يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش نىزامى

يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش نىزامى

«يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش نىزامى» 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 76-دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش نىزامى
ئېلان قىلغان ئورگان گوۋۇيۈەن
ماقۇللانغان ۋاقتى 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى
خەنزۇچە نامى 规划环境影响评价条例
پىنيىنچە يېزىلىشى guī huá huán jìng yǐng xiǎng píng jià tiáo lì
قوللىنىلغان ۋاقتى 2009-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش نىزامى» يىرىك پىلاننىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى باھالاش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، يىرىك پىلاننىڭ ئىلمىيلىكىنى ئاشۇرۇش، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە ئېكولوگىيەنىڭ بۇزۇلۇشىنى مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە مۇھىتنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش قانۇنى»غا ئاساسەن چىقىرىلغان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ پەرمانى (559-نومۇرلۇق)

«يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش نىزامى» 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 76-دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2009-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

زۇڭلى ۋېن جياباۋ

2009-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام يىرىك پىلاننىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى باھالاش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، يىرىك پىلاننىڭ ئىلمىيلىكىنى ئاشۇرۇش، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە ئېكولوگىيەنىڭ بۇزۇلۇشىنى مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە مۇھىتنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش قانۇنى»غا ئاساسەن چىقىرىلدى.

2-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆزى تەشكىللەپ تۈزگەن يەردىن پايدىلىنىشقا ئالاقىدار يىرىك پىلان ۋە رايون، ۋادى، دېڭىز دائىرىسىنىڭ قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى، ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانى (تۆۋەندە ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلان دېيىلىدۇ)نى، شۇنىڭدەك سانائەت، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، قاتناش، شەھەر قۇرۇلۇشى، ساياھەتچىلىك مەخسۇس يىرىك پىلانى، تەبىئىي بايلىقنى ئېچىش مەخسۇس يىرىك پىلانى (تۆۋەندە مەخسۇس يىرىك پىلان دېيىلىدۇ)نىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالىتىشى كېرەك.

مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، مۇھىت تەسىرى باھالىنىدىغان يىرىك پىلاننىڭ كونكرېت دائىرىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىدۇ.

3-ماددا يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشتا ئوبيېكتىپ، ئاشكارا، ئادىل بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

4-ماددا دۆلەت يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ئۇچۇرىدىن تەڭ پايدىلىنىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشقا كېرەكلىك ماتېرىيالدىن تەڭ پايدىلىنىشى كېرەك.

5-ماددا يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشقا كېتىدىغان خىراجەتنى خامچوت باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمە بويىچە مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، چىقىم باشقۇرۇشنى چىڭىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

6-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى ياكى يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش داۋامىدا پەيدا بولغان زور، ناچار مۇھىت تەسىرىنى يىرىك پىلاننى تەستىقلىغۇچى، تۈزگۈچى ئورگانغا ياكى مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئالاقىدار تارماق پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

2-باب باھالاش

7-ماددا يىرىك پىلاننى تۈزگۈچى ئورگان يىرىك پىلاننى تۈزۈش جەريانىدا يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالىتىشى كېرەك.

8-ماددا يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشتا، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى تەھلىل قىلىش، مۆلچەرلەش ۋە باھالاش كېرەك:

(1) يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنىڭ ئالاقىدار رايون، ۋادى، دېڭىز دائىرىسىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان ئومۇمىي تەسىرى؛

(2) يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىتقا ۋە كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان كەلگۈسى تەسىرى؛

(3) يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنىڭ مۇھىت ئۈنۈمى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى شۇنىڭدەك ھازىرقى مەنپەئەت بىلەن كەلگۈسى مەنپەئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت.

9-ماددا يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشتا، مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار ئۆلچەمگە شۇنىڭدەك مۇھىت تەسىرىنى باھالاش تېخنىكا يېتەكچى پىرىنسىپى ۋە تېخنىكا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش تېخنىكا يېتەكچى پىرىنسىپى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ؛ يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش تېخنىكا قائىدىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش تېخنىكا يېتەكچى پىرىنسىپىغا ئاساسەن چىقىرىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇپ قويىدۇ.

10-ماددا ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلاننى تۈزۈشتە، يىرىك پىلان يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مۇھىتقا كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان تەسىرىگە قاراپ، مۇھىت تەسىرىگە دائىر مەزمۇن ياكى ئەسكەرتىش يېزىش كېرەك.

