شەھەر–يېزا يىرىك پىلانى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى

شەھەر–يېزا يىرىك پىلانى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر–يېزا يىرىك پىلانى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 14-يىغىنىدا تۈزىتىلگەن.


ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر–يېزا يىرىك پىلانى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
تۈزىتىلگەن ۋاقتى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区实施城乡规划法办法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ چارە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى قانۇنى»نى يولغا قويۇش مەقسىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى شەھەر، بازار، يېزا، كەنت ۋە شەھەر-يېزا پىلانلانغان رايون سىرتىدىكى چېگرا پورتى ۋە زاۋۇت-كان رايونى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدان-رايونلىرى قاتارلىق ئاھالە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، پىلانلانغان رايوندا قۇرۇلۇش قىلىشتا مۇشۇ چارىگە رىئايە قىلىشى شەرت.

3-ماددا شەھەر-بازارلار شەھەر يىرىك پىلانى، بازار يىرىك پىلانى تۈزۈشى، پىلانلانغان رايوندىكى قۇرۇلۇش پائالىيىتىنى يىرىك پىلاننىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

چېگرا پورتى، زاۋۇت، كان رايونى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدان-رايونلىرى چېگرا پورتى يىرىك پىلانى، زاۋۇت-كان رايونى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدان، رايونلىرى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشى، پىلانلانغان رايوندىكى قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرىنى يىرىك پىلاننىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا يىرىك پىلانى ۋە كەنت يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تېگىشلىك رايونلارنى قانۇن بويىچە بېكىتىشى، بېكىتىلگەن رايوندىكى يېزا-كەنتلەر مۇشۇ چارە بويىچە يىرىك پىلان تۈزۈشى، پىلانلانغان رايوندىكى يېزا-كەنتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى يىرىك پىلاندىكى تەلەپكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

يېزا يىرىك پىلانى، كەنت يىرىك پىلانىدا يېزىلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىش، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە يېزا ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى شەھەر-يېزىلارنىڭ يىرىك پىلانىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش مەسئۇل بولىدۇ.

5-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە باشقۇرۇش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك، نامرات جايلارنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىراجىتى ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن مۇۋاپىق ياردەم پۇل بېرىلىدۇ.

6-ماددا شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى تەشكىللەپ تۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە تەستىقلانغان شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى ھەمدە كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تەشۋىق قىلىشى كېرەك. 

7-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس قانۇن بويىچە تەستىقلانغان ھەمدە ئېلان قىلىنغان شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىغا ئەمەل قىلىشى، يىرىك پىلاننى باشقۇرۇشقا بويسۇنۇشى كېرەك. ئۇلار ئالاقىدار يىرىك پىلاننى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە ۋە شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا ياكى شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يىرىك پىلان مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار قانۇن بويىچە ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشى ھەمدە ئېنىقلىشى، بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

2-باب شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈش

8-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر، بازار، چېگرا پورتى، زاۋۇت-كان رايونلىرى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدان-رايونلىرىنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ھەمدە ئوبلاستلىق(شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مەمۇرىي مەھكىمىلەرنىڭ رايون خاراكتېرلىك شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى ۋە رايون ھالقىيدىغان مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تىزگىنلەش تەلەپلىرىنى قويىدۇ.

ئوبلاستلىق(شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەر رايون خاراكتېرلىك شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئېھتىياجىغا قاراپ، رايون ھالقىيدىغان مەخسۇس يىرىك پىلان تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويسا بولىدۇ.

9-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر-يېزىلارنى بىر تۇتاش تەرەققىي قىلدۇرۇش ئومۇمىي تەلىپى، شەھەر-بازارلارنىڭ جايلىشىشى، كۆلىمىنى تىزگىنلەش ئۆلچىمى ۋە مەجبۇرلاش مەزمۇنى بولۇشى، رايونلارنىڭ چوڭ-چوڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى جايلاشتۇرۇش تەلىپى، بايلىق ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مۇھاپىزەت رايونىنىڭ يىرىك پىلان تەلىپى شۇنىڭدەك بىر دەرىجە تۆۋەن شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك.

رايون خاراكتېرلىك شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، رايون ھالقىيدىغان مەخسۇس يىرىك پىلان ۋە شەھەر-بازارلارنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈشتە، ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانىدىكى مەجبۇرلاش مەزمۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

10-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەشكىللەپ تۈزگەن قاتناش، سۇچىلىق، ئوت مۇداپىئەسى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، تېلېگراف، پوچتا، ئېنېرگىيە، ئورمانچىلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى ئازايتىش قاتارلىق ماكان بايلىقىدىن پايدىلىنىشقا چېتىلىدىغان مەخسۇس يىرىك پىلان ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، رايون خاراكتېرلىك شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى ۋە رايون ھالقىيدىغان مەخسۇس يىرىك پىلاندىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىشى، مۇناسىۋەتلىك شەھەر-بازارلارنىڭ ئومۇمىي پىلانى بىلەن جىپسىلىشىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، رايون خاراكتېرلىك شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، رايون ھالقىيدىغان مەخسۇس يىرىك پىلانى ۋە شەھەر-بازار ئومۇمىي پىلانىنى تەستىقلىتىشتىن بۇرۇن، مۇھىت تەسىرىنى قانۇن بويىچە باھالىتىش كېرەك.

11-ماددا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئومۇمىي پىلانى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈپ قوشۇلغاندىن كېيىن گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىلىدۇ. رايون بار شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئومۇمىي پىلانى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىلىدۇ. باشقا شەھەرلەرنىڭ ئومۇمىي پىلانى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەر تەكشۈرۈپ قوشۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىلىدۇ.

ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بار جايدىكى بازارنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى ئوبلاستلىق(شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تەستىقلايدۇ.

12-ماددا شەھەر يىرىك پىلانى بويىچە قۇرۇلغان رايوندىكى بازارنىڭ ئومۇمىي پىلانى، يېزا يىرىك پىلانى، كەنت يىرىك پىلانى ئايرىم تۈزۈلمەي، شەھەر يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدۇ.

شەھەر يىرىك پىلانىدا تىزگىنلىنىدىغان رايون چېتىدىكى بازار، يېزا، كەنتلەرنىڭ يىرىك پىلانىنى بازارلىق، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، شەھەرنىڭ يىرىك پىلانى بويىچە تۈزىدۇ.

