سارتون

سارتون(George Sarton) دۇنيا پەن تارىخى ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى، پەن تارىخى ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ ئالاھىدە ئۆگىنىش ۋە پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، پەن ئىشتىياقى زادىلا سوۋۇپ باقمىغان، بارلىق ياۋروپا تىللىرىنى دېگۈدەك راۋان بىلگەندىن باشقا ئەرەبچە، تۈركچە ۋە خەنزۇچىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان، ئۆزىنىڭ مول بىلىمىگە ۋە تەپەككۈر ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئىلگىرى بولمىغان پەن تارىخىنى مۇنتىزىم پەن تۈرىگە ئايلاندۇرغان ئالىم.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سارتون
يۇرتى گېنت شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1956-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
دۆلەت تەۋەلىكى بېلگىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1884-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
كەسپى پەن تارىخى ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى، ئالىم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سارتون بېلگىيەنىڭ فىلەمىش مىللىتى رايونىدىكى گېنت شەھىرىدە، تۆمۈر يول ئىنژېنېر ئائىلىسىدە 1884-يىلى 8-ئاينىڭ31-كۈنى تۇغۇلغان. سارتون 3 ئايلىق بولغاندا ئاپىسى يۈرەك كېسىلى بىلەن تۈگەپ كەتكەن. سارتون دەسلەپتە پەلسەپە ئۆگەنگەن بولسىمۇ پەلسەپىنىڭ ئەھمىيىتىگە قايىل بولماي كېيىن كەسپ ئالماشتۇرۇپ خېمىيە ۋە ماتېماتىكا ئۆگەنگەن ھەمدە ناھايىتى تېزلا گېنت ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خېمىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.1909-يىلى سارتوننىڭ ئاتىسى تۈگەپ كەتكەن، ئائىلە يۈكى سارتوننى قىينىغان بولسىمۇ لېكىن سارتون ئوقۇشتىن ۋاز كەچمىگەن ۋە ئاتىسىدىن قالغان ھەممە نەرسىنى سېتىپ گېنت ئۇنىۋېرسىتى ئەتراپىدىن ئۆي ئېلىپ، تەبىئىي پەن، سەنئەت ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرگە ئورتاق بولغان ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخى ئۈستىدە ئىزدىنىش مەقسىتىدە تەتقىقاتىنى باشلىغان.

1950-يىلى سارتوننىڭ ئايالى ۋاپات بولغان، سارتونمۇ شۇ تۈپەيلى ئېغىر روھى زەربىگە يولۇققان، 1956-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى سارتون كانادادىكى مونتىلىرغا بېرىپ سۆزلەيدىغان نۇتىقىغا مېڭىش ئۈچۈن ئايرودرومغا كېتىۋېتىپ تاكسىدا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ ۋاپات بولغان.

سارتون ۋە قىزى 1911-يىلى 5-ئايدا سارتون «نيۇتون مېخانىكىسىنىڭ پرىنسىپى» ناملىق پەن تارىخى ھەققىدىكى ماقالىسى بىلەن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى سارتون ئەنگلىيىلىك سەنئەتكار ئېلۋىز بىلەن توي قىلىپ كېيىنكى يىلى 5-ئايدا بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان ۋە قىزىغا 5-ئاي دېگەن مەنىدە ماي دەپ ئىسىم قويغان.

ئايشۇس ژورنىلىشۇ يىلى، يەنى 1912-يىلى 28 ياشقا كىرگەن سارتون پەن تارىخىنى پەن تۈرىگە ئايلاندۇرۇش نىيىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم بارلىق مال-مۈلكىنى سېتىپ پۇل توپلاپ دۇنيادىكى پەن تارىخىغا ئائىت تۇنجى قەرەللىك ژۇرنال «ئايشۇس» نى چىقارغان ۋە 40 يىلغىچە تاپقان تەرگىنىنى ژۇرنالغا ئاتاپ، بۇ ژۇرناللارنىڭ مۇھەررىرى ۋە سىتون يازغۇچىسى بولغان.(ئايشۇس ھازىرمۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ مەشھۇر ۋە نوپۇزلۇق پەن تارىخى ژۇرنىلى بولۇپ كەلمەكتە). ئايشۇس (Isis) قەدىمقى سكاندىناۋىيە ئەپسانىلىرىدىكى داۋالاش ۋە تۇغۇت ئايال ئىلاھىنىڭ ئىسمى بولۇپ سارتون كېينكى يىللاردا« 1912-يىلى مېنىڭ ئىككى قىزىم-ماي ۋە ئايشۇس دۇنياغا كەلدى» دەپ يازغان.

 1918-يىلى7-ئايدىن كېيىن سارتون كارنىگ ئاكادىمىيىسىدە پەن تارىخى تەتقىقاتچىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلىنىپ يەنە بىر قېتىم پۇرسەتكە ئېرىشكەن، سارتون خارۋارد كۇتۇپخانىسىدىكى كىتاپلاردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرىغا ئۆزىنىڭ ھەقسىز دەرس ئۆتۈپ بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ رۇخسەت ئالغان، بىر مەزگىللىك ھەقسىز دەرستىن كېيىن سارتون ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن، 1920-يىلى سارتون يەنە بىر قېتىم خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئىككى يىللىق پەن تارىخى پروفېسسورلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان ۋە شۇ داۋاملاشقان پېتى 20 نەچچە يىل خارۋاردنىڭ پەن تارىخى پروفېسسورى بولغان.