مەخسۇس يىرىك پىلان تۈزۈشتە، يىرىك پىلان لايىھەسىنى تەستىقلىتىشتىن بۇرۇن، مۇھىت تەسىرى دوكلاتى تەييارلاش كېرەك. مەخسۇس يىرىك پىلاننىڭ يېتەكچى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇھىت تەسىرىگە دائىر مەزمۇن ياكى ئەسكەرتىش يېزىش كېرەك.

مۇشۇ ماددىنىڭ 2-تارمىقىدا ئېيتىلغان يېتەكچى يىرىك پىلان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان مەخسۇس يىرىك پىلاننى كۆرسىتىدۇ.

11-ماددا مۇھىت تەسىرىگە دائىر مەزمۇن ياكى ئەسكەرتىشتە تۆۋەندىكىلەر بولۇشى كېرەك:

(1) يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىتقا كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان تەسىرىگە دائىر تەھلىل، مۆلچەر ۋە باھا. بۇ ئاساسلىقى بايلىق مۇھىتىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ھەققىدىكى تەھلىل، ناچار مۇھىت تەسىرى ھەققىدىكى تەھلىل ۋە مۆلچەر شۇنىڭدەك ئالاقىدار يىرىك پىلاننىڭ مۇھىتقا ماسلىشىش ھەققىدىكى تەھلىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

(2) ناچار مۇھىت تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۇنى يېنىكلىتىش چارە-تەدبىرلىرى. بۇ ئاساسلىقى ناچار مۇھىت تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۇنى يېنىكلىتىشكە دائىر سىياسەت، باشقۇرۇش تەدبىرى ياكى تېخنىكا تەدبىرى قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مۇھىت تەسىرى دوكلاتىدا يۇقىرىقى مەزمۇنلاردىن سىرت، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش يەكۈنىمۇ بولۇشى كېرەك. بۇ ئاساسلىقى يىرىك پىلان لايىھەسىنىڭ مۇھىتقا باب كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقى ۋە مۇۋاپىق كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقى، ناچار مۇھىت تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۇنى يېنىكلىتىشكە دائىر چارە-تەدبىرلەرنىڭ باب كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقى، ئۈنۈملۈك بولغان-بولمىغانلىقى شۇنىڭدەك يىرىك پىلان لايىھەسىنى تەڭشەش تەكلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

12-ماددا مۇھىت تەسىرىگە دائىر مەزمۇن ياكى ئەسكەرتىش، مۇھىت تەسىرى دوكلاتى (تۆۋەندە مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتى دېيىلىدۇ)نى يىرىك پىلان تۈزگۈچى ئورگان تەييارلايدۇ ياكى يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش تېخنىكا ئاپپاراتىنى تەييارلاشقا تەشكىللەيدۇ. يىرىك پىلاننى تۈزگۈچى ئورگان مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنىڭ سۈپىتىگە جاۋابكار بولۇشى كېرەك.

13-ماددا يىرىك پىلان تۈزگۈچى ئورگان ناچار مۇھىت تەسىرى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ھەمدە جامائەتنىڭ مۇھىت، ھوقۇق-مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە چېتىلىدىغان مەخسۇس يىرىك پىلاننى يىرىك پىلان لايىھەسىنى تەستىقلىتىشتىن بۇرۇن، سوئال چىقىرىپ تەكشۈرۈش، سۆھبەت يىغىنى، دەلىللەش يىغىنى، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئالاقىدار ئورۇنلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە جامائەتتىن مۇھىت تەسىرى دوكلاتى توغرىسىدا پىكىر ئېلىشى لازىم. لېكىن، قانۇن بويىچە مەخپىي تۇتۇلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ئالاقىدار ئورۇنلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە جامائەتنىڭ پىكرى بىلەن مۇھىت تەسىرىنى باھالاش يەكۈنى ئوتتۇرىسىدا زور ئىختىلاپ كۆرۈلسە، يىرىك پىلان تۈزگۈچى ئورگان دەلىللەش يىغىنى، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يەنىمۇ دەلىللىشى كېرەك.

يىرىك پىلان تۈزگۈچى ئورگان تەكشۈرتىدىغان مۇھىت تەسىرى دوكلاتىغا جامائەت پىكرىنى قوبۇل قىلغان-قىلمىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك.