يېزىلىق-بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللەپ تۈزگەن يېزا يىرىك پىلانى، كەنت يىرىك پىلانىنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلايدۇ.

13-ماددا شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىم كوچا، مۇھىم مەنزىرە رايونى، مەيدان، باغچا، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى يېرى، شەھەر-بازارنىڭ ئاساسلىق كىرىش-چىقىش ئېغىزى، جامائەت ئەسلىھەلىرى يېرى شۇنىڭدەك باشقا مۇھىم بۆلەكلەرنى قۇرۇش تەپسىلىي پىلانىنى تۈزسە بولىدۇ، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇندىن قۇرۇش تەپسىلىي پىلانىنى تۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇش تەپسىلىي پىلانى تۈزگەندە، شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانى بويىچە، كونكرېت پىلانلاش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

14-ماددا شەھەر-يېزا پىلانلانغان رايون سىرتىدىكى چېگرا پورتى، زاۋۇت-كان رايونى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدان-رايونلىرى قاتارلىق ئاھالە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ ئومۇمىي پىلانى ۋە تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانىنى ئۇلارنى قۇرۇشنى تەستىقلىغان خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىدۇ.

چېگرا پورتىنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلايدۇ، تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەستىقلايدۇ.

زاۋۇت-كان رايونى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدان-رايونلىرىنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى زاۋۇت-كان رايونى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدان-رايونلىرىنى قۇرۇشنى تەستىقلىغان ئورگان قاراشلىق شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلايدۇ؛ تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانىنى قۇرۇشنى تەستىقلىغان ئورگان قاراشلىق شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەستىقلايدۇ، قۇرۇشنى تەستىقلىغان ئورگان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت تارمىقى بولسا، ئۇنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەستىقلايدۇ.

15-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، رايونلارنىڭ شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، رايون ھالقىيدىغان مەخسۇس يىرىك پىلانى، شەھەر ئومۇمىي پىلانى ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بار جايدىكى بازارنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى تەستىقلىغۇچى ئورگانغا يوللاشتىن ئاۋۋال، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قاراپ چىقىشى كېرەك، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش كېرەك.

بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللەپ تۈزگەن بازار ئومۇمىي پىلانىنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشتىن بۇرۇن، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى قاراپ چىقىشى كېرەك، ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش كېرەك. يىرىك پىلاننى تەشكىللەپ تۈزگۈچى ئورگان ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، رايونلارنىڭ شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، رايون ھالقىيدىغان مەخسۇس يىرىك پىلانى ۋە شەھەر ئومۇمىي پىلانى، بازار ئومۇمىي پىلانىنى تەستىقلىتىشتا، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ياكى بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكىرى ۋە يىرىك پىلاننى قاراپ چىقىش پىكىرىگە ئاساسەن تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ماتېرىيالنىمۇ بىللە يوللىشى كېرەك.

16-ماددا شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى تەشكىللەپ تۈزگۈچى ئورگانلاردىن شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى تۈزۈشنى ھاۋالە قىلىدىغانلىرى لايىھەنى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە خېرىدار چاقىرىش ياكى باشقا رىقابەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تاللىشى كېرەك.

17-ماددا شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزگۈچى ئورۇن شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى تۈزۈشتە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى تۈزۈشكە دائىر ئۆلچەم، قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىشى، بىر دەرىجە يۇقىرى شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى ئاساس قىلىشى كېرەك.

18-ماددا شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ھەققى ئېلىشتا، ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى يولغا قويۇلىدۇ. يىرىك پىلان تۈزگۈچى ئورۇننىڭ ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى بويىچە بەلگىلەنگەن دائىرە ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆستۈرۈشى ياكى تۆۋەنلىتىشىگە؛ يىرىك پىلان تۈزۈش ئىشىنى ناتوغرا رىقابەت ئۇسۇلى بىلەن ئېلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

19-ماددا شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى تەستىقلىتىشتىن بۇرۇن، تەشكىللەپ تۈزگۈچى ئورگان مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ ياكى شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى تېخنىكىلىق تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتقا ھاۋالە قىلىپ، يىرىك پىلان لايىھەسىنى تېخنىكىلىق تەكشۈرتۈشى كېرەك.

20-ماددا تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانىنى تۈزۈشتە تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانى تۈزۈش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ:

(1) شەھەر ئومۇمىي پىلانى ۋە ئالاقىدار مەخسۇس يىرىك پىلانلاردىكى تەلەپكە، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئۇيغۇن بولۇش، ئىشلىتىلىش ئورنى ئوخشاش بولمىغان يەرنىڭ پاسىلى مۇۋاپىق ئايرىلغان بولۇش، ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل يەرگە قۇرۇلۇش سېلىشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى ياكى قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان ئىمارەت تۈرىنىڭ شۇ جاينىڭ شارائىتىغا باب كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقى، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش؛

(2) قۇرۇلۇش يېرى، ئىمارەتنىڭ سىغىم نىسبىتى ۋە كۆكەرتىلگەن يەر نىسبىتى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىش، تېرىلغۇ يەر، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، بايلىق، تەبىئىي ۋە تارىخىي مەدەنىيەت مىراسى قاتارلىق رايونلارنى قوغداپ، بايلىق، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە ئۇنىڭدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇش؛

(3) يەرلىك ئالاھىدىلىك، مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبنى ساقلاپ قېلىش؛

(4) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يىرىك پىلان ئۆلچىمى، قائىدىسى ۋە مەجبۇرلاش مەزمۇنىغا، رايونلاردىكى نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش، پاناگاھ ۋە جامائەت تازىلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولۇش.

21-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئۆزى تۈزۈشكە تەشكىللىگەن شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى مۆھلەت ئىچىدە باھالىشى كېرەك:

(1) ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، رايونلارنىڭ شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، رايون ھالقىيدىغان يىرىك پىلانى تەستىقلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى سەككىز يىل ئىچىدە؛

(2) شەھەر ئومۇمىي پىلانى، بازار ئومۇمىي پىلانى تەستىقلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى تۆت يىل ئىچىدە.

