قۇمۇل ۋىلايەتلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ، خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ. 1945-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۆلكىلىك قۇمۇل تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى دەپ ئاتالغان. 1955-يىلى قۇمول ۋىلايەتلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1994-يىلى قۇمۇل شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1997-يىلى قومۇل شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا دەپ ئوزگەرتىلگەن. 1995 يىلى ھازىرقى نامى بېكىتىلگەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 60000 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 20000 كۋادرات مېتىر. 1999-يىلىدىكى ئوقۇغۇچى سانى 1600 نەپەر، رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 128 نەپەر.
مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرلۇشى مول نەتىجىگە ئېرىشتى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ « ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى »، « ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پاكىز ئۆلچەمگە يەتكەن ئورۇن »، « ۋىلايەت دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن »، « رايون ئىدىيىۋى - سىياسىي خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن »، « مەكتەپلەر دېموكراتىك باشقۇرۇشتا ئىلغار ئورۇن »، « مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن »، « ئىككىنى ھىمايە قىلىش بويىچە ئۆلگىلىك ئورۇن »، « ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتىكى ئىلغار ئورۇن » دېگەن نامغا ئېرىشتى، مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسى ئۇدا 5 يىل ۋىلايەتلىك پارتكوم مەمۇرىي مەھكىمە تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر رەھبەرلىك بەنزىسى دەپ ئاتالدى.
مەكتەپنىڭ « مېھرىبانلىق، ئىرادىلىك، تالانتلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، يېڭى نۇسخا » نى مەكتەپ تەلىمى قىلىپ، « كەسىپنى قەدىرلەپ تىرشچان، سەمىمىي، ئىنچىكە » ئوقۇتۇش ئىستىلى، «ئەمەلىيەتچىل، ئالغا ئىنتىلىش » نى ئۆگىنىش ئىستىلى، ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ ، « پۈتۈن ئەخلاقىي تەربىيە باشچىلىقىدىكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايرىم قابىلىيەتلىرىگە قاراپ دەرس بېرىش، تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيىسى، ساپا مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ - ئوقۇتۇش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.