14-ماددا تەستىقلانغان يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش دائىرىسى، قوللىنىش مۆھلىتى، كۆلىمى، قۇرۇلمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسى قاتارلىقلارنى زور تەڭشەش ياكى تۈزىتىشتە، يىرىك پىلان تۈزگۈچى ئورگان مۇھىت تەسىرىنى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا ياكى قوشۇمچە باھالىشى كېرەك.

3-باب تەكشۈرۈش

15-ماددا يىرىك پىلان تۈزگۈچى ئورگان ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلان لايىھەسى ۋە مەخسۇس يىرىك پىلاندىكى يېتەكچى يىرىك پىلان لايىھەسىنى تەستىقلىتىشتا، مۇھىت تەسىرى مەزمۇنى ياكى ئەسكەرتىشنى يىرىك پىلان لايىھەسىنىڭ تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە يىرىك پىلاننى تەستىقلىغۇچى ئورگانغا قوشۇپ سۇنۇشى كېرەك. مۇھىت تەسىرى مەزمۇنى ياكى ئەسكەرتىش يازمىغان بولسا، يىرىك پىلاننى تەستىقلىغۇچى ئورگان تولۇقلاشنى تەلەپ قىلىشى؛ تولۇقلىمىسا، تەستىقلىماسلىقى كېرەك.

16-ماددا يىرىك پىلاننى تەستىقلىغۇچى ئورگان مەخسۇس يىرىك پىلان لايىھەسىنى تەستىقلاشتا، مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنىمۇ يىرىك پىلاننى تەستىقلىغۇچى ئورگاننىڭ تەكشۈرۈشىگە قوشۇپ يوللىشى؛ مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى قوشۇپ يوللىمىغانلاردىن يىرىك پىلاننى تەستىقلىغۇچى ئورگان تولۇقلاشنى تەلەپ قىلىشى؛ تولۇقلىمىسا، تەستىقلىماسلىقى كېرەك.

17-ماددا رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلايدىغان مەخسۇس يىرىك پىلاننى تەستىقلاشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يازما تەكشۈرۈش پىكرىنى سۇنۇشى كېرەك.

ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى تەستىقلايدىغان مەخسۇس يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى تەكشۈرۈش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

18-ماددا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك كەسىپتىكى مۇتەخەسسىسلەر ئىسىملىكىدىن ئىختىيارىي تاللاش كېرەك. لېكىن، مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى تەييارلاشقا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر شۇ مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولسا بولمايدۇ.

تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سانى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ يېرىمىدىن ئاز بولسا بولمايدۇ؛ يېرىمىدىن ئاز بولسا، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈش پىكرى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

19-ماددا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى مۇھىت تەسىرى دوكلاتىغا ئوبيېكتىپ، ئادىل، مۇستەقىل يازما پىكىر بېرىشى، يىرىك پىلاننى تەستىقلىغۇچى، تۈزگۈچى ئورگان ۋە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ چاقىرغۇچى تارمىقى ئارىلىشىۋالماسلىقى كېرەك.

تەكشۈرۈش پىكرىدە تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك:

(1) ئاساس ماتېرىيال ۋە سانلىق مەلۇماتنىڭ چىن بولغان-بولمىغانلىقى؛

(2) باھالاش ئۇسۇلىنىڭ مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقى؛

(3) مۇھىت تەسىرى ھەققىدىكى تەھلىل، مۆلچەر ۋە باھالاشنىڭ ئىشەنچلىك بولغان-بولمىغانلىقى؛

(4) ناچار مۇھىت تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۇنى يېنىكلىتىشتىكى چارە-تەدبىرلەرنىڭ مۇۋاپىقلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلىكى؛

(5) جامائەتنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبىگە دائىر ئەسكەرتىشنىڭ مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقى؛

(6) مۇھىت تەسىرىنى باھالاش يەكۈنىنىڭ ئىلمىي بولغان-بولمىغانلىقى.

تەكشۈرۈش پىكرىگە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىدىن كۆپرەكى ئىمزا قويۇپ قوشۇلغان بولۇشى كېرەك. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ باشقىچە پىكرى بولسا، ئەينەن خاتىرىلەش ۋە ئەكىس ئەتتۈرۈش كېرەك.

