چېخوف

چېخوف كىچىك سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، بالىلىق يىللىرى تۇرمۇشى جاپالىق ئۆتكەن، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىدا ئوقۇغاچ، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ تۇرمۇشىنى قامدىغان. 19 يېشىدا موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي كەسپىگە كىرگەن ھەم ئانتۇشا چېخوف تەخەللۇسىدا «يۇمۇر» ژۇرنىلىدا ئەسەر ئېلان قىلغان. ئۇ ئۆمرىدە 470 نەچچە پارچە ئەسەر ئېلان قىلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى چېخوف
دۆلەت تەۋەلىكى رۇسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1904-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 安东·契诃夫
تۇغۇلغان ۋاقتى 1860-يىلى
كەسپى يازغۇچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چېخوفرۇسىيە ھېكايىچىلىقىنى دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ چوققىسىغا ئېلىپ چىققان تۇنجى يازغۇچى چېخوف (1860 −1904-يىللار). ئۇنىڭ «6-بىمارلار ياتىقى» ئەسىرى ياش لېنىننى قورقۇتۇۋەتكەنىدى، ئۇ ئۆزىنى خۇددى كېسەلخانىغا سولىنىپ قالغاندەك سېزىپ، ئۆيىدە ئولتۇرالماي قالغانىدى.

چېخوف كىچىك سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، بالىلىق يىللىرى تۇرمۇشى جاپالىق ئۆتكەن، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىدا ئوقۇغاچ، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ تۇرمۇشىنى قامدىغان. 19 يېشىدا موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي كەسپىگە كىرگەن ھەم ئانتۇشا چېخوف تەخەللۇسىدا «يۇمۇر» ژۇرنىلىدا ئەسەر ئېلان قىلغان. ئۇ ئۆمرىدە 470 نەچچە پارچە ئەسەر ئېلان قىلغان، يەنە نۇرغۇن سەھنە ئەسىرى يازغان. 

چېخوفچېخوفنىڭ ھېكايە ئىجادىيىتىنى ئاساسەن ئۈچ دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

 1-دەۋرى

دەل چار پادىشاھى ئالكىساندر Ⅲ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىل ئىدى، ئەمەلدارلار زالىم، ساقچىلار ۋەھشىي، خەلق ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ياشاۋاتاتتى. چېخوف رېئال جەمئىيەتتىن نارازى ئىدى، ئۇ يۇمۇرلۇق، ھەجۋىي قىلىش ئۇسلۇبى بىلەن جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك كېسەل ھالىتىنى پاش قىلغان ھەم تەنقىد قىلغان. داڭلىق ھېكايىسى «چىنوۋنىكنىڭ ئۆلۈمى» دە بىر كىچىك خىزمەتچى چۈشكۈرگەندە تۈكۈرۈكى گېنېرالنىڭ تاقىر بېشىغا چاچراپ كەتكەنلىكتىن، قايتا-قايتا كەچۈرۈم سوراپمۇ، يەنە خاتىرجەم بولالماي، گېنېرالنىڭ ئۆزىنى جازالىشىدىن قورقۇپ يۈرۈپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. ھېكايىدە ئەمەلدارلارنىڭ زوراۋانلىقى پاش قىلىنىپ، كىچىك شەخسلەرنىڭ نومۇسسىز، قورقۇنچاق قۇلچىلىق پسىخىكىسى مەسخىرە قىلىنىدۇ. «خامېلېئون» دا ساقچى ئەمەلدارى ئوچۇمىلوفنىڭ تۆۋەننى بوزەك قىلىپ، يۇقىرىغا خۇشامەت قىلىدىغان، «سۇنىڭ ئېقىشىغا، تۈكنىڭ يېتىشىغا قاراپ» ئىش قىلىدىغانلىقى يېزىلغان. ئۇ پۇقرالار ئالدىدا ياۋۇزلۇقىنى ئاشكارىلاپ، زوراۋانلىق قىلىدۇ؛ پۇلدار، ھوقۇقدار ئاقسۆڭەك بيۇروكراتلارنىڭ ئالدىدا قۇللارچە خۇشامەت قىلىدۇ، ھەتتا خوجايىنلارنىڭ ئىتلىرىغىمۇ خۇشامەت قىلىدۇ. ھېكايىدە مۇشۇ ئوبراز ئارقىلىق چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ غالچىلىرىنىڭ رەزىل ئەپت-بەشىرىسىنى پاش قىلغان. بۇ مەزگىلدە، چېخوف يەنە ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئازابى ۋە بەختسىزلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان «ھەسرەت»، «پەرىشانلىق»، «ۋانكا» قاتارلىق بىرمۇنچە ئەسەرلەرنى يازغان.

