كاسىنە ئۇرۇقى.

ئەكىس تەسىرى

ئاشقازانغا زىيانلىق، كۆڭۈلنى ئېلىشتۇرىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

زەنجىۋىل، ھەسەل

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

شەربىتى دىنار، شەربىتى بىخ كاسىنە.

جىگەر، ئۆت، بۆرەك ياللۇغى، جىگەر توسۇلۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

كاسىنە يىلتىزى، كاسىنە ئۇرۇقى، بىخ كەبىر قاتارلىق دورىلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلاپ، ئىستېمال قىلسا، جىگەر، ئۆت، بۆرەك ياللۇغلىرىنى قايتۇرۇپ، جىگەر توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ.

مىقدارى

10 ~ 3 گرام

ساقلاش

كۈز پەسلـىدە كـولاپ ئېـلىـپ، ئىـلغـاپ سـاپلاشـتـۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=477

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#