22-ماددا شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى تەشكىللەپ تۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە تەستىقلانغان شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى مۇقىم سورۇن ئاجرىتىپ جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك؛ شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى بازارلىق، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى پىلانلانغان رايوندا ۋە قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئېلان تاختىسى ئورنىتىپ، قۇرۇش تەپسىلىي پىلانى، قۇرۇلۇش لايىھەسى ۋە ئومۇمىي تەكشىلىك ئىسخېمىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

3-باب شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزىتىش

23-ماددا شەھەر-بازار ئومۇمىي پىلانلىرىدىن ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، رايونلارنىڭ شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى ۋە رايون ھالقىيدىغان مەخسۇس يىرىك پىلان بىلەن بىردەك بولمىغانلىرىنى قانۇن بويىچە تەڭشەش ياكى تۈزىتىش كېرەك.

24-ماددا تەستىقلانغان شەھەر-بازار يىرىك پىلانىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تۈزىتىشكە بولمايدۇ؛ ئاپتونوم رايون تەستىقلىغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى، مەمۇرىي رايونلارنى تەڭشەش شۇنىڭدەك باھالاش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن تۈزىتىشكە توغرا كەلگەنلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن بولۇشى، ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە تۈزىتىلىشى كېرەك. تۈزىتىلگەن شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تەستىقلىتىلىشتىن بۇرۇن، مۇشۇ چارىنىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولۇشى كېرەك.

25-ماددا شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىدە تۈزىتىش كۈچكە ئىگە بولمايدۇ:

(1) قانۇندا بەلگىلەنگەن تۈزىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىسا؛

(2) تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن، تەستىقلاش تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلىنغان بولسا؛

(3) شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، رايونلارنىڭ شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، رايون ھالقىيدىغان مەخسۇس يىرىك پىلان ۋە شەھەر ئومۇمىي پىلانىدا ئەسلىي يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى خۇلاسىلەنمىگەن ھەمدە ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا دوكلات قىلىنمىغان، شەھەر ئومۇمىي پىلانى، بازار ئومۇمىي پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرلاش مەزمۇنى ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا مەخسۇس دوكلات قىلىنمىغان ھەمدە ئۇنىڭ ماقۇللۇقى ئېلىنمىغان بولسا؛ (4) تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانىنى تۈزىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى دەلىللەنمىگەن، يىرىك پىلان بۆلىكىدىكى پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بارلاردىن پىكىر ئېلىنمىغان، ئەسلىي تەستىقلىغۇچى ئورگانغا مەخسۇس دوكلات قىلىنمىغان ھەمدە ئۇنىڭ ماقۇللۇقى ئېلىنمىغان ياكى ئومۇمىي پىلانى شەھەر ئومۇمىي پىلانى، بازار ئومۇمىي پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرلاش مەزمۇنى بويىچە تۈزىتىلمىگەن بولسا.

4-باب شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش 

26-ماددا شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيەلىك، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر ئومۇمىي پىلانى، بازار ئومۇمىي پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى ۋە يىللىق پىلان شۇنىڭدەك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، يېقىنقى مەزگىللىك قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى تۈزۈپ، ئومۇمىي پىلاننى تەكشۈرگۈچى ۋە تەستىقلىغۇچى ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. 

27-ماددا يېقىنقى مەزگىللىك قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىنى ئەنگە ئالغۇچى ئورگان يېقىنقى مەزگىللىك قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىنىڭ تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى كېرەك: 

(1) شەھەر-بازار ئومۇمىي پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى ۋە يىللىق پىلان شۇنىڭدەك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى بويىچە، قۇرۇلۇشنىڭ بەش يىللىق تەرەققىيات ۋاقىت تەرتىپى، تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە جايلىشىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛

(2) ئۇل ئەسلىھەلەر، جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش تۈرلىرىنى ئاۋۋال ئورۇنلاشتۇرۇش؛ 

(3) بېكىتىلگەن يېقىنقى مەزگىللىك قۇرۇلۇش تۈرى، چېقىش-كۆچۈرۈش دائىرىسى ۋە كۆلىمىنى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ھەمدە ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش؛ 

(4) تەبىئىي بايلىق ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە كوچا، مەھەللە، ئىمارەت ۋە مىللىي ئالاھىدىلىك، ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبنى قوغداش. ئەنگە ئالىدىغان يېقىنقى مەزگىللىك قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ئەنگە ئالغان ئورگان تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈزگۈچى ئورگاندىن تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. 

28-ماددا قۇرۇلۇش ئورنى تاللاشتا، شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىغا، بېكىتىلگەن يەر ئىشلىتىش خاراكتېرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، يەر ئېچىش سىجىللىقىنى تىزگىنلەپ، قاتناش، خەۋەرلىشىش، پوچتا، ئېنېرگىيە، شەھەر مەمۇرىيىتى، ئاپەت مۇداپىئە يىرىك پىلانى، تۇرالغۇ رايونى ۋە جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە ماسلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بېكىتكەن چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلارغا شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن قۇرۇلۇش يېرى سىرتىدىن ئورۇن تاللاشقا توغرا كەلسە، شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دەلىللەشنى تەشكىللەيدۇ، شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزگۈچى ئورۇنغا ئورۇن تاللاشنى دەلىللەش دوكلاتى تەييارلاشنى ھاۋالە قىلىپ، قۇرۇلۇشقا ئورۇن تاللاش پىكرىنى تۈزۈلگەن ياكى تۈزىتىلگەن يىرىك پىلان بىلەن بىللە تەستىقلىغۇچى ئورگانغا يوللايدۇ. 

29-ماددا دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئايرىپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن بېرىلگەن قۇرۇلۇشلاردا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئورۇن تاللاش پىكىرنامىسى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك: 

(1) تەستىقلاش، بېكىتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە، ئالاقىدار تارماقلار تەستىقلاش، بېكىتىشتىن بۇرۇن، تەستىقلىغۇچى ۋە بېكىتكۈچى تارماق بىلەن تەڭ دەرىجىلىك شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن تارماققا ئىلتىماس قىلىش؛ 

(2) ئەنگە ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئالاقىدار تارماقلارغا ئەنگە ئالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەنگە ئالغان تارماق بىلەن تەڭ دەرىجىلىك شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن تارماققا ئىلتىماس قىلىش؛ 

(3) گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەستىقلايدىغان، تەكشۈرىدىغان ياكى ئەنگە ئالىدىغان شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان رايوندىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىش. دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ھەقلىق بېرىش ئۇسۇلى بىلەن بېرىلگەن قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە شۇ تۈر ئورۇنلاشتۇرۇلغان شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پىلانلاش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇنىڭدا ئورۇن تاللاش پىكىرنامىسىنى سۇنۇش ھاجەتسىز. 

