جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي مەجبۇرلاش قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي مەجبۇرلاش قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى» نىڭ مەمۇرىي مەجبۇرلاش قانۇنى›› 2011-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىنغان. 2012-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي مەجبۇرلاش قانۇنى
ئىنگلىزچە نامى Administrative Coercion Law of the People’s Republic of China
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国行政强制法
نىزامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 49–نومۇرلۇق بۇيرۇقى
يولغا قويۇلغان ۋاقىت 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي مەجبۇرلاش قانۇنى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى» نىڭ مەمۇرىي مەجبۇرلاش قانۇنى›› 2011-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىنغان. 2012-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ 2011-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنى.

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ 

1-ماددا بۇ قانۇن مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى بېكىتىش ۋە يولغا قويۇش، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش، جامائەت مەنپەئەتى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغداش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇقھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى. 

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مەمۇرىي مەجبۇرلاش مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىش ۋە مەمۇرىي مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىش مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش جەريانىدا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توسۇش، دەلىل-ئىسپات بۇزۇلۇپ كېتىشنىڭئالدىنى ئېلىش، خەۋپتىن ساقلىنىش، خەتەرنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى تىزگىنلەش قاتارلىق ئەھۋاللاردا، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە ۋاقىتلىق چەكلەش ياكى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە ياكى باشقاتەشكىلاتلارنىڭ پۇل-مېلىنى ۋاقىتلىق تىزگىنلەپ تۇرۇش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. مەمۇرىي مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش مەمۇرىي ئورگاننىڭ ياكى مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي ئورگاننىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەمۇرىي قارارنى ئىجرا قىلمىغان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچەمەجبۇرىي ئادا قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. 

3-ماددا مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى بېكىتىش ۋە يولغا قويۇشقا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ. تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە ئاپىتى، جامائەت ساغلاملىقى ۋەقەسى ياكى جەمئىيەت خەۋپسىزلىكى ۋەقەسى قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە ياكى يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغاندا، مەمۇرىي ئورگان جىددىي ياكى ۋاقىتلىق تەدبىرلەرنى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە قوللىنىدۇ. مەمۇرىي ئورگان پۇل مۇئامىلە ساھەسىنىئېھتياتچانلىق بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرى ۋە چېگرادىن كىرىپ-چىقىدىغان ماللارنى مەجبۇرىيتېخنىكىلىق نازارەت قىلىش تەدبىرلىرىنى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە قوللىنىدۇ. 

4-ماددا مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى بېكىتىش ۋە يولغا قويۇشتا قانۇندىكى ھوقۇق چېكى، دائىرە، شەرت ۋە تەرتىپكە ئەمەل قىلىش كېرەك. 

5-ماددا مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى بېكىتىش ۋە يولغا قويۇش مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. مەجبۇرلاش ۋاسىتىسىدىن باشقا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولسا، مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى بېكىتىشكە ۋە يولغا قويۇشقا بولمايدۇ. 

6-ماددا مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى يولغا قويۇشتا، تەربىيە بېرىش بىلەن مەجبۇرلاشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. 

7-ماددا مەمۇرىي ئورگان ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مەمۇرىي مەجبۇرلاش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئورۇننىڭ ۋە ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىسە بولمايدۇ. 

8-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى يولغا قويغاندا، بايان قىلىش ھوقۇقى ۋە ئاقلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە؛ قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماسقىلىشقا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ مەمۇرىي ئورگاننىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى يولغا قويۇشى سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلاردىن خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش داۋامىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ياكى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىۋېتىشى سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

2-باب مەمۇرىي مەجبۇرلاشنىڭ تۈرى ۋە بېكىتىلىشى 

9-ماددا مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنىڭ تۈرى: 

(1) پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش؛ 

(2) سورۇن، ئەسلىھە ياكى پۇل-مالنى پېچەتلەش؛ 

(3) پۇل-مالنى تۇتۇپ قېلىش؛ 

(4) ئامانەت پۇل ۋە پېرېۋوت پۇلنى توڭلىتىش؛ 

(5) باشقا مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى. 