20-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلسە، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى تۈزىتىش پىكرى ھەمدە قايتا تەكشۈرۈش پىكرى بېرىشى كېرەك:

(1) ئاساس ماتېرىيال ۋە سانلىق مەلۇمات چىن بولمىسا؛

(2) باھالاش ئۇسۇلى مۇۋاپىق تاللانمىغان بولسا؛

(3)ناچار مۇھىت تەسىرىگە دائىر تەھلىل، مۆلچەر ۋە باھا توغرا، چوڭقۇر بولماي، يەنىمۇ دەلىللەشكە توغرا كەلسە؛

(4) ناچار مۇھىت تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۇنى يېنىكلىتىشتىكى چارە-تەدبىرلەردە ئېغىر نۇقسان بولسا؛

(5) مۇھىت تەسىرىنى باھالاش يەكۈنى ئېنىق بولمىغان، مۇۋاپىق بولمىغان ياكى خاتا بولغان بولسا؛

(6) جامائەتنىڭ پىكرى قوبۇل قىلىنغان ياكى قوبۇل قىلىنمىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى ئەسكەرتىلمىگەن بولسا ياكى جامائەت پىكرىنى قوبۇل قىلماسلىق سەۋەبى روشەن نامۇۋاپىق بولسا؛

(7) مەزمۇنىدا باشقا زور نۇقسان ياكى كەمتۈكلۈك بولسا.

21-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلسە، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى ماقۇللىماسلىق پىكرىنى بېرىشى كېرەك:

(1) يىرىك پىلاننى يولغا قويغاندا كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ناچار مۇھىت تەسىرىنىڭ دەرىجىسى ياكى دائىرىسىگە ھازىرقى بىلىم سەۋىيەسى ۋە تېخنىكا شارائىتىدا ئىلمىي ھۆكۈم چىقارغىلى بولمىسا؛

(2) يىرىك پىلاننى يولغا قويغاندا، زور ناچار مۇھىت تەسىرى كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولسا ھەمدە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۇنى يېنىكلىتىشنىڭ ھەقىقىي ئاقىدىغان چارە-تەدبىرىنى تاپقىلى بولمىسا.

22-ماددا يىرىك پىلاننى تەستىقلىغۇچى ئورگان مەخسۇس يىرىك پىلان لايىھەسىنى تەستىقلاشتا، مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنىڭ يەكۈنىنى شۇنىڭدەك تەكشۈرۈش پىكرىنى قارار قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىشى كېرەك.

يىرىك پىلاننى تەستىقلىغۇچى ئورگان مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنىڭ يەكۈنىنى شۇنىڭدەك تەكشۈرۈش پىكرىنى قوبۇل قىلمىسا، قوبۇل قىلماسلىق سەۋەبىنى بىر-بىرلەپ يازما ئەسكەرتىشى ھەمدە ئارخىپلاشتۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدار ئورۇنلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە جامائەت كۆرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ لېكىن، قانۇن بويىچە مەخپىي تۇتۇلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

23-ماددا مۇھىت تەسىرى باھالانغان يىرىك پىلاندا كونكرېت قۇرۇلۇش تۈرى بولسا، يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش يەكۈنىنى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش كېرەك، قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش مەزمۇنىنى مۇھىت تەسىرىنى باھالاشتىكى تەھلىل ۋە دەلىلىگە قاراپ ئاددىيلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.

4-باب ئىز قوغلاپ باھالاش

24-ماددا مۇھىتقا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان يىرىك پىلان يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، يىرىك پىلان تۈزگۈچى ئورگان يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى ۋاقتىدا ئىز قوغلاپ باھالاتقۇزۇپ، باھالاش نەتىجىسىنى يىرىك پىلاننى تەستىقلىغۇچى ئورگانغا دوكلات قىلىشى ھەمدە ئۇنىڭدىن مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

25-ماددا يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى ئىز قوغلاپ باھالاش تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:

(1) يىرىك پىلان يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ئەمەلىي پەيدا قىلغان مۇھىت تەسىرى بىلەن مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىدە مۇھىتقا پەيدا قىلىش ئېھتىمالى مۆلچەرلەنگەن تەسىر ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرما تەھلىل ۋە باھا؛

(2) يىرىك پىلاننى يولغا قويغاندا قوللىنىدىغان ناچار مۇھىت تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۇنى يېنىكلىتىش چارە-تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمىگە دائىر تەھلىل ۋە باھا؛

(3) يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن پەيدا بولغان مۇھىت تەسىرىگە دائىر جامائەت پىكرى؛

(4) ئىز قوغلاپ باھالاش يەكۈنى.