30-ماددا دۇنيا تەبىئىي مىراس يېرى ياكى داڭلىق مەنزىرە رايونى ئىچىدە قۇرۇلۇش قىلىشتا، تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش يىرىك پىلانى ۋە داڭلىق مەنزىرە رايونىنى قوغداش يىرىك پىلانىغا ئەمەل قىلىش، تەبىئىي مىراس يېرى ۋە داڭلىق مەنزىرە رايونىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە، ئورۇن تاللاش لايىھەسىنى تەبىئىي مىراس يېرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات ياكى داڭلىق مەنزىرە رايونىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك؛ داڭلىق مەنزىرە رايونى قۇرۇلمىغان، لېكىن، ئاپتونوم رايوننىڭ داڭلىق مەنزىرە بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن رايون دائىرىسىدىكى داڭلىق مەنزىرە بايلىقىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈرلەردە، ئورۇن تاللاش پىكىرنامىسىنى ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېرىدۇ. 

31-ماددا ئورۇن تاللاش پىكىرنامىسى ئېلىشتا، تۈرنىڭ نامى، خاراكتېرى، يەر، قۇرۇلۇش كۆلىمى، سۇ بېرىش ۋە ئېنېرگىيە ئېھتىياج مىقدارى، توشۇش ئۇسۇلى، توشۇش مىقدارى، كېرەكسىز گاز، داشقال، كېرەكسىز سۇ چىقىرىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى شۇنىڭدەك بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئورۇن تاللاش پىكىرنامىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق، ئوبلاستلىق(شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەرنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېرىدىغانلىرىدا، تۈر ئورۇنلاشتۇرۇلغان شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دەسلەپكى تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئالاقىدار يىرىك پىلان ۋە يەر شەكلى خەرىتىسىنىمۇ قوشۇمچە قىلىشى كېرەك. 

32-ماددا دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئايرىپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن بېرىلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئالاقىدار تارماقلار تەستىقلىغان، تەكشۈرگەن ياكى ئەنگە ئالغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن تۈر ئورۇنلاشتۇرۇلغان شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا قۇرۇلۇش يېرىنى پىلانلاش ئىجازىتى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى؛ دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ھەقلىق بېرىش ئۇسۇلى بىلەن بېرىلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە، دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ھەقلىق بېرىلىشتىن بۇرۇن، شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانىغا ئاساسەن، پىلانلاش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. 

33-ماددا شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قۇرۇلۇش يېرىنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلغۇچىغا پىلانلاش شەرتى قويۇپ، تۆۋەندىكىلەرنى ئېنىق تەلەپ قىلىشى كېرەك: 

(1) ھەقلىق بېرىلگەن يەرنىڭ ئورنى، ئىشلىتىش خاراكتېرى ۋە دائىرىسى؛ 

(2) يەر ئىشلىتىش سىجىللىقى، جۈملىدىن سىغىم نىسبىتى، ئىمارەتنىڭ زىچلىقى ۋە ئىمارەتنىڭ ئېگىزلىكى؛ 

(3) پاناگاھ، تارقاقلاشتۇرۇش يولىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى؛ 

(4) ئىمارەتتە ئېنېرگىيە تېجەش، يېشىللىق، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرى، جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ياساش، قاتناش كىرىش-چىقىش ئېغىزى، ئاپتوموبىل توختالغۇسى، ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى ۋە ئۆي-زېمىن خوجىلىق مۇلازىمەتخانىسى قاتارلىق تەلەپلەرنىڭ بېكىتىلىشى؛ 

(5) ئۆي-زېمىن تەرەققىيات تۈرلىرىگە قويۇلغان كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى تەلىپى؛ 

(6) قانۇن-نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلار ۋە ئالاقىدار قائىدە، ئۆلچەملەردىكى مەجبۇرلاش مەزمۇنلىرى. 

34-ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ سىغىم نىسبىتى، ئىمارەت زىچلىقى ۋە ئىمارەت ئېگىزلىكى قاتارلىقلارنى پىلانلاش شەرتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، ئالاھىدە ئېھتىياج بىلەن تەڭشەيدىغانلىرى ئۆزگەرتىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆزگەرتىش قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىشى، قۇرۇلۇشقا چېتىشلىق رايوندىكى پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بارلار ۋە شۇ يەرنى رىقابەتلىشىپ سېتىۋالغۇچىلارغا يىغىنغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. قانۇن بويىچە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئۆزگەرتىش قارارىدىن قۇرۇلۇش يېرىنى تەستىقلىغان ئورگاننى خەۋەرلەندۈرۈش كېرەك. قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ھەقلىق بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ئېرىشكەن قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن پىلانلاش شەرتىنى ئۆزگەرتىشنى قانۇن بويىچە تەستىقلاتقانلىرىغا قۇرۇلۇش يېرىنى تەستىقلىغۇچى ئورگان قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قايتىدىن ھەقلىق بېرىدۇ؛ قايتىدىن ھەقلىق بەرگىلى بولمىسا، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن كۆپەيتىلگەن كۆلىمىگە مۇناسىپ قۇرۇلۇش يېرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن كەم بولمىغان نىسبەتتە يەرنى ھەقلىق بېرىش پۇلى ئالىدۇ. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ھەقنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۆلىمىسە، قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قۇرۇلۇش يېرىنى تەستىقلىغان ئورگان قايتۇرۇۋالىدۇ. 