10-ماددا مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قانۇندا بېكىتىلىدۇ. قانۇن چىقىرىلمىغان، لېكىن گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش ھوقۇقىغا تەۋە ئىشلاردا، مەمۇرىي نىزاملاردا مۇشۇ قانۇننىڭ 9-ماددىسىنىڭ (1)، (4) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلىنىدىغان مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىدىن سىرت، باشقا مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزام چىقىرىلمىغان، شۇنىڭدەك يەرلىككە تەۋە ئىشلاردا، يەرلىك نىزاملاردا مۇشۇ قانۇننىڭ 9-ماددىسىنىڭ (2)، (3) تارماقچىسىدىكى مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. قانۇن، نىزاملاردىن سىرت، باشقا قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردە مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى بېكىتىشكە بولمايدۇ. 11-ماددا قانۇنلاردا مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنىڭ ئوبيېكتى، شەرتى، تۈرى بەلگىلەنگەن بولسا، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزاملاردا كېڭەيتىپ بەلگىلىمە چىقىرىشقا بولمايدۇ. قانۇنلاردا مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى بېكىتىلمىگەن بولسا، مەمۇرىي نىزام ۋە يەرلىك نىزاملاردا مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى بېكىتىشكە بولمايدۇ. لېكىن، مۇئەييەن ئىشلارنى كونكرېت باشقۇرۇش تەدبىرىنىڭمەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلىنىدىغانلىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن بولسا، مەمۇرىي نىزاملاردا مۇشۇ قانۇننىڭ 9-ماددىسىنىڭ (1)، (4) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن تەدبىرلەردىن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلىنىدىغان مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىدىن سىرت، باشقا مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. 12-ماددا مەمۇرىي مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش ئۇسۇلى: 

(1) جەرىمانە ياكى كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى كۆپەيتىپ ئېلىش؛ 

(2) ئامانەت پۇل، پېرېۋوت پۇلدىن ئاجرىتىپ بېرىش؛ 

(3) پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان سورۇن، ئەسلىھە ياكى مال-مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ياكى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش؛ (4) توسالغۇنى تۈگىتىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ 

(5) ۋاكالىتەن ئادا قىلىش؛ 

(6) مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنىڭ باشقا ئۇسۇللىرى. 

13-ماددا مەمۇرىي مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشقانۇندا بېكىتىلىدۇ. قانۇندا مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرىدىغانلىقى بەلگىلەنمىگەن بولسا، مەمۇرىي قارار چىقارغان مەمۇرىي ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگەمەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

14-ماددا تەييارلىغۇچى ئورۇن تەييارلىغان قانۇن لايىھەسى ۋە نىزام لايىھەسىدە مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى بېكىتمەكچى بولسا، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى، دەلىللەش يىغىنى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پىكىر ئېلىشى ھەمدە چىقارغۇچى ئورگانغا شۇ مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى بېكىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان تەسىرى، شۇنىڭدەك پىكىرنى ئېلىش ۋە قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. 

15-ماددا مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى بېكىتكۈچى ئورگان ئۆزى بېكىتكەن مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى قەرەللىك باھالىشى ھەمدە نامۇۋاپىق مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى ياكى بىكار قىلىشى كېرەك. مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى يولغا قويغۇچى ئورگان بېكىتىپ بولغان مەمۇرىي مەجبۇرلاشنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ۋە ئۇنى ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى مۇۋاپىق پەيتتە باھالىشى ھەمدە پىكىرلەرنى شۇ مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى بېكىتكۈچى ئورگانغا دوكلات قىلىشى كېرەك. پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى بېكىتكۈچى ئورگان ۋە يولغا قويغۇچى ئورگانغا مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى بېكىتىش ۋە يولغا قويۇش ھەققىدە پىكىر-تەكلىپ بەرسە بولىدۇ. ئالاقىدار ئورگان ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ دەلىللىشى ھەمدە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك. 