26-ماددا يىرىك پىلان تۈزگۈچى ئورگان يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى ئىز قوغلاپ باھالاشتا، سوئال چىقىرىپ تەكشۈرۈش، نەق مەيدانغا بېرىپ ئەھۋال ئۇقۇش، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش شەكلى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئالاقىدار ئورۇنلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە جامائەتتىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

27-ماددا يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش داۋامىدا زور ناچار مۇھىت تەسىرى پەيدا بولسا، يىرىك پىلان تۈزگۈچى ئورگان ياخشىلاش تەدبىرىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىرىك پىلاننى تەستىقلىغۇچى ئورگانغا دوكلات قىلىشى ھەمدە ئۇنىڭدىن مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

28-ماددا مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش داۋامىدا زور ناچار مۇھىت تەسىرى پەيدا بولغانلىقىنى بايقىسا، ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى كېرەك. ئەھۋال راست بولۇپ چىقسا، ياخشىلاش تەدبىرى قوللىنىش ياكى يىرىك پىلاننى تۈزىتىش ھەققىدە يىرىك پىلاننى تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تەكلىپ بېرىشى كېرەك.

29-ماددا يىرىك پىلاننى تەستىقلىغۇچى ئورگان يىرىك پىلان تۈزگۈچى ئورگاننىڭ دوكلاتى ياكى مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەلىللەشكە ۋاقتىدا تەشكىللىشى ھەمدە دەلىللەش نەتىجىسىگە قاراپ، ياخشىلاش تەدبىرى قوللىنىشى ياكى يىرىك پىلاننى تۈزىتىشى كېرەك.

30-ماددا يىرىك پىلان يولغا قويۇلىدىغان رايوندا نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى دۆلەت ياكى يەرلىك بەلگىلىگەن ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، شۇ يىرىك پىلان يولغا قويۇلىدىغان رايوندا نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان شۇ يېڭى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تەستىقلىماي تۇرۇشى كېرەك.

5-باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

31-ماددا يىرىك پىلان تۈزگۈچى ئورگانلاردىن مۇھىت تەسىرىنى باھالاشقا تەشكىللەشتە ساختىپەزلىك قىلىپ ياكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چىن بولماسلىقىنى پەيدا قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

32-ماددا يىرىك پىلاننى تەستىقلىغۇچى ئورگانلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ:

(1) مۇھىت تەسىرىگە دائىر مەزمۇنى ياكى ئەسكەرتىشى قانۇن بويىچە يېزىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، يېزىلمىغان ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلان لايىھەسىنى ۋە مەخسۇس يىرىك پىلاننىڭ يىتەكچى يىرىك پىلان لايىھەسىنى تەستىقلىغانلار؛

(2) مۇھىت تەسىرى دوكلاتلىرىدىن مەخسۇس يىرىك پىلان لايىھەسى قانۇن بويىچە قوشۇپ يوللىنىدىغان بولسىمۇ، قوشۇپ يوللانمىغانلىرىنى ياكى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرمىگەن مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنىڭ مەخسۇس يىرىك پىلان لايىھەسىنى تەستىقلىغانلار.

33-ماددا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى چاقىرغۇچى تارماقلاردىن مۇھىت تەسىرىنى باھالاش دوكلاتىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەشتە ساختىپەزلىك قىلىپ ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چىن بولماسلىقىنى پەيدا قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇھىت تەسىرىنى باھالاش دوكلاتىنى تەكشۈرۈشتە ساختىپەزلىك قىلىپ ياكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چىن بولماسلىقىنى پەيدا قىلسا، مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى تەسىس قىلغان مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئۇلارنىڭ مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىغا تاللىنىش سالاھىيەتىنى بىكار قىلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ؛ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى تارماقلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن يۇقىرىدىكىدەك قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

34-ماددا يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالىغۇچى تېخنىكا ئاپپاراتلىرىدىن ساختىپەزلىك قىلىپ ياكى مەسئۇلىيەتىنى ئادا قىلماي، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چىن بولماسلىقىنى پەيدا قىلغانلىرى ھەققىدە گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىدۇ، ئالغان ھەققىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

35-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. كونكرېت چارىسىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش قانۇنى» ۋە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ چىقىرىدۇ.

36-ماددا بۇ نىزام 2009-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/2746796.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#