 2 -دەۋرى

 2 -دەۋرى، چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقى كۈچەيگەن دەۋر. ئۇ بۇ دەۋردە «6-بىمارلار ياتىقى»، «سەكرەپ يۈرگەن ئايال» ، «ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى» ۋە باشقىلارنى ئىجاد قىلدى. «6-بىمارلار ياتىقى» دا بىر كىچىك شەھەرنىڭ دوختۇرخانىسىدا يۈز بەرگەن ھېكايە يېزىلغان. بۇ دوختۇرخانىنىڭ 6-ياتاقتا مەخسۇس «روھىي كېسەل» لەر ياتىدۇ. «كېسەل» لەر بۇ يەردە ساقىيالمايلا قالماستىن، بەلكى تاياق يەيدۇ ۋە ئادەم قېلىپىدىن چىققان خارلاشقا ئۇچرايدۇ. دوختۇر لاركىن كېسەللەرگە ئىچ ئاغرىتىپ، بۇ ئەھۋاللاردىن نارازى بولىدۇ، لېكىن ئۇ «يامانلىققا زورلۇق ئىشلەتمەي تۇرۇپ قارشىلىق كۆرسىتىش» نەزەرىيەسىگە ئىشىنىدۇ، كۈرەش قىلمايدۇ. بىر قېتىم ئۇ كېسەللەر ياتىقىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا، مۇستەبىتلەرنىڭ ئېزىشىگە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەرگە سولانغان «كېسەل» گروموف بىلەن ناھايىتى ياخشى پاراڭلىشىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ «كېسەل» دەپ قارىلىپ، «6-بىمارلار ياتىقى» غا سولاپ قويۇلۇپ، كۆزەتكۈچىلەردىن تىل ئاڭلايدۇ، قاتتىق تاياق يەيدۇ. مۇشۇ چاغدا ئۇ «يامانلىققا قارشى تۇرماسلىق» خاتالىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. لېكىن، ئەتىسى يارىسىنىڭ ئېغىرلىقىدىن سەكتە بولۇپ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. ھېكايىدە «6-بىمارلار ياتىقى» غا ئوخشاش ئۆكتەم، ياۋۇز، زۇلمەتلىك، قورقۇنچلۇق مەنزىرىنى تەسۋىرلەپ، چار پادىشاھ رۇسىيەسىنىڭ زۇلمەتلىكى ۋە ئەكسىيەتچىلىكىنى چوڭقۇر پاش قىلغان شۇنداقلا لاركىننىڭ پاجىئەسى ئارقىلىق، قارشى تۇرمىغۇچىلارنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ ھېكايە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن رۇسىيەنى زىلزىلىگە سالغان، ئاپتورمۇ شۇنىڭ بىلەن دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان.

 3 -دەۋرى

 3 -دەۋرى، رۇسىيە پرولېتارىيات ئىنقىلابى باسقۇچىغا كىردى. چېخوف ئىنقىلاب بورىنىنىڭ پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ، «بالىخانىلىق ئۆي»، «غىلاپ بەندىسى»، «كېلىنچەك» قاتارلىقلارنى يازدى. بۇنىڭ ئىچىدە «غىلاپ بەندىسى» مۇ دۇنيا ھېكايىچىلىقىدىكى ئېسىل ئەسەر بولۇپ قالدى. ھېكايىدە بىلىكوفتىن ئىبارەت كونا تۈزۈمنىڭ قوللىغۇچىسى، يېڭى شەيئىلەرگە قارشى تۇرغۇچىنىڭ تىپىك ئوبرازى يارىتىلغان. بىلىكوف «ھەرگىز قالايمىقانچىلىق چىقىپ قالمىسۇن» دېگەن سۆزنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، گەپ قىلغاندا، ئىش قىلغاندا ھامان «غىلاپ» ئىچىگە كىرىۋالىدۇ، ھەتتا ئۆزىنىمۇ «غىلاپ» ئىچىگە سېلىۋالغۇسى كېلىدۇ. بىلىكوفقا ئوخشاش ئادەملەرنىڭ تەسىرىدە، «پۈتۈن شەھەردىكى كىشىلەر ئۈنلۈكرەك گەپ قىلىشقىمۇ، سالام خەت يېزىشقىمۇ، دوست تۇتۇشقىمۇ، كىتاب ئوقۇشقىمۇ، كەمبەغەللەرگە سەدىقە بېرىشكىمۇ، كىشىلەرگە خەت ئوقۇشنى ئۆگىتىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ»، شۇ سەۋەبتىن كىچىك شەھەرنىڭ ئىچى بۇرۇقتۇرما ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. ھېكايىدە شۇ ئارقىلىق چار پادىشا ھۆكۈمرانلىقىدىكى رۇسىيەنىڭ زۇلمەتلىك ۋە تېررورلۇق ھۆكۈم سۈرگەن ھالىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، ساقچى بيۇروكراتلىقى تۈزۈمىنىڭ خەلقنى روھىي جەھەتتىن دەھشەتلىك ئەزگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. چېخوف بۇ دەۋردە يەنە «ئىۋانوف»، «چايكا»، «ۋانىيە تاغا»، «ئۈچ ئاچا-سىڭىل»، «گىلاسزارلىق» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىنى يازدى، بۇنىڭ ئىچىدە «گىلاسزارلىق» چېخوفنىڭ دراما ئىجادىيىتىدىكى ۋەكىللىك ئەسىرى ھەم دۇنيا ئەدەبىياتى تارىخىدىكى داڭلىق ئەسەر بولۇپ قالدى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    50%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#