3-باب مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى يولغا قويۇش تەرتىپى 

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە 

16-ماددا مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمەبويىچە مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى يولغا قويىدۇ. قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى خېلىلا يېنىك بولغان ياكى روشەن ئىجتىمائىي خەۋپ پەيدا قىلمىغانلارغا مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلمىسىمۇ بولىدۇ. 

17-ماددا مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگان قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە يولغا قويىدۇ. مەمۇرىيمەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىشنى ھاۋالە قىلىشقا بولمايدۇ. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي جازا قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي جازا ھوقۇقىنى نىسبىي ھالدا مەركەزلەشتۈرۈپ يۈرگۈزىدىغان مەمۇرىي ئورگان قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن، مەمۇرىي جازا ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى يولغا قويسا بولىدۇ. مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى مەمۇرىي ئورگانلاردىكى سالاھىيىتى بار مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار يولغا قويىدۇ، باشقىلار يولغا قويسا بولمايدۇ. 

18-ماددا مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى يولغا قويۇشتا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى كېرەك: 

(1) يولغا قويۇشتىن بۇرۇن مەمۇرىي ئورگان مەسئۇلىغا دوكلات قىلىش ھەمدە تەستىقلىتىش؛ 

(2) ئىككىدىن ئارتۇق مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم يولغا قويۇش؛ 

(3) قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيەت ئىسپاتىنى كۆرسىتىش؛ 

(4) ئالاقىدارلارغا كېلىشنى ئۇقتۇرۇش؛ 

(5) ئالاقىدارلارغا مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىشنىڭ سەۋەبى، ئاساسىنى، شۇنىڭدەك ئالاقىدارلارنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقىنى ئېيتىپ قويۇش ۋە قۇتۇلۇش يولىنى شۇ يەردە ئۇقتۇرۇپ قويۇش؛ 

(6) ئالاقىدارلارنىڭ بايانى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى ئاڭلاش؛ 

(7) نەق مەيدان خاتىرىسى قالدۇرۇش؛ 

(8) نەق مەيدان خاتىرىسىگە ئالاقىدارلار ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ئىمزاسىنى قويۇش ياكى تامغىسىنى بېسىش، ئالاقىدارلار رەت قىلغان بولسا، خاتىرىگە ئىزاھلاپ قويۇش؛ 

(9) ئالاقىدارلار كەلمىگەن بولسا، گۇۋاھچىنى چاقىرىپ كېلىپ، نەق مەيدان خاتىرىسىگە گۇۋاھچى بىلەن مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ئىمزاسىنى قويۇش ياكى تامغىسىنى بېسىش؛ 

(10) قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا تەرتىپلەر. 

19-ماددا ئەھۋال جىددىي بولۇپ، مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى شۇ يەردىلا يولغا قويۇلغان بولسا، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار 24 سائەت ئىچىدەمەمۇرىي ئورگان مەسئۇلىغا دوكلات قىلىشى ھەمدە تەستىق رەسمىيىتىنى تولۇقلىشى كېرەك. مەمۇرىي ئورگان مەسئۇلى مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىشقا تېگىشلىك ئەمەس دەپ قارىسا، دەرھال بىكار قىلىشى كېرەك. 