35-ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى شەخسلەردىن شەھەر-بازار پىلانلانغان رايوندا ئىمارەت سالىدىغان، قۇرۇلما، يول، تۇرۇبا ياسايدىغان ۋە باشقا قۇرۇلۇش قىلىدىغانلىرى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەتنامىسى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغانلىقى بېكىتىلىدىغان بازارلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك: 

(1) مۇستەقىل بازار بولۇش ياكى شەھەر يىرىك پىلانى بويىچە تىزگىنلىنىدىغان رايون چېتىگە جايلاشقان بازار بولۇش؛ 

(2) بازار ئومۇمىي پىلانى ۋە تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانىنى تەستىقلىغۇچى ئورگان قانۇن بويىچە تەستىقلىغان بولۇش؛ 

(3) يىرىك پىلاننى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ياكى مەخسۇس يىرىك پىلان باشقۇرغۇچىلىرى بولۇش. قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغانلىقى بېكىتىلىدىغان بازارلارنىڭ تىزىملىكىنى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوبلاستلىق(شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېكىتىشىگە يوللايدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ. 

36-ماددا شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازىتى ئېلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشتا، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈشى كېرەك: 

(1) قۇرۇلۇشنىڭ خاراكتېرى، كۆلىمى، ئۆلچىمى، ھەجمى، شەكلى، ئېگىزلىكى، يۆنىلىشى، ئارىلىقى، زىچلىقى، سىغىم نىسبىتى، رەڭگى ۋە ئۇسلۇبى قاتارلىقلار؛ 

(2) تۇرۇبا يوللىرىنىڭ يۆنىلىشى، كوئوردىناتى ۋە ئۆلچىمى، يولنىڭ كەڭلىكى، دەرىجىسى، كېسىشىش ئېغىزى بىلەن توغرا كەسمە يۈز لايىھەسى، قوشۇمچە ئەسلىھە قاتارلىقلار؛ 

(3) تۇرۇبا-سىم يوللىرى قۇرۇلۇشىنىڭ خاراكتېرى، كەسمە يۈزى، يۆنىلىشى، كوئوردىناتى، ئۆلچىمى، تارتىش-كۆمۈش شەكلى، تارتىش ئېگىزلىكى ياكى كۆمۈش چوڭقۇرلۇقى ۋە تۇرۇبا-سىم يوللىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى تەكشى-تىك ئارىلىقى، شۇنىڭدەك كېسىشىش نۇقتىسىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلار؛ 

(4) پاناگاھ، تارقاقلاشتۇرۇش يولى ۋە كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى تەلىپى، ئاپتوموبىل توختالغۇسى، ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى شۇنىڭدەك جامائەت سورۇنى، جامائەت ئەسلىھەلىرى ۋە خوجىلىق ئۆيلىرى جەھەتتىكى تەلەپلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى؛ 

(5) قانۇن، نىزام، قائىدىلەردىكى باشقا بەلگىلىمىلەر ۋە ئالاقىدار قائىدە، ئۆلچەمدىكى مەجبۇرلاش مەزمۇنلىرى. 

37-ماددا تەكشۈرۈش ئارقىلىق لايىھە تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانى ۋە مۇشۇ چارىنىڭ 36-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن پىلانلاش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ. 38-ماددا يېزا، كەنت پىلانلانغان رايوندا يېزا-بازار كارخانىسى، يېزا، كەنت جامائەت ئەسلىھەسى قۇرۇش ۋە جامائەت پاراۋانلىقى قۇرۇلۇشىدا شۇنىڭدەك يېزا، كەنت ئاھالىسى ئەسلىدىكى ئۆيلۈك يېرىنى ئىشلىتىپ تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى قىلىشتا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى شەخسلەر يېزىلىق-بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە ئىلتىماس قىلىدۇ، يېزىلىق-بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا يوللاپ، يېزا، كەنت قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ. 39-ماددا يېزا، كەنت قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك: 

(1) يېزا يىرىك پىلانى ۋە كەنت يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن قۇرۇلۇش يېرى دائىرىسىدە بولۇش، يېزا يىرىك پىلانى ۋە كەنت يىرىك پىلانىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇش؛ 

(2) يېزا ئىگىلىك يېرىنى ئىگىلەشكە توغرا كەلسە، يېزا ئىگىلىك يېرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىش تەستىق رەسمىيىتىنى ئۆتەش؛ 

(3) قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر. 

40-ماددا شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يېزا، كەنت قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسى بېرىشنى تۆۋەندىكى شەرتكە توشىدىغان يېزىلىق-بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ: 

(1) يېزا يىرىك پىلانى ۋە كەنت يىرىك پىلانى قانۇن بويىچە تەستىقلانغان بولۇش؛ 

(2) يېزا-بازار قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ياكى يېزا-بازار قۇرۇلۇشىنى مەخسۇس باشقۇرغۇچىلىرى بولۇش. 

41-ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى شەخسلەر قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەتنامىسى ۋە يېزا، كەنت قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قۇرۇلۇش قىلدۇرۇشى كېرەك. قۇرۇلۇش سەۋەبىدىن پىلانلاش ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، تەستىقلىغۇچى ئورگانغا ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، تەستىقلىغۇچى ئورگان قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۆزگەرتىشنى لايىھەلىگەن ئورۇنغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانى، قۇرۇش تەپسىلىي پىلانى ۋە قۇرۇلۇش يېرىنى پىلانلاش ئىجازىتىدە بېكىتىلگەن شەرتلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازىتىنى ئۆزگەرتسە بولمايدۇ.

42-ماددا شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى پىلانلاش ئىجازىتى بەرگەندە، قۇرۇلۇشنىڭ ۋاقىت چېكى توغرىسىدا تەلەپ قويسا بولىدۇ. 

43-ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى شەخسلەردىن شەھەر-بازار پىلانلانغان رايوندا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن، ۋاقىتلىق يەر ئىگىلەپ ئاددىي ئىمارەت سالىدىغان، قۇرۇلما ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى ياسايدىغانلىرى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ۋاقىتلىق ئىمارەتنى مەڭگۈلۈك ئىمارەتكە ئۆزگەرتىشكە يول قويۇلمايدۇ. ۋاقىتلىق قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەتنامىسىنىڭ نۇسخىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ. 

44-ماددا شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋاقىتلىق قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەت ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشنىڭ شەرتى، ئىشلىتىلىش مۇددىتى شۇنىڭدەك ئىشلىتىلىش مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئۆزى چېقىۋېتىش قانۇن مەجبۇرىيىتى قاتارلىقلارنى ئېنىق ئۇقتۇرۇشى، ئىلتىماس قىلغۇچىدىن يازما ۋەدە ئېلىشى كېرەك. 

