بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتى
بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتى دۆلەت باشقۇرۇشۇدىكى ئۇنۋېرسال ئۇنۋېرسىتېت بولۇپ ئىزچىل جۇڭگۇدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئون ئالى مەكتەپنىڭ بىرى ، شۇنداقلا دۇنيادىكى يۈز مەشھۇر ئالى مەكتەپنىڭ بىرى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بېيجىڭ ئۇنۋېرستېتىبېيجىڭ ئۇنۋېرستېتى 1896-يىلى قۇرۇلغان، ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەتلىك ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ ئورگىنى. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن ھازىرقى نامى بارلىققا كەلگەن. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتى دۆلەت "211" قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ئورۇن. ئىجتىمائىي پەندە جوڭگۇ بويىچە بىرىنجى ئورۇندا. 2000-يىلى سابىق"بېيجىڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتى" بىلەن بىرلەشكەن، ئىككى مەكتەپ رايونى بار. بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىنىڭ قۇرۇلۇشلىرى قەدىمكى تۈسنى ساقلاپ قالغان، مەكتەپ كۈتۈپخانىسى، "يۈز يىللىق چوڭ زال" قاتارلىقلاربىلەن داڭلىق.
بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتى ئەڭ بۇرۇن دېمۇكراتىك ئىدىيىنى جۇڭگودا تارقاتقان ئورۇن، جوڭگۇ كوممىتىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى پائالىيەت بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللەتنىڭ باش كۆتۈرۈشى، ئازادلىقى، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىياتى، قەمئىيەتنىڭ مەدىنىيەت ئىلگىرلىشىدە ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى. ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئالغائىلگىرلەش، دېمۇكراتىيە، ئىلىم پەن-ئۇنۋېرستېتا ئەزەلدىن تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدىيە.
جوڭگۇھازىرقى زامان يازغۇچىسى، جەمئىيەتشۇناس ماۋدۇن(茅盾)، جوڭگۇ يېقىنقى زامان دېمۇكراتىك ئىنقىلابچسى، مائارىپشۇناس، ئالىم سەي يۇئەن پېي( 蔡元培)، جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسى دەسلەپكى رەھبەرلىرىدىن بىرى: چىن دۇ شىيۇ( 陈独秀)، جوڭگۇ ھازىرقى زامان ئەدىب، تارىخشۇناس، پەيلاسۇپى: خۇشى(胡适) ھازىرقى ئۇنۋېرستېت مۇدىرى ئاكادىمىك شۈي جى خوڭ ، ھازىرقى زامان مەشھۇر زاتلاردىن لى كې چىياڭ ۋە جۇڭگودىكى تۇنجى ئايال نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى تۇ يوۋ يوۋ قاتارلىقلار بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا بىلىم ئاشۇرغان.
قانۇن تىپىدىكىلەر
قانۇن كەسپى؛
تەبىئىي پەن تىپىدىكىلەر
تەبىئىي پەن تەجرىبە سىنىپلىرى (ماتىماتىكا، يۇەن پېي تەجرىبە سىنىپى)، ماتىماتىكا، فىزىكا. خېمىيە، ئاسترونۇمىيە، گېئولوگىيە، يەرشارى خېمىيىسى، يەرشارى فىزىكىسى، قوللىنىشچان كۈچ ئىلمى ۋە نەزەرىيىسى، ئېلىكترۇن ئۇچۇر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى، مىكرۇ ئېلىكترۇن ئىلمى، ئۇچۇر ئىلمى تېخنىكىسى ، سېستىما ئىلمى، بوشلۇق ئۇچۇر ۋە سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسى؛
چەتئەل تىلى ئەدەبىياتى تىپىدىكىلەر
ئىنگىلىزتىلى، رۇس تىلى، چاۋشىيەن تىلى، ئەرەب تىلى، ياپون تىلى، ئىسپان تىلى، گىرمان تىلى، فىرانسۇز تىلى.
بېيجىڭ ئۇنۋېرستېتىدا ھازىر 16 مىڭ 73 ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى. 29 مىڭ617 ئوقۇغۇچى بار. دوكتۇر تەربىيىلەش نۇقتىسىدىن 199 ى، ئاسپرانت تەربىيىلەش نۇقتىسىدىن 211 ى، تولۇق كۇرس كەسپىدىن100 ى بار. 139 كەسىپتىن 35 دوكتۇر ئاشتى تەربىيىلەش ئورنىغا ئىگە؛
بېيجىڭ ئۇنۋېرستېتى پروففىسۇر، دوكتۇر تەربىيىچىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئاكادىمىكى ۋە دۆلەتلىك نۇقتىلىق پەن، نۇقتىلىق تەجرىبىخانا سانى جەھەتتە دۆلىتىمىز بويىچە بىرىنجى ئورۇندا.
بېيجىڭ ئۇنۋېرستېتىبېيجىڭ ئۇنۋېرستېتى تىلغا ئېلىنسىلا "گۇاڭخۇا"باشقۇرۇش ئېنىستۇتى ئەسكە كەلمەي قالمايدۇ. بازار ئىگىلىكىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن شىركەتلەرگە باشقۇرغۇچى تەربىيىلەشنى مەقسەد قىلغان بۇ ئىنىتىتوتتا 10 فاكۇلتىت بولۇپ، ئۇلار ئايرىم ھالدا: قوللىنىشچان ئىقتىساد ئىلمى فاكۇلتىتى، پۇل-مۇئامىلە فاكۇلتىتى، ئۇيۇشما باشقۇرۇش ئىلمى فاكۇلتىتى، بازار مۇلازىمىتى فاكۇلتىتى، سىتىراتىگىيە باشقۇرۇش فاكۇلتىتى، بوغالتىرلىق فاكۇلتىتى، باشقۇرۇش ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى فاكۇلتىتى، تازىلىق ئىقتىسادى ۋە باشقۇرۇش ئىلمى فاكۇلتىتى، تاۋار سىتاتسىتىكىسى ۋە ئىقتىساد مىقدارى فاكۇلتىتى، ئۇچۇر سېستىمىسى ۋە تاۋار ئاقما باشقۇرۇش فاكۇلتىتى بېيجىڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى مېدىتسىنا بۆلىمى بولۇپ ئايرىم چۈشەنچە بېرىلىدۇ.
ھەريىلى بېيجىڭ ئۇنۋېرستېتىغا قوبۇل قىلىنىدىغان شىنجاڭلىق مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بەكلا چەكلىك-تۆت نەپەر، مېدىتسىنا بۆلىمى 12 نەپەر. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن خەنزۇتىلىدا ئوقۇغان، ئۇيغۇر يېزىقى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۇيغۇر يېزىقى ئۆزگىنىش دولقۇنى قوزغىلىپ ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەشكىللەپ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش سىنىپى ئاچقان، ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى كۆرىنەرلىك بولغان.
بېيجىڭ ئۇنۋېرستېتىغا يۇقىرى نۇمۇر بىلەن تاللانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسىمۇ ئالاھىدە، جوڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىكىغا ئىمتىھانسىز ئاسپرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان ساناقلىق مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر ئارىسىدائۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ بار.
بېيجىڭ ئۇنۋېرستېتى ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق داڭلىق ئۇنۋېرستېت، مەكتەپ قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ ئوقۇتۇش سۈپىتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىغىچە كىشىنى قايىل قىلماي تۇرالمايدۇ. ئوقۇغۇچىلاردىكى ئەركىن پىكىرلىك، قويۇق دېمۇكراتىك ئىدىيە ئەينى دەۋردىكى ياشلاردىكى قىزغىنلىقنى ئەسلىتىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.