20-ماددا قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى يولغا قويۇشتا، مۇشۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپنى ئادا قىلىشتىن باشقا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگىمۇ رىئايە قىلىش كېرەك: 

(1) مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى يولغا قويغان مەمۇرىي ئورگان، جاي ۋە مۆھلەتنى ئالاقىدارلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە شۇ يەردىلا ئۇقتۇرۇش ياكى مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئۇقتۇرۇش؛ 

(2) جىددىي ئەھۋالدا مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى شۇ يەردىلا يولغا قويغانلار مەمۇرىي ئورگانغا قايتقاندىن كېيىن، ئورگان مەسئۇلىغا دەرھال دوكلات قىلىش ھەمدە تەستىق رەسمىيىتىنى تولۇقلاش؛ 

(3) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا تەرتىپلەر. جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەيدىغان مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتىن ئاشۇرۇپ يولغا قويۇشقا بولمايدۇ. مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى يولغا قويۇش مەقسىتىگە يەتكەندە ياكى شەرتى يوقالغاندا، ئۇنى دەرھال بىكار قىلىش كېرەك. 

21-ماددا قانۇنغا خىلاپ قىلمىش جىنايەتكە چېتىلىپ قېلىپ، قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تېگىشلىك بولسا، مەمۇرىي ئورگان پېچەتلىگەن، تۇتۇپ قالغان، توڭلىتىۋەتكەن پۇل-مالنى بىللە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. 

2-پاراگراف پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش 

22-ماددا پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش تەدبىرىنىقانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگان يولغا قويىدۇ،باشقا ھەرقانداق مەمۇرىي ئورگان ياكى تەشكىلاتنىڭ يولغا قويۇشىغا بولمايدۇ. 

23-ماددا پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش دېلوغا مۇناسىۋەتلىك سورۇن، ئەسلىھە ياكى پۇل-مال بىلەن چەكلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز سورۇن، ئەسلىھە ياكى پۇل-مالنى پېچەتلەشكە، تۇتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ؛ پۇقرانى ۋە ئۇ بېقىۋاتقان ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى پېچەتلەشكە، تۇتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. ئالاقىدارلارنىڭ سورۇنى، ئەسلىھەسى ياكى پۇل-مېلىنى دۆلەتنىڭ باشقا ئورگىنى قانۇن بويىچە پېچەتلىگەن بولسا، قايتا پېچەتلەشكە بولمايدۇ. 

24-ماددا مەمۇرىي ئورگان پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىشنى قارار قىلغان بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپنى ئادا قىلىپ، پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش قارارى ۋە تىزىملىكنى تەييارلىشى ھەمدە نەق مەيداندا تاپشۇرۇشى كېرەك. پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش قارارنامىسىگە تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئېنىق يېزىش كېرەك: 

(1) ئالاقىدارلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى نامى، ئادرېسى؛ 

(2) پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش سەۋەبى، ئاساسى ۋەمۆھلىتى؛ 

(3) پېچەتلىگەن، تۇتۇپ قالغان سورۇن، ئەسلىھە ياكىپۇل-مالنىڭ نامى، سانى قاتارلىقلار؛ 

(4) مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلىش يولى ۋە مۆھلىتى؛ 

(5) مەمۇرىي ئورگاننىڭ نامى، تامغىسى ۋە چېسلا. پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش تىزىملىكى ئوخشاش ئىككى نۇسخا بولىدۇ، ئۇنى ئالاقىدارلار ۋە مەمۇرىي ئورگان ساقلايدۇ. 

25-ماددا پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش مۆھلىتىنى 30 كۈندىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ؛ ئەھۋال مۇرەككەپ بولسا،مەمۇرىي ئورگان مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۇزارتىشقا بولىدۇ، لېكىن، ئۇزارتىلغان مۆھلەتنى 30 كۈندىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش مۆھلىتىنى ئۇزارتىش قارارىنى ئالاقىدارلارغا ۋاقتىدا يازما ئۇقتۇرۇش ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك. بۇيۇمنى ئۆلچەش، پىرىيوم قىلىش، كارانتىن قىلىش ياكى تېخنىكىلىق باھالاشقا توغرا كەلسە، ئۆلچەش، پىرىيوم قىلىش، كارانتىن قىلىش ياكى تېخنىكىلىق باھالاش سۈرۈكى پېچەتلەش، تۇتۇپ قىلىش سۈرۈكىگە كىرمەيدۇ. ئۆلچەش، پىرىيوم قىلىش، كارانتىن قىلىش ياكى تېخنىكىلىق باھالاش سۈرۈكىنى ئېنىق بېكىتىش ھەمدە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك. ئۆلچەش، پىرىيوم قىلىش، كارانتىن قىلىش ياكى تېخنىكىلىق باھالاش خىراجىتىنى مەمۇرىي ئورگان چىقىرىدۇ. 