45-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلارغا شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋاقىتلىق قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەتنامىسى بەرسە بولمايدۇ: 

(1) شەھەر-بازارلاردىن تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانى بولمىغانلىرى؛ 

(2) تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانى ياكى يېقىنقى مەزگىللىك قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇشقا شۇنىڭدەك قاتناش، شەھەر قىياپىتى ۋە بىخەتەرلىككە تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛ 

(3) ۋاقىتلىق ئىشلىتىلگەن يەرگە مۇرەككەپ ئىمارەت سالغان، قۇرۇلما ياكى باشقا ئەسلىھەلەرنى ياسىغانلار؛ 

(4) ۋاقىتلىق قۇرۇش نامى بىلەن، تۇرالغۇ ياكى سودا، سانائەت، ئىسكىلات، يېمەك-ئىچمەك ۋە باقمىچىلىق قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى قىلىدىغان ئىمارەت سالغان، قۇرۇلما ياكى باشقا ئەسلىھەلەرنى ياسىغانلار؛ 

(5) قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەردە ئىجازەت بېرىلمەيدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار. 

46-ماددا ۋاقىتلىق قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازىتى ئارقىلىق تەسىقلانغان ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىشلىتىلىش مۇددىتى ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشنىڭ ئىشلىتىلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، ئىشلىتىلىش مۇددىتى توشۇشتىن 30 كۈن بۇرۇن ئىلتىماس قىلىش كېرەك. شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىپ 20 ئىش كۈنى ئىچىدە مۇددەتنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىش-قىلماسلىق ھەققىدە قانۇن بويىچە قارار چىقىرىشى كېرەك. شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنىدا بېكىتىلگەن ۋاقىتلىق يەر ئىشلىتىش دائىرىسى ۋە ئىشلىتىش مۇددىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋاقىتلىق قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازىتى بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 

47-ماددا شەھەر-يېزا پىلانلانغان رايون سىرتىدىكى چېگرا پورتى، زاۋۇت-كان رايونى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدان-رايونلىرى قاتارلىق ئاھالە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا چېگرا پورتى، زاۋۇت-كان، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدان-رايونلىرى قۇرۇشنى تەستىقلىغان خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدا يىرىك پىلاننى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ۋاكالەت ئاپپاراتى قۇرىدۇ. 

48-ماددا شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، قۇرۇلۇشنىڭ جايلىشىشى، ياسىلىشى، ئىشلىتىلىش خاراكتېرى، يانداش ئەسلىھەلىرى ۋە مۇھىت قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ قۇرۇلۇش يېرىنى پىلانلاش ئىجازىتى ۋە قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى، چېقىۋېتىشكە تېگىشلىك ئۆي ۋە ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ چېقىۋېتىلگەن-چېقىۋېتىلمىگەنلىكىنى ئېنىقلىشى كېرەك. پىلانلاش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن قۇرۇلۇش ئۈچۈن قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنغا پۈتكەنلىك ئېتىراپ ھۆججىتى بېرىشى؛ پىلانلاش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇپ، قايتا ئېنىقلىشى كېرەك. قۇرۇلۇش پۈتكەنلىك ئېتىراپ ھۆججىتى ئالمىغانلارنىڭ پۈتكەن قۇرۇلۇشىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلار تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالسا بولمايدۇ، قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئەنگە ئالسا بولمايدۇ؛ كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملىغۇچى ئاپپاراتلار كۆچمەس مۈلۈكنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملىسا بولمايدۇ. 

49-ماددا شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەت ئىلتىماسىنى تەكشۈرگەندە، ئىلتىماس قىلىنغان ئىشنىڭ باشقىلارنىڭ زور مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئىلگىرى ئېلان قىلغان تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانى ۋە قۇرۇش تەپسىلىي پىلانىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلمىغانلىقىنى بايقىسا، قۇرۇلۇش چېتىلىدىغان رايوندا ئېلان چىقىرىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بارلارنىڭ مۇنازىرىلىشىش ھوقۇقى ۋە ئاقلىنىش ھوقۇقى بولىدۇ، شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بارلاردىن پىكىر ئېلىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بارلار ئىسپات ئاڭلاشنى تەلەپ قىلسا، ئىسپات ئاڭلاشنى قانۇن بويىچە تەشكىللىشى كېرەك. 

50-ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن، قۇرۇلۇش تۈرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن ۋە قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلغۇچى ئورۇنلار پىلانلاش ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قۇرۇلۇش قىلدۇرۇشى ۋە نازارەت قىلىشى؛ چارلىغۇچى، لايىھەلىگۈچى ئورۇنلار شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى بويىچە چارلىشى، لايىھەلىشى كېرەك. قۇرۇلۇش چېرتيوژىنى تەكشۈرۈش، تەستىقلاش ۋە بېكىتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە، قۇرۇلۇش چېرتيوژىنى تەكشۈرگۈچى ئاپپارات ۋە قۇرۇلۇش تەستىقلىغۇچى، بېكىتكۈچى ئورگان پىلانلاش ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈش پىكرىنى ئايرىم-ئايرىم ئوتتۇرىغا قويۇپ، قۇرۇلۇشنى تەستىقلاش ۋە بېكىتىش ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. 51-ماددا ئۆلچىگۈچى ئورۇنلار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلچەشكە دائىر تېخنىكا قائىدىسى ۋە پىلانلاش ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە، قۇرۇلۇش لايىھەلىشى ۋە قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن ئۆلچىشى ھەمدە نەتىجىسىنىڭ چىنلىقى ۋە توغرىلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. 52-ماددا ئۆي ئىگىسى تۇرالغۇنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسىدىكى ئىشلىتىش ئورنى بويىچە ئىشلىتىشى كېرەك، ھەقىقەتەن ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى، زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئۆزگەرتىش رەسمىيىتى ئۆتەشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. شەھەر ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى چىقىرىدۇ. 

