يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ يانار تاغلار ھالىقىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاتلانتىك ئوكيان يانار تاغ بەلۋېغى ئاتلانتىك ئوكيان يانار تاغلار ھالقىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ھالقا ئامېرىكىدىكى ئالياسكىدىن باشلىنىپ، سىبىردىكى كامچاتكا يېرىم ئارىلى ئارقىلىق كۇرىل تاقىم ئاراللىرى ۋە ياپونىيىگە، مەملىكتىمىزنىڭ تەيۋەن ئۆلكىسىگە، فىلپپىن، ھىندۇنېزىيە، يېڭى گۋىنىيە، يېڭى زىللاندىيىگە كېلىپ، ئاندىن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى غەربىي دېڭىز قىرغىقىچە بارىدۇ. كامچاتكا يېرىم ئارىلىدا ھەركەتلىنىپ تۇرغان 20 دىن ئارتۇق يانار تاغ بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە كليۇچېۋ يانار تېغى ئەڭ داڭلىق، كۇرىل تاقىم ئاراللىرىدا ۋە ياپونىيىدە ھەركەتلىنىپ تۇرغان 100 گە يېقىن يانار تاغ بار. ريۇ-كيۇ تاقىم ئاراللىرى، تەيۈەن ئارىلىدىن فىلىپپىن تاقىم ئاراللىرى، ئىليان ئارىلى ۋە يېڭى زىلاندىيە تاقىم ئاراللىرىغىچە بولغان ئاراللارغا ھەمدە بۇ تاقىم ئاراللارنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزلارنىڭ تېگىگە ھەركەتلىنىپ تۇرغان 60 تىن ئارتۇق يانار تاغ تارقالغان. فىلىپپىندە 10 دىن ئارتۇق يانار تاغ بار. ئىليان ئارىلى، يېڭى زىللاندىيىدىن ئانتىراكتىكىغىچە بولغان بەلۋاغدا يانار تاغلار ھەركىتىمۇ خېلى كۆپ. تېنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىرغىقىغا يېقىن ياندىشىپ تۇرغان ياۋانى مەركەز قىلغان ياي شەكىللىك ئاراللاردا 100 گە يېقىن يانارتاغ بار. 1966-يىلدىن 1970-يىلىغىچىلىك بولغان ئارىلىقتا ھىندىنوزىيىدە 22 يانار تاغ پارتلىغان. شۇڭا ھىندىنوزىيىنى يانارتاغلار مەملىكىتى دەپ ئاتاشنىڭ ھېچقانداق ئەجەپلىنەرلىك يېرى يوق. تېنچ ئوكياننىڭ شەرقىي قىرغىقى ۋە شىمالىي ئۇچىدىكى ئالېۇت تاقىم ئاراللىرى ۋە ئالياسكا يېرىم ئارىلىدا ھەركەتلىنىپ تۇرغان 30 غا يېقىن يانار تاغ بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە «تۈتۈن جىلغىلىرى» موجىسىنى ياراتقان كاتماي يانار تېغى ئەنە شۇ ئالياسكا يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان. جەنۇبقا قاراپ ماڭغاندا، مېكسىكىدىن پارىكۇتىن، زورونو قاتارلىق يانار تاغلار ناھايىتى ئاتاقلىق، ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى گۋاتېمالا، سالۋادور، كوستارىكا قاتارلىق ئەللەر يانار تاغلار كۆپ تارقالغان مەملىكەتلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سالۋادورنىڭ دېڭىز قىرغىقىدا ئىسالكو دېگەن يانار تاغ بولۇپ، ھەر نەچچە مىنۇتتىن ئون نەچچە مىنۇتقىچە بولغان ئارىلىقتا بىر قېتىم پارتلاپ تۇرىدۇ. كېچىدە ماڭغان كېمىلەر ئۇنىڭدىن ماياك سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ. يەنىمۇ جەنۇبقا ماڭغاندا كولومىيىسىنىڭ غەربىي قىسمى، ئېكۋاتور، پېرودىن چېلىغىچە بولغان جايلاردىمۇ يانار تاغلاپ كۆپ. دۇنيا بويىچە ھەركەتلىنىپ تۇرغان ئەڭ ئېگىز يانار تاغ كوتوپاكسى يانار تېغى ئېكۋاتور دائىرىسىگە جايلاشقان.

تېنچ ئوكيان يانار تاغلار ھالقىسىدىكى كۆپلىگەن يانار تاغلار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھالقا ئىچىگە جايلاشقان تېنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى يانار تاغلار ھەمدە تېنچ ئوكيان يانار تاغ ھالقىسىغا زىچ تۇتىشىپ تۇرىدىغان ياۋا ياي شەكىللىك ئاراللاردىكى يانار تاغلارنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەركەتلىنىپ تۇرغان يانار تاغلارنىڭ بەشتە تۆت قىسىمنى تەشكىل قىلدۇ. شۇڭا بۇ ھالقا ھەقىقەتەنمۇ يەر شارىدىكى «يانار تاغلار ھالقىسى» بولۇشقا مۇناسىپ.

نۇرغۇن ئالىملار تېنچ ئوكيان يانار تاغلار ھالقىسىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈش ھەركىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا. چۈنكى ھالقىدىكى تېنچ ئوكيان يانار تاغلىرىنىڭ يەر تەۋرەش بەلۋېغىنىڭ غەربىي يېرىم قىسمى-تېنىچ ئوكياننىڭ غەربىي چېگرىسى ياۋروپا-ئاسىيا، ئاۋسترالىيە بۆلەكلىرىنىڭ چېگرا ئايرىش بەلۋېغى؛ شەرقى يېرىم قىسمى-تېنچ ئوكيان بۆلىكى بىلەن ئامېرىكا بۆلىكىنىڭ چېگرا ئايرىش بەلۋېغى، جەنۇبىي يېرىم قىسمى بولسا تېنچ ئوكيان بۆلىكى بىلەن جەنۇبىي قۇتۇپ بۆلىكىنىڭ چېگرا ئايرىش بەلۋېغى؛ بۆلەكلەر چېگرا ئايرىش بەلۋېغىدا يانار تاغلار كۆپ بولغانلىقتىن، بۇ يەرلەردە يەر تەۋرەش ھېچقانداق ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس. ) جى خۇڭ


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#