26-ماددا پېچەتلىگەن، تۇتۇپ قالغان سورۇن، ئەسلىھە ياكى پۇل-مالنى مەمۇرىي ئورگان ئوبدان ساقلىشى، ئىشلىتىۋالماسلىقى ياكى بۇزۇۋەتمەسلىكى؛ زىيان سالغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. پېچەتلەنگەن سورۇن، ئەسلىھە ياكى پۇل-مالنى ساقلاشنى مەمۇرىي ئورگان 3-كىشىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ، 3-كىشى بۇزۇۋەتسە ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىۋەتسە، نېرى-بېرى قىلىۋەتسە بولمايدۇ. 3-كىشىنىڭ سەۋەبى بىلەن زىيان كېلىپ چىققان بولسا، مەمۇرىي ئورگان تۆلەپ بېرىپ تۇرۇپ، 3-كىشىدىنتۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىشتىن بولغان ساقلاش خىراجىتىنى مەمۇرىي ئورگان چىقىرىدۇ. 

27-ماددا مەمۇرىي ئورگان پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىن، پاكىتنى ۋاقتىدا ئېنىقلاپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 25-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى كېرەك. قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش پاكىتى ئېنىق بولسا، قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىنىدىغان قانۇنسىز پۇل-مالنى مۇسادىرە قىلىشى؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا كۆيدۈرۈۋېتىش بەلگىلەنگەنلىرىنى قانۇن بويىچە كۆيدۈرۈۋېتىشى؛ پېچەتلەشۋە تۇتۇپ قېلىشنى بىكار قىلىدىغانلىرىدا پېچەتلەشنى ۋە تۇتۇپ قېلىشنى بىكار قىلىش قارارى چىقىرىشى كېرەك. 28-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، مەمۇرىي ئورگان پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىشنى بىكار قىلىشقارارىنى ۋاقتىدا چىقىرىشى كېرەك: (1) ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بولمىسا؛ 

(2) پېچەتلىگەن، تۇتۇپ قالغان سورۇن، ئەسلىھە ياكى پۇل-مالنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىسا؛ 

(3) مەمۇرىي ئورگان قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئۈستىدە بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىپ بولغان بولۇپ، پېچەتلەش،تۇتۇپ قېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمىسا؛ 

(4) پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش مۆھلىتى توشقان بولسا؛ 

(5) پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش تەدبىرى قوللىنىش زۆرۈرىيىتى يوق باشقا ئەھۋاللار. پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىشنى بىكار قىلغاندا، پۇل-مالنى دەرھال قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك؛ يېڭى، تىرىك مال ياكى ساقلىغىلى بولمايدىغان باشقا مال-مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتقان ياكى سېتىۋەتكەن بولسا، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ ياكى سېتىۋېتىپ ئېرىشكەن پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك. سېتىۋەتكەن باھاسى بازار باھاسىدىن خېلىلا تۆۋەن بولۇپ، ئالاقىدارلارغا زىيان سالغان بولسا، تولۇقلىما بېرىش كېرەك. 

3-پاراگراف توڭلىتىش

29-ماددا ئامانەت پۇل، پېرېۋوت پۇلنى توڭلىتىشنى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگان يولغا قويۇشى كېرەك، باشقا مەمۇرىي ئورگان ياكى تەشكىلاتقا ھاۋالە قىلىشقا بولمايدۇ؛ باشقا ھەر قانداق مەمۇرىي ئورگان ياكى تەشكىلات ئامانەت پۇل، پېرېۋوت پۇلنى توڭلىتىپ قويسا بولمايدۇ. توڭلىتىلغان ئامانەت پۇل، پېرېۋوت پۇلنىڭ سوممىسى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش چېتىلغان سومما بىلەن تەڭبولۇشى كېرەك؛ دۆلەتنىڭ باشقا ئورگىنى قانۇن بويىچە توڭلىتىۋەتكەن بولسا، قايتا توڭلىتىشقا بولمايدۇ. 

