كومپيۇتېر يىغىندا كېسەللىكى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كۆز قۇرۇش، قىزىرىش، بارماقلىرى ئۇيۇشۇپ قىلىش، باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق، بويۇن-گەجگە مۇسكۇللىرى تارتىشىپ ئاغرىش، يۈرىكى رىتىمسىز سۇقۇپ كېتىش، كۆپ تەرلەش، ئىشتىھاسىزلىق، كەيپىياتى تۇراقسىز، روھى ھالىتى تۆۋەن بۇلۇش، ئىنكاسى ئاستىلاش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، دائىم ھارغىنلىق ھېس قىلىش. قىز-ئاياللاردا ئادىتى قالايمىقان بولۇشتەك كېسەللىك ئالامەتلىرى يۇز بېرىدۇ.
1. خىزمەت مۇھىتىنى ياخشىلاش. 2. ھاۋا ئۆتۇشچانلىغى ياخشى ئۆيدە خىزمەت قىلىش. 3. يۇرۇقلۇق دەرىجىسى مۇۋاپىق، كۈن نۇرى ياخشى چۈشىدىغان ئۆينى تاللاش. 4. ئولتۇرۇش ھالىتى توغرا بۇلۇش. 5. شارائىت يار بەرسە كۈندە بىر-ئىككى قېتىم ھۆل لۆڭگە بىلەن
كۆزگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈش. 6. مەشغۇلات ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىغىغا قاراپ ھەر 2 سائەتتە بىر قېتىم 5-10مىنۇتتىن ئورنىدىن تۇرۇپ پۈتۈن بەدەننى ھەركەتلەندۈرۈپ ئارام ئالدۇرۇش كېرەك.
كومپيۇتېر يىغىندا كېسەللىكىئۇنىڭدىن باشقا تەرتىپلىك خىزمەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، ئىلمى ئۇزۇقلىنىش، يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە دىققەت قىلىش. ۋىتامىن مول ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ياغ تەركىۋى تۆۋەن، ئاسان ھەزىم بولدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك (سەۋزە، يېسىۋىلەك، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، چىلان، سۈت، تۇخۇم، ھايۋانات جىگىرى، ئۇرۇق گۆش قاتارلىقلار.) بولۇپمۇ كېچىسى تۈنەپ خىزمەت قىلىدىغانلار، مەشغۇلات ۋاقتى زىيادە ئۇزۇنلار، ئۇخلاش ۋاقتىدا چوقۇم تەكشى جايدا بېشىنى تۇز قۇيۇپ يېتىش، پۇتنى سەل ئېگىز قۇيۇش بۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاش بىلەن بىللە ئىككى پۇتنىڭ ئىششىپ قېلىشىنىڭ پۇت ۋېنا تومۇرنىڭ كۆپۈپ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.