كوجا ئاش

كوجا ئاش بولسا گۆش ، يۇمغاقسۈت ، ئاققوناق ، تۇز ، ياغ ، كاۋاۋىچىن ، پىياز ، زەنجىۋىل ، ياڭيۇ ياكى چامغۇر قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ ،تەمى ياخشى .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لازىملىق ماتىرياللارگۆش 500 گرام، يۇمغاقسۈت ئازراق، ئاققوناق 200 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ياغ 70 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، پىياز بىر باش، زەنجىۋىل ئازراق، ياڭيۇ ياكى چامغۇر ئىككى باش. 

1. ئاققوناقنى كېلى(چاناق) دا سوقۇپ، پوستىنى ياخشى ئاجرىتىش ئۈچۈن كېلىغا ئاز-ئازدىن سۇ قۇيۇلىدۇ. ئاققوناقنى ئاقلاپ تەييارلىغاندىن كېيىن، سوغۇق سۇدا يۇيۇپ سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ.

2. گۆشنى جىگدىدەك چوڭلۇقتا، پىيازنى ياپىلاق، ياڭيۇ ياكى چامغۇرنى كىچىك چاقماق شەكلىدە، يۇمغاقسۈتنى ئۇششاق توغرىلىدۇ. 

3. قازانغا ياغ قۇيۇپ داغلىغاندىن كېيىن گۆش ۋە پىيازنى سېلىپ قورۇپ، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن قاتارلىق دورا-دەرمەكلەر ۋە ئازغىنە تۇز سېلىپ، يەنە بىر نەچچە مەرتىۋە قورۇپ، سۇ قۇيۇپ قاينىتىلىدۇ. ئاندىن ئاقلانغان ئاققوناقنى سېلىپ 45-40 مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرۇپ، كېيىن توغرالغان ياڭيۇ ياكى چامغۇرنى سېلىپ 25 - 20 مىنۇت قايناتسىلا بولىدۇ. 

4. تاماق ئاساسەن پىشقاندا تۇز قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ، ئۇششاق توغرالغان يۇمغاقسۈتنى سېلىپ، قازاننى ئوتتىن ئېلىپ 6 5 مىنۇت تۇرغۇزۇپ قاچىلارغا ئۇسۇلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#