30-ماددا مەمۇرىي ئورگانلاردىن قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئامانەت پۇل، پېرېۋوت پۇلنى توڭلىتىشنى قارار قىلغانلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىنىڭ (1)، (2)، (3)، (7) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئىش قىلىشى ھەمدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا توڭلىتىش ئۇقتۇرۇشىنى بېرىشى كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە چىقارغان توڭلىتىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال توڭلىتىشى كېرەك، كېچىكتۈرۈشكە توڭلىتىشتىن بۇرۇن ئۇچۇرنى ئالاقىدارلارغا ئاشكارىلاپ قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا مەمۇرىي ئورگان ياكى تەشكىلات ئالاقىدارلارنىڭ ئامانەت پۇلى، پېرېۋوت پۇلىنى توڭلىتىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى رەت قىلىشى كېرەك. 

31-ماددا ئامانەت پۇل، پېرېۋوت پۇل قانۇندىكىبەلگىلىمە بويىچە توڭلىتىلغان بولسا، قارار چىقارغان مەمۇرىيئورگان ئۈچ كۈن ئىچىدە ئالاقىدارلارغا توڭلىتىش قارارىنى بېرىشى كېرەك. توڭلىتىش قارارىغا تۆۋەندىكىلەرنى ئېنىق يېزىش كېرەك: 

(1) ئالاقىدارلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى نامى، ئادرېسى؛ 

(2) توڭلىتىش سەۋەبى، ئاساسى ۋە مۆھلىتى؛ 

(3) توڭلاتقان ھېسابات نومۇرى ۋە سوممىسى؛ 

(4) مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلىش يولى ۋە مۆھلىتى؛ 

(5) مەمۇرىي ئورگاننىڭ نامى، تامغىسى ۋە چېسلا. 

32-ماددا ئامانەت پۇل، پېرېۋوت پۇلنى توڭلاتقان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، مەمۇرىي ئورگان بىر تەرەپقىلىش قارارى ياكى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش قارارى چىقىرىشى كېرەك؛ ئەھۋال مۇرەككەپ بولسا، مەمۇرىي ئورگان مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۇزارتىلسا بولىدۇ، لېكىن، ئۇزارتىلغان مۆھلەت 30 كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. توڭلىتىش مۆھلىتىنى ئۇزارتىش قارارىنى ئالاقىدارلارغا ۋاقتىدا يازما ئۇقتۇرۇپ قويۇش ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك. 

33-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، مەمۇرىي ئورگان توڭلىتىشنى بىكار قىلىش قارارىنى ۋاقتىدا چىقىرىشى كېرەك: 

(1) ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بولمىسا؛ 

(2) توڭلىتىلغان ئامانەت پۇل، پېرېۋوت پۇل قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسا؛ 

(3) مەمۇرىي ئورگان قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئۈستىدە بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىپ بولغان بولۇپ، توڭلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمىسا؛ (4) توڭلىتىش مۆھلىتى توشقان بولسا؛ 

(5) توڭلىتىش تەدبىرىنى قوللىنىش زۆرۈرىيىتى قالمىغانباشقا ئەھۋاللار. مەمۇرىي ئورگان توڭلىتىشنى بىكار قىلىش قارارى چىقارغان بولسا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە ئالاقىدارلارغاۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، توڭلىتىشنى دەرھالبىكار قىلىشى كېرەك. مەمۇرىي ئورگان مۆھلەت ئۆتسىمۇ بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقارمىغان ياكى توڭلىتىش قارارىنى بىكار قىلمىغان بولسا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى توڭلىتىش مۆھلىتى توشقان كۈندىن باشلاپ توڭلىتىشنى بىكار قىلىشى كېرەك.