53-ماددا تەرەققىيات رايونلىرى ۋە شەھەر يېڭى رايونى قۇرۇلۇشلىرىدا ھازىرقى شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەسى ۋە جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەسىدىن تولۇق پايدىلىنىش، شەھەر-بازار ئومۇمىي پىلانىدا بېكىتىلگەن قۇرۇلۇش يېرى دائىرىسىدىن سىرت، تەرەققىيات رايونلىرى ۋە شەھەر يېڭى رايونى قۇرماسلىق كېرەك؛ ئىلگىرى قۇرۇلۇپ بولغانلىرىنىڭ شەھەر-بازار ئومۇمىي پىلانىنى قانۇن بويىچە تۈزىتىپ، قۇرۇلۇش يېرى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. 

5-باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش 

54-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، تەكشۈرۈش، تەستىقلاش، تۈزىتىش، يولغا قويۇش جەھەتتىكى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى كېرەك. نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى نازارەتچىسى ئەۋەتىش ئۇسۇلى قاتارلىق باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ. 

55-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىشى ھەمدە ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا دوكلات قىلىشى ھەمدە ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. 

56-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك يىرىك پىلانغا خىلاپلىق قىلىپ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزگەنلىكى ياكى يولغا قويغانلىقىنى بايقىسا، ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتى ياكى شەھەر-بازار يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك. 

57-ماددا شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ۋە بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن شەھەر-يېزا پىلانلاش ئىجازىتىگە خىلاپ ھالدا قۇرۇلۇش قىلىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە توسمىغان ياكى قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇننى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇمىغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قىلىشقا بۇيرۇشى كېرەك. 

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى 

58-ماددا ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ: 

(1) بۇ چارىدە بېكىتىلگەن نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛ 

(2) شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى تەلەپكە ئۇيغۇنلاشتۇرمىغان، ئەنگە ئالغۇچى ئورگاننىڭ ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش پىكرى بويىچە تۈزەتمىگەنلەر؛ 

(3) شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىغا خىلاپ ھالدا تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلار؛ 

(4) دۇنيا تەبىئىي مىراس يېرى، داڭلىق مەنزىرە رايونى يىرىك پىلانى ياكى داڭلىق مەنزىرە رايونى بايلىقىنى قوغداش يىرىك پىلانىغا خىلاپ ھالدا قۇرۇلۇش قىلىش ھەرىكىتىنى تەستىقلىغانلار؛ 

(5) شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، تەستىقلاش ۋە مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش ھوقۇقىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تۆۋەنگە بەرگەنلەر؛ 

(6) قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىپ، پىلانلاش ئىجازىتىنى ئۆزگەرتىش قارارى چىقارغانلار؛ 

(7) مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشنى تەستىقلىغانلار؛ 

(8) يىرىك پىلاندا ئېتىراپ قىلىنغان شەرتكە ئۇيغۇن كەلمىگەن قۇرۇلۇشلارغا پۈتكەنلىك ئېتىراپ ھۆججىتى بەرگەنلەر. 

59-ماددا قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەتنامىسى ئالماي ياكى قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي قۇرۇلۇش قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قۇرۇلۇشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ تۈزىتىش تەدبىرى قوللىنىپ، يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بولغان تەسىرىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزەتكۈزىدۇ، قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش باھاسىنىڭ %5ىدىن يۇقىرى، %10ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ تۈزىتىش تەدبىرى قوللىنىپمۇ تەسىرىنى تۈگىتەلمەيدىغانلىرىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چېقىۋېتىدۇ، چېقىۋېتەلمىسە، شۇ قۇرۇلۇشنى ياكى قانۇنغا خىلاپ كىرىمنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش باھاسىنىڭ %10 ىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 

60-ماددا قۇرۇلۇش چارلىغۇچى، لايىھەلىگۈچى ئورۇن شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى ياكى پىلانلاش ئىجازىتىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا چارلاش، لايىھەلەش ھۆججىتى چىقارغان، قۇرۇلۇش چېرتيوژىنى تەكشۈرگۈچى ئاپپارات پىلانلاش ئىجازىتى ئالمىغان ياكى پىلانلاش ئىجازىتىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قۇرۇلۇش تۈرىگە قۇرۇلۇش چېرتيوژىنى تەكشۈرۈش لاياقەت ھۆججىتى چىقىرىپ بەرگەن بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، توختامدا پۈتۈشكەن چارلاش ھەققى، لايىھەلەش ھەققى، قۇرۇلۇش چېرتيوژىنى تەكشۈرۈش ھەققىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. قىلمىشى ئېغىر بولغان چارلىغۇچى، لايىھەلىگۈچى ئورۇنلارنى ساپانامە بەرگەن ئورگان ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، ساپا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ ياكى ساپانامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ بېكىتكۈچى ئورگان قۇرۇلۇش چېرتيوژىنى تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتنىڭ سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

61-ماددا ئۆلچەش ئورۇنلىرىدىن دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلچەشكە دائىر تېخنىكا قائىدىسى ۋە پىلانلاش ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، پۈتۈشكەن ئۆلچەش-سىزىش ھەققىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ساپا دەرىجىسىنى گۇۋاھنامە بەرگەن ئورگان تۆۋەنلىتىدۇ ياكى ساپانامىسىنى بىكار قىلىدۇ. 

62-ماددا پۈتكەنلىك ئېتىراپ ھۆججىتى ئالمىغانلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قۇرۇلۇش پۈتۈش باھاسىنىڭ %42 ى بويىچە جەرىمانە قويىدۇ؛ پۈتكەن قۇرۇلۇش تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ ئەنگە ئېلىنغان، كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇق تەۋەلىكى تىزىملانغان بولسا، ئەنگە ئالغۇچى، تىزىملىغۇچى ئورگان بىكار قىلىدۇ. 

63-ماددا شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قۇرۇلۇش ۋە ۋاقىتلىق ئىمارەتنى توختىتىش ياكى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چېقىۋېتىش قارارى چىقارغاندىن كېيىن، ئالاقىدارلاردىن قۇرۇلۇشنى توختاتمىغان ياكى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چاقمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش، شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىنى پېچەتلەش، قانۇنغا خىلاپ قۇرۇلۇش ۋە ۋاقىتلىق ئىمارەتنى مەجبۇرىي چېقىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ. مەجبۇرىي چېقىش خىراجىتىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى شەخس چىقىرىدۇ.

