خارۇكى مۇراكامى

خارۇكى مۇراكامى (むらかみ はるき، Haruki Murakami،村上春树) 1949-يىلى 1-ئاينىڭ12-كۈنى ياپونىيە كىيوتو (きょうと) دا تۇغۇلغان. بۈگۈنكى دەۋىر داڭلىق يازغۇچىسى

ئۇيغۇرچە ئىسمى خارۇكى مۇراكامى
باشقا نامى مۇراكامى خارۇكى
مىللىتى ياپۇن
تۇغۇلغان ۋاقتى 1949.1.12
كەسپى يازغۇچى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 村上春树
دۆلەت تەۋەلىكى ياپۇنىيە
يۇرتى كىيوتو
ۋاپات بولغان ۋاقتى ھايات

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خارۇكى مۇراكامى (むらかみ はるき، Haruki Murakami،村上春树) ياپونىيەلىك بۈگۈنكى دەۋىر داڭلىق يازغۇچىسى، 1949-يىلى 1-ئاينىڭ12-كۈنى كىيوتو(きょうと)دا تۇغۇلغان. 

ۋاسىدا (わせだだいがく) ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات 1-فاكۇلتېتى تىياتىر بۆلۈمىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەدەبىي تەرجىمانلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 29يېشىدىن تارتىپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان بولۇپ، 1979-يىلى «ياشلىقتىرلوگىيەسى»(青春三部曲) ناملىق ئۈچ توملۇق رومانىنىڭ 1-تومى «سەلكىن ناخشىسىنى تىڭشاش»(风の歌を聴け،且听风吟، Hear the Wind Sing) نى ئېلانقىلىپ ياپۇنىيە «كوللىكتىپ ئوبراز»ژورنىلى 22-نۆۋەتلىك يېڭى شەخىس(群像新人奖)  مۇكاپاتىغا، كېيىن يەنە «ئاكۇتاگاۋا مۇكاپاتى»(あくたがわりゅうのすけしょう، ‹芥川龙之介奖›) غا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىزچىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ1980-يىلى «1973-يىلىدىكى شارىك»(1973年のピンボール)(一九七三年的弹子球)، 1982-يىلى«قوي ئىزدەش خەتەرلىك سەرگۈزەشتىسى»(羊をめぐる冒険)(寻羊冒险记)، 1985-يىلى«مۇزلىغان زېمىن ۋە قىيامەت كۈنى»(世界の终りとハードボイルド?ワンダーランド)(世界尽头与冷酷仙境) قاتارلىقنادىر ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. 1987-يىلىغا كەلگەندە ۋەكىللىك ئەسىرى «نورۋىگىيەئورمانلىقى»(ノルウェイの森)(挪威的森林)نى ئېلانقىلىپ، ياپۇنىيەدە 2010-يىلىغىچە 100 مېلىيون پارچە سېتىلىپ «خارۇكى قىزغىنلىقى»نىشەكىللەندۈرگەن.

«ياشلىق تىرلوگىيەسى»(青春三部曲)

«نورۋىگىيە ئورمانلىقى»(ノルウェイの森)(挪威的森林)

«1Q84»

«غەلىتە قۇشنىڭ خەتەرلىكسەرگۈزەشتىسى»(ねじまき鸟クロニクル)(奇鸟行状录)،

«دېڭىزبويىدىكى كافكا»(海辺のカフカ)(海边的卡夫卡)

1979-يىلى «ياشلىق تىرلوگىيەسى»(青春三部曲) ناملىق ئۈچ توملۇق رومانىنىڭ1-تومى «سەلكىن ناخشىسىنى تىڭشاش»(风の歌を聴け،且听风吟، Hear the Wind Sing) نى ئېلانقىلىپ ياپۇنىيە «كوللىكتىپ ئوبراز»ژورنىلى 22-نۆۋەتلىك يېڭى شەخىس(群像新人奖)  مۇكاپاتىغا، كېيىن يەنە «ئاكۇتاگاۋا مۇكاپاتى»(あくたがわりゅうのすけしょう، ‹芥川龙之介奖›) غا ئېرىشكەن. 

ئۇ «غەلىتە قۇشنىڭ خەتەرلىكسەرگۈزەشتىسى» ناملىق ئەسىرى بىلەن يومىئۇرى 47-نۆۋەتلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتى(読売文学賞)غا،«دېڭىز بويىدىكى كافكا»ناملىق ئەسىرى بىلەن 2005-يىلى ئامېرىكا «ئەڭ ياخشى كىتابتېزىملىكى»گە كىرىپ، «نوبىل مۇكاپاتىنىڭ مۇقەددىمىسى» دەپ تەرىپلىنىدىغان «فىرانىزكافكا مۇكاپاتى»(弗朗茨·卡夫卡奖)غا ئېرىشكەن. 2009-يىلى «1Q84» ناملىق ئەسىرى بىلەن «ئىرۇسالىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى»(耶路撒冷文学奖)قاتارلىق كۆپلىگەن ياپۇنىيە ئەدەبىيات – سەنئەت مۇكاپاتلىرى ۋە خەلقئارالىقمۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. 2011-يىلى ئۇ يۇقارقىدەك سەرخىل ئەسەرلىرى بىلەن ئىسپانىيەكاتالۇنىيە(Catalunya)خەلقارالىق مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشكەن.

ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇسلۇبى ياۋرۇپا ئەدىبلىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئاساسىي مىلودىيەسى يىنىك، ياپۇنىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى بۇرۇقتۇملىق قاپلىغان ئەدەبىي مۇھىتىنىڭ تەسىرىدىن ھالقىغان. شۇڭلاشقا ئۇ « ياپۇنىيەنىڭئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ھەقىقىي ساپ 1-يازغۇچىسى»، «ياپۇنىيە ئەدەبىياتىنىڭ80-يىللاردىكى بايراقدارى» دەپ تەرىپلىنىدۇ.

 2016-يىلى نوبىل مۇكاپاتى نامزاتلىرى قاتارىدا ئۇنىڭ تەسىر كۈچى رەت تەرتىپى ئەڭ ئالدىدا تۇرغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#