39-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، ئىجرا توختىتىپ تۇرۇلىدۇ: 

(1) ئالاقىدارلارنىڭ مەمۇرىي قارارنى ئادا قىلىشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بولسا ياكى ئادا قىلىشقا ۋاقتىنچە قۇربى يەتمىسە؛ 

(2) 3-كىشىنىڭ ئىجرا نىشانىدا ھوقۇقىنىتەشەببۇس قىلىشقا ھەقىقەتەن ئاساسى بولسا؛ 

(3) ئىجرانىڭ تولدۇرغۇسىز زىيان پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولسا، يەنە كېلىپ ئىجرانى توختىتىپ تۇرۇش جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان بولسا؛ 

(4) مەمۇرىي ئورگان ئىجرانى توختىتىپ تۇرۇش زۆرۈر دەپ قارىغان باشقا ئەھۋاللار. ئىجرانى توختىتىپ تۇرىدىغان ئەھۋال تۈگىگەندىن كېيىن، مەمۇرىي ئورگان ئىجرانى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. كۆرۈنەرلىك ئىجتىمائىي زىيىنى بولمىغان، ئالاقىدارلارنىڭ ئادا قىلىشقا ھەقىقەتەن قۇربى يەتمىگەن، ئىجرا توختىتىپ تۇرۇلغىنىغا ئۈچ يىل توشقان بولسىمۇ، ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىگەن بولسا، مەمۇرىي ئورگان قايتا ئىجرا قىلمايدۇ. 

40-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، ئىجرا ئاخىرلىشىدۇ: 

(1) پۇقرا ئۆلگەن، ئىجراغا بەرگۈدەك مىراسى قالمىغان، ھەم مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچىسى بولمىغان بولسا؛ 

(2) قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ئاخىرلاشقان، ئىجراغا بەرگۈدەك مال-مۈلكى قالمىغان، ھەم مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچىسى بولمىغان بولسا؛ 

(3) ئىجرا نىشانى يوقالغان بولسا؛ 

(4) ئىجرا ئاساسى قىلىنغان مەمۇرىي قارار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا؛ 

(5) مەمۇرىي ئورگان ئىجرانى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان باشقا ئەھۋاللار. 

41-ماددا ئىجرا داۋامىدا ياكى ئىجرا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىجرا ئاساسى قىلىنغان مەمۇرىي قارار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، ئۆزگەرتىلگەن ياكى خاتا ئىجرا قىلىنغان بولسا، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىش ياكى پۇل-مالنى قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك؛ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمىسا ياكى پۇل-مالنى قايتۇرۇپ بەرگىلى بولمىسا، قانۇن بويىچە تۆلەپ بېرىش كېرەك. 

42-ماددا مەمۇرىي مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشتا، مەمۇرىي ئورگان جامائەت مەنپەئىتى ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكئاساسىدا، ئالاقىدارلار بىلەن ئىجرا كېلىشىمى ھاسىل قىلسا بولىدۇ. ئىجرا كېلىشىمىدە باسقۇچقا بۆلۈپ ئاداقىلىشنى پۈتۈشۈشكە بولىدۇ؛ ئالاقىدارلار قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللانغان بولسا، كۆپەيتىلگەن جەرىمانە ياكىكېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى كېمەيتىشكە، كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدۇ. ئىجرا كېلىشىمىنى ئادا قىلىش كېرەك. ئالاقىدارلار ئىجرا كېلىشىمىنى ئادا قىلمىسا، مەمۇرىي ئورگان مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. 