64-ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن جازا كېلىدىغان باشقا قىلمىشلارغا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

65-ماددا بۇ چارىدە ئېيتىلغان تۆۋەندىكى سۆز-ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى: 

(1) شەھەر (بازار) ئومۇمىي پىلانى: بۇ، مەلۇم مەزگىلدە، شەھەر(بازار)نىڭ خاراكتېرى، تەرەققىيات نىشانى، تەرەققىيات كۆلىمى، يەردىن پايدىلىنىش، جايلىشىش شۇنىڭدەك قۇرۇلۇشنى ھەر تەرەپلىمە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بۇ جەھەتتىكى تەدبىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. شەھەر(بازار) ئومۇمىي پىلانىنىڭ مۇددىتى ئادەتتە 20 يىل بولىدۇ. 

(2) ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى: بۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، ماكان بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش، شەھەر-يېزىلارنى ئوبدان جايلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە جامائەت ئەسلىھەلىرىنىڭ جايلاشتۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاش يىرىك پىلانىنى كۆرسىتىدۇ. 

(3) رايون خاراكتېرلىك شەھەر-يېزا سىستېمىسى يىرىك پىلانى: بۇ، ئاپتونوم ئوبلاست، ۋىلايەت(شەھەر) دائىرىسىدە شەھەر-يېزىلارنىڭ بىر تۇتاش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، ماكان بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش، شەھەر-يېزىلارنى ئوبدان جايلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھە ۋە جامائەت ئەسلىھەلىرىنىڭ جايلىشىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاش يىرىك پىلانىنى كۆرسىتىدۇ. 

(4) رايون ھالقىيدىغان مەخسۇس يىرىك پىلان: بۇ، بىر دەرىجە تۆۋەن مەمۇرىي بىرلىك ھالقىغان دائىرىدە رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، ماكان بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش مەقسىتىدە، رايونلاردىكى شەھەر-بازار مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە جامائەت ئەسلىھەلىرىنىڭ جايلاشتۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاش يىرىك پىلانىنى كۆرسىتىدۇ. 

(5) يېقىن مەزگىللىك قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى: بۇ، شەھەر ئومۇمىي پىلانىدا قىسقا مۇددەتلىك قۇرۇلۇش نىشانى، تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاساسلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى مەزگىللىك قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىنىڭ مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. 

(6) تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانى: بۇ، شەھەر ئومۇمىي پىلانىنى ئاساس قىلىپ، قۇرۇلۇش رايونىنىڭ يەر ئىشلىتىش خاراكتېرى ۋە سىجىللىقىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچى، يول ۋە قۇرۇلۇش تۇرۇبا-سىم يوللىرىنى تىزگىنلەش ئورنى شۇنىڭدەك ماكان مۇھىتىنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىدىكى تەلەپنى كۆرسىتىدۇ. 

(7) قۇرۇش تەپسىلىي پىلانى: بۇ، تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانى ئاساس قىلىپ تۈزۈلىدىغان، ئىمارەت ۋە قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى لايىھەلەش، سېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىلان لايىھەسىنى كۆرسىتىدۇ. 

(8) شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىدىكى مەجبۇرلاش مەزمۇنى: قۇرۇلۇشقا چەك قويۇلغان رايون، قۇرۇش مەنئى قىلىنغان رايوننى ئايرىش پىرىنسىپى ۋە باشقۇرۇش تەلىپى؛ مۇھىم بايلىق ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش نىشانى؛ ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە رايون خاراكتېرلىك چوڭ-چوڭ ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ جايلىشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنى رايوننىڭ شەھەر-بازار يىرىك پىلانىنىڭ مەجبۇرلاش مەزمۇنى قىلىش كېرەك. 

(9) شەھەر ئومۇمىي پىلانى ۋە بازار ئومۇمىي پىلانىدىكى مەجبۇرلاش مەزمۇنلىرى: بۇ، شەھەر-بازار پىلانلانغان رايوننىڭ دائىرىسى، تەرەققىيات كۆلىمى، يەر ئىشلىتىش جەھەتتىكى چەكلىمە خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلەرنى؛ داڭلىق مەنزىرە رايونى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، سۇلۇق يەر، سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونى ۋە سۇ سىستېمىسى قاتارلىق ئېكولوگىيەسى نازۇك رايون، ئاساسىي ئېتىز-ئېرىق، يەر ئاستى قېزىلما بايلىقى جايلاشقان رايون قاتارلىق شەھەر-بازار دائىرىسىدە قاتتىق تىزگىنلىنىدىغان رايونلارنى؛ يېشىللىقنىڭ جايلىشىشى؛ شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى يېرىنىڭ جايلىشىشى؛ تەبىئىي ۋە تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، شەھەر-بازاردا ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

(10) شەھەر-بازار تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانىدىكى مەجبۇرلاش مەزمۇنى: پىلانلانغان بۆلەكتىكى يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى، سىغىم نىسبىتى، ئىمارەتنىڭ ئېگىزلىكى، زىچلىقى، كۆكەرتىش نىسبىتى، جامائەت يېشىللىق كۆلىمى، پىلانلانغان بۆلەكتىكى ئۇل ئەسلىھە ۋە جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ياساش ھەققىدىكى بەلگىلىمە شۇنىڭدەك تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە كوچا-مەھەللە، ئىمارەتنىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان بۆلىكىدە قۇرۇلۇش قىلىشنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

(11) ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان رايونلار: تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ تەجرىبە رايونى ۋە سىرتىدىكى قوغداش رايونى، داڭلىق تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرىنىڭ يادرولۇق قوغداش رايونى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇشنى تىزگىنلەش رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

(12) تەبىئىي مىراس بايلىقى ياكى داڭلىق مەنزىرە بايلىقىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان قۇرۇلۇش تۈرى: ئاسما ۋاگون، ئاسما ئارقان قۇرۇلۇشى، مەنزىرە رايونى يولى، سۇ ئىنشائاتى ۋە مەنزىرە رايونى قىياپىتىنىڭ تەبىئىيلىكى، بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ماسلىقىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان ساياھەت، ئارام ئېلىش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش، ئولتۇراقلىشىش، يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىمارەت ۋە قۇرۇلمىلارنى كۆرسىتىدۇ. 

66-ماددا بۇ چارە 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر يىرىك پىلانى قانۇنى›نى يولغا قويۇش چارىسى» بىكار قىلىنىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇچتۇرپان ھۆكۈمەت تورى 

http://wsx.aks.gov.cn/article/2015-07/25/content_36401.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#