شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادېمىيىسى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا بىۋاستە قاراشلىق – بىر پەلسەپە ، ئىجتىمائىي پەن ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئاپپاراتى،1979-يىلى 9-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەييارلىق گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى ، 1981-يىلى 3-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى رەسمىي قۇرۇلغان .

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى
خارەكتىرى تەتقىقات ئورگىنى
ئەزا سانى 203 ئادەم ( 2008 –يىلى )
خەنزۇچە نامى 新疆社会科学院
قۇرۇلغان ۋاقتى 1983-يىلى 3- ئاي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 تۈپ مەقسىتى ۋە فاڭجېنى ، « ئىككىنى قىلىش  » ۋە « ئۈچنى بىرلەشتۈرۈپ  ئۈچنى ئاساس قىلىش» جەھەتتە چىڭ تۇرۇش ؛

«ئىككىنى قىلىش دېگىنىمىز» : يەنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات ، تەرەققىيات ، مۇقىملىق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش  ؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەشى ئۈچۈن  مۇلازىمەت قىلىش .

 «ئۈچنى بىرلەشتۈرۈپ  ئۈچنى  ئاساس قىلىش »  :  يەنى نەزەرىيە  تەتقىقاتى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى ئاساس قىلىش؛  تارىخ تەتقىقاتى ۋە رېئال مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، رېئال مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى ئاساس قىلىش  ؛ مەملىكەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش بىلەن شىنجاڭ مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، شىنجاڭ مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش ئاساس قىلىش .

 باش نىشانى بولسا  5 يىل ئەتراپىدا تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئايلاندۇرۇش  ، بىر قانچە پەنلەرنى  دۆلەت ئىچىدە  ئالدىنقى قاتارغا  ، خەلقئارادىكى داڭلىق ئىلىم سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈش . 

 پەن - تەتقىقات ئاپپاراتلىرى؛  ماركىسىزىم، لېنىنىزم ، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى ، مىللەت ، دىن ، تارىخ ، تىل ، مىللىي ئەدەبىيات ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، ئىقتىساد ، قانۇنشۇناسلىق قاتارلىق توققۇز تەتقىقات ئورنى .

 قوشۇمچە ئاپپاراتى ؛  32 مىڭ پارچە كىتاپ ساقلانغان كۇتۇپخانا ، بىر ژۇرنال تەھرىراتى ، نەشرىيات ، ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، قازاق 3 خىل يېزىقتا « شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلىرى » ۋە خەنزۇ يېزىقىدىكى « غەربىي يۇرت تەتقىقاتى » جەمئىي تۆت خىل دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا ئاشكارا ژورنىلى بار.

باشقۇرۇش ئاپپاراتى  ؛  باش ئاكادىمىيە ئىشخانىسى ، خەلق ئىشلىرى باشقارمىسى ، پەن - تەتقىقات تاشقى ئىشلار باشقارمىسى ، خوجىلىق باشقارمىسى

 پارتىيە توپ ئاپپاراتى  :  ئورگان  پارتكومى  ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ( مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسى ) ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى.

 قوشۇمچە ئورگان ؛  دەم ئېلىشقا ، پېنسىيىگە چىققان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى . 

 ئالتە مەمۇرىي شتات بولمىغان تەتقىقات مەركىزى  :  يەنى شىنجاڭ دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى تەتقىقات مەركىزى ،  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى تەتقىقاتى مەركىزى ،  شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ، دىن مەسىلىسى تەتقىقات مەركىزى ، شىنجاڭ خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزى ، غەربىي يۇرت تەتقىقاتى مەركىزى ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى    .

 ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ بىرلىشىپ قۇرغان ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەتقىقات ئورنى :  يەنى شىنجاڭ بورتالا ئوبلاستى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەتقىقات ئورنى ، ئىلى ئوبلاستى ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەتقىقات ئورنى ۋە ئاقسۇ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەتقىقات ئورنى  .

1. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ، ئىشەنچلىك بولغان « ئاقىللار كېڭىشى » ۋە « ئىدىيە ئامبىرى »نىڭ شەكىللىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىش  .  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات ، تەرەققىيات ، مۇقىملىق ئىستراتېگىيىلىك ، ئومۇمىيلىق ، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ،؛   رايونى پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان زور ، قىزىق نۇقتا ، قىزىق نۇقتا ، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش .

  2 . ئاپتونوم رايونىمىزدىكى زور بولغان ، پەلسەپە ، ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيىە مەسىلىسى  تەتقىقات بازىسىغا ئايلىنىش .

  يۇقىرى قاتلام ئىلىم پائالىيىتىنى ۋە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىلىم ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى  قانات يايدۇرۇش  ، يۇقىرى سەۋىيىلىك  دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىلمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈش.   ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق پەلسەپە ، ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات مەركىزى ، ئىلىم ئالماشتۇرۇش مەركىزى ، ئاخبارات ماتېرىياللىرى ئۇچۇر مەركىزى ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش .

 3. ماركىسىزىم  لېنىنىزم ،  ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ، « ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش » مۇھىم ئىدىيىسى ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن ، فاڭجېن ، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ، توغرا  بولغان پەلسەپە ، ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيە بىلىملىرىنىڭ مۇھىم تەرەپلىرىنى تەشۋىق قىلىش .

 4 . شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت ( ئوبلاست ) ، ناھىيە ( شەھەر ) لەردە  مۇھىم ساھە ، كەسپ ، كارخانا ئىسلاھاتى تەرەققىيات شتابىغا ئايلىنىش  .[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1541431.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#