1914-يىلى گېرمانىيە بېلگىيەگە تاجاۋۇز قىلغانلىقتىن سارتون كىتابلىرىنىڭ گېرمانىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن يىغىشتۇرۇلغانلىقىغا قاراپ بېلگىيەدىن كېتىش نىيىتىگە كەلگەن ۋە ئارقا گۈللۈككە يۇشۇرۇپ قويغان بىرلا خاتىرىسىنى ئېلىپ ئاۋال گوللاندىيەگە ئاندىن لوندونغا بارغان. لوندوندا سارتون ھېچقانچە قەدىرلەنمىگەن، تۇرمۇشىمۇ قىيىنچىلىقتا قېلىپ قەرزگە بوغۇلۇپ ژۇرنال توختاپ قالغىلى قىل قالغان. شۇنىڭ بىلەن 1915-يىلى سارتون بالىلىرىنى لوندوندا قويۇپ ئۆزى يالغۇز ئامېرىكىغا تىرىكچىلىك يولى ئىزدەپ بارغان. سارتون ئامېرىكىغا بېرىپلا ئىلگىرى تونۇشقان خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە دوكتورى ھاندىرسون بىلەن كۆرۈشكەن، ھاندىرسون سارتوننى مەكتەپكە ئېلىپ قېلىش ئىلتىماسىدا « ئامېرىكىدا پەن بارلىققا كەلگىلى تېخى يۈز يىل بولمىدى، زېمىنىمىز چوڭ بولسىمۇ پەن-تېخنىكا كۈچىمىز ياۋروپادىكى ئۇششاق دۆلەتلەرنىڭ كۆپ ئارقىدا، بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا ھازىرقى ئامېرىكىغا بىر ئەمەس بەلكى مىڭلىغان ئونمىڭلىغان سارتون كېرەك» دەپ يازغان.

سارتون خارۋاردتا «ئالىم ۋە سەنئەتكار داۋىنچى دەۋرىدىكى پەن ۋە مەدەنىيەت» ناملىق نۇتقىنى سۆزلەپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن، نەتىجىدە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى پەن تارىخى دەرسى تەسىس قىلىپ 1916-يىلى 5-ئايدا 2000 دوللار ئايلىق مۇئاش بىلەن سارتوننى پروفېسسور بولۇپ تەكلىپ قىلىنغان. ئەمما بىر يىلدىن كېيىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىدا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق يۈز بەرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەن تارىخى بىۋاستە ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىدىغان كەسپ بولمىغاچقا سارتوننىڭ دەرسىنى ئاڭلايدىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ ئازلاپ كەتكەن، مەكتەپ سارتوننى داۋاملىق تەكلىپ قىلمىغان. ئائىلىسىنى ئەكىلىۋالغان سارتون يات ئەلدە يەنە بىر قېتىم ئىقتىسادىي قىينچىلىقتا قالغان، يېڭى تۇغۇلغان ئوغلىنى داۋالاتقىلى پۇلى بولمىغاچقا ئۆلۈپ كەتكەن. ئەمما سارتون تىراژى يوق، پارچە سېتىلىشى 100 دىن ئاشمىغان ئەھۋالدىمۇ «ئايشۇس» نى زادىلا توختىتىپ قويمىغان. سارتۇننىڭ ئايالىمۇ ژۇرنالنى لايىھىلەش، پوچتىدىن ئەۋەتىش خىزمىتىنى مىننەتسىز ئىشلەپ ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قوللىغان. 

سارتون پەن تارىخى مۇكاپاتى1924-يىلى سارتوننىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئامېرىكىدا «پەن تارىخى جەمئىيىتى» قۇرۇلغان، ئىككى يىلدىن كېيىن ئايشۇس بۇ جەمئىيەتنىڭ ئورگان ژۇرنىلى بولۇپ قالغان. ژۇرنال تەرەققى قىلىپ ئامېرىكىدىكى ئىلىم ئەھلىلىرى تالىشىپ ئوقۇيدىغان تىراژى مىليوندىن ئاشقان ژۇرنالغا ئايلانغان، سارتۇنمۇ ئىقتىسادى جەھەتتىن يۈكسىلىپ ژۇرنال ۋە ئۆزىنىڭ ئىلمى تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن سارتۇن ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتلىرىدا ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ناتىق بولۇپ قالغان ۋە داۋاملىق جايلارغا بېرىپ نۇتۇق سۆزلەپ ئامېرىكىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ھەرىكتى، پەن تارىخىنىڭ مۇستەقىل پەن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 

1932-يىلى ئامېرىكا پەن تارىخى جەمئىيىتى ژۇرنال ۋە جەمئىيەتنىڭ كىرىمىدىن «سارتون پەن تارىخى مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغان. سارتون ئۆزى تۇنجى بولۇپ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1936-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى پەن تارىخى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى تەسىس قىلغان. 

 1984-يىلى سارتون تۇغۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا سارتوننىڭ قىزى- شۇ چاغدا دۇنيادا داڭلىق شائىر ۋە ھېكايە يازغۇچىسى بولۇپ قالغان ماي سارتون ئاتىسىغا ئاتاپ يازغان مۇنداق بىر مىسرا سارتوننىڭ يېڭى بىر پەن تۈرى-پەن تارىخى ئىلمىنى پەيدا قىلغانلىقىنى تەسۋىرلەپ بېرەلەيدۇ: «مەن ئاتىڭىزنى تونۇمايمەن، لېكىن ئاتىڭىز ياققان چىراق ئاشۇ يەردە، مەن ئۇ چىراقنى ئەسلەيمەن. ئۇ چىراق كۆيۈپ تۈگىدى، لېكىن ئۇنىڭ نۇرلىرى كائىناتقا سىڭىپ كەتتى. ماددا يوقالمايدۇ، شەكىل ئۆزگەرتىدۇ، سىزنىڭ نۇرىڭىز - ئۆتكەنكى ۋە بۇندىن كېيىنكى ئىنسانىيەت تۆھپىكارلىرى بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ».[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#