43-ماددا مەمۇرىي ئورگان كېچىدە ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنىدە مەمۇرىي مەجبۇرىي ئىجرانى يولغا قويسا بولمايدۇ. لېكىن، ئەھۋال جىددىي بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.مەمۇرىي ئورگان ئاھالىنىڭ تۇرمۇشىغا كېرەكلىك سۇ، توك، پار، گازنى توختىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئالاقىدارلارنى مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي قارارنى ئادا قىلىشقا مەجبۇرلىسا بولمايدۇ. 

44-ماددا قانۇنغا خىلاپ ئىمارەت، قۇرۇلما، ئەسلىھە قاتارلىقلارنى مەجبۇرىي چۇۋۇۋېتىشكە توغرا كەلسە، مەمۇرىي ئورگان ئېلان چىقىرىپ، ئالاقىدارغا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چۇۋۇتقۇزۇشى كېرەك. ئالاقىدارلار قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلمىغان، ھەم چۇۋۇۋەتمىگەن بولسا، مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچەمەجبۇرىي چۇۋۇتقۇزۇۋەتسە بولىدۇ. 

4-پاراگراف پۇل تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئىجرا قىلىش 

45-ماددا مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە چىقارغان پۇل تۆلەش مەجبۇرىيىتى ھەققىدىكى مەمۇرىي قارارنى ئالاقىدارلار مۆھلەت ئۆتسىمۇ ئادا قىلمىسا، مەمۇرىي ئورگان جەرىمانىنى ياكى كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى قانۇنبويىچە كۆپەيتىپ ئالسا بولىدۇ. كۆپەيتىپ ئېلىنىدىغان جەرىمانە ياكى كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنىڭ ئۆلچىمىنى ئالاقىدارلارغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. كۆپەيتىپ ئېلىنىدىغان جەرىمانە ياكى كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنىڭ سوممىسى مەجبۇرىيەت بويىچە تۆلىنىدىغان پۇلنىڭسوممىسىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. 

46-ماددا مەمۇرىي ئورگان مۇشۇ قانۇننىڭ 45-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە ياكى كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى كۆپەيتىپ ئېلىشنى يولغا قويغىنىغا 30 كۈندىن ئېشىپ كېتىپ، ئالاقىدارلارنى سۈيلىسىمۇ ئادا قىلمىغان بولسا، مەمۇرىي مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە مەمۇرىي ئورگان مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرسا بولىدۇ. مەمۇرىي ئورگان مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشتىن بۇرۇن، پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىش تەدبىرى قوللىنىشقاتوغرا كەلسە، مۇشۇ قانۇننىڭ 3-بابىدىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىدۇ. مەمۇرىي مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش ھوقۇقى بولمىغان مەمۇرىي ئورگان مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. لېكىن، ئالاقىدارلار قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىغان ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلمىغان، سۈيلىسىمۇ ئادا قىلمىغان بولسا، مەمۇرىي باشقۇرۇش داۋامىدا پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش تەدبىرى قوللانغان مەمۇرىي ئورگان پېچەتلىگەن، تۇتۇپ قالغان مال-مۈلۈكنى قانۇن بويىچە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، جەرىمانىگە تۇتال قىلسا بولىدۇ. 

47-ماددا ئامانەت پۇل، پېرېۋوت پۇلدىن ئاجرىتىپ بېرىشنى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگان قارار قىلىشى ھەمدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى مەمۇرىي ئورگاننىڭ ئامانەت پۇل، پېرېۋوت پۇلدىن ئاجرىتىپ بېرىش توغرىسىدا قانۇن بويىچە چىقارغان قارارىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن،دەرھال ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەك. قانۇندا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا مەمۇرىي ئورگان ياكى تەشكىلاتلار ئالاقىدارلارنىڭ ئامانەت پۇلى، پېرېۋوت پۇلىدىنئاجرىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى رەت قىلىشى كېرەك. 

48-ماددا مال-مۈلۈكنى قانۇن بويىچە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشنى مەمۇرىي ئورگان ھاۋالە قىلغان كىمئارتۇققىلىپ ساتقۇچى ئاپپارات «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىمئارتۇق سودىسى قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/2769402.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#