يېڭىئېرىق يېزىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. يېڭىئېرىق يېزىسى (يېڭىشەھەر ناھىيەسى)
  2. يېڭىئېرىق يېزىسى (خوتەن ناھىيەسى)
  3. يېڭىئېرىق يېزىسى (ئاۋات ناھىيەسى)
يېڭىشەھەر ناھىيەسى

يېڭىئېرىق يېزىسى

يېڭىئېرىق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 26 كىلومېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى يېڭىئېرىق يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا دەرىجىلىك
يەر مەيدانى 106 كۋادرات كىلومېتىر
تېلېفون رايون نومۇرى 0998
خەنزۇچە ئاتىلىشى 英尔力克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى
نوپۇسى 20532 ئادەم
ماشىنا كودى يېڭى Q

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يېڭىئېرىق يېزىسىيېڭىئېرىق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 26 كىلومېتىر بولۇپ، ئۇنىڭغا 18 مەمۇرىي كەنت، 116 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 4055 ئائىلە بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 20532 ئادەم.

پۈتۈن يېزا زېمىن كۆلىمى 106 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 48524 مو؛ بۇلار ئىچىدە 2100 مو بۇغداي، 612 مو يەر قوناق، كېۋەز 18265 مو، قوش پەردىلىك قوغۇندىن 2989 مو، 184 مو لاپاس پارنىك قىلىنغان. قۇرۇقلۇق قوغۇن 667 مو بولۇپ، 4328 مو بېدە، 30 مو قىچا. يېزا بويىچە جەمئىي 14 پونكىت-سولار بار، 2 ئوتتۇرا مەكتەپ، 7 باشلانغۇچ مەكتەپ؛ بىر يېزىلىق پارتكوم ، 32 پارتىيە ياچېيكىسى، 89 پارتىيە گۇرۇپپىسى، پارتىيە ئەزالىرى 781 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئالغار دېھقان پارتىيە ئەزالىرى 601 ئادەم، «3 خىل پېشقەدەملەر» جەمئىي 107 نەپەر. ھازىر بەش كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، بىر پونكىت ۋە بىر مەكتەپ، ناھىيەلىك پارتكوم تەرپىدىن «بەشتە ياخشى» كەنت پارتىيە ياچېيكىسى دەپ نام بېرىلگەن.

يېڭىئېرىق يېزىسىيېڭىئېرىق يېزىسى بويىچە 18 مەمۇرىي كەنت بار بۇلۇپ، بۇلار : يىلقىچىھويلا كەنتى، ئەچكۈچى كەنتى، داڭگالچى كەنتى، قۇملۇق كەنتى، غازلا كەنتى، چارىباغ كەنتى، يۇقارقى يېڭىئېرىق كەنتى، لوكتوما كەنتى، ئويقاپ كەنتى، شەھەرباغ كەنتى، ئۇزۇنساقال كەنتى، تۆۋەنكى ھويلا كەنتى، ئاراتوما كەنتى، باخشىلا كەنتى، ئاغۇت كەنتى، زۇلالا كەنتى، تۆۋەنكى يېڭىئېرىق كەنتى، خاملا كەنتى قاتارلىقلار.

پۈتۈن يېزا ئىقتىسادى ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىكنى ئاساس قىلدىغان بۇلۇپ، ئاشلىق، كېۋەز، مېۋىلىك باغ، چارۋىچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى (پارنىك) قاتارلىق بەش چوڭ تۈۋرۈك كەسىپلىرى دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەم ئەۋزەللىكى شەكىللەندۈرۈپ. يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئاشلىق، كېۋەز، مېۋىلىك باغ، چارۋىچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى (پارنىك) چىقىدىغان ئاساسلىق رايون.

ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانى 

يېڭىئېرىق يېزىسى1. يېڭىئېرىق يېزىسىدىكى پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈش ئۈلگە كۆرسۈتۈش بازىسى، تېخنىكا قوبۇل قىلىش، مەبلەغ ۋە يېڭى سورت يىتىشتۈرۈپ، يەنە بىر قېتىم ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى كۆرسىتىدۇ، ئىشلەپچىقىرىپ سېتىشى يۈرۈشلەشكەن نىشانى ئەڭ ئاخىرقى قاراپ زىيانسىز يۆنىلىشىگە قاراپ قەدەم تاشلاش.

2. چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىدىن پايدىلىنىپ سىيىر باقمىچىلىق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە چىنچۇەن كالىسى باقمىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنى ئېچىپ مول بولغان سۈت كالسى، گۆش كالىسى، چوشقا، توخۇ قاتارلىق بايلىق مەنبەلىرىنى كۆلەملىك چارۋا باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش.

3. ساياھەت بايلىقىنى ئېچىپ ياتا-تاماق، ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردىن ھەر تەرەپلىمە تەرەققىي قىلدۇرۇش، داڭلىق ساياھەت رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#