خامان ناخشىسى
خامان تېپىش—دېھقانچىلىق ئەمگىكىنىڭ ئەڭ جىددىي ۋە ئەڭ ئۈمىدلىك مەزگىلى بولغاچقا، دېھقانلار خاماننىڭ مول ھوسۇللۇق بولۇشىنى تىلەپ ھەر خىل ئېرەملىك ئادەتلەرگە ئەمەل قىلىدۇ. ئەنە شۇنداق ئېرەملىك ئادەتلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خامان قاتقاندا ئېيتىدىغان «خامان ناخشىسى» دىن ئىبارەت. «خامان ناخشىسى» نى ھەممە دېھقان ئېيتمايدۇ ۋە ئېيتالمايدۇ. يۇرت ۋە مەھەللە ئىچىدە «خامان ناخشىسى» نى ئېيتىدىغان بىرنەچچە تەجرىبىلىك پېشقەدەم دېھقانلار بولۇپ ئۇلار تەكلىپ بىلەن ياكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يۇرت-مەھەللىدىكى خامانلىقلارنى ئارىلاپ قەرەللىك ھالدا «خامان ناخشىسى» نى ئېيتىش بىر خىل ئەنئەنىگە ئايلانغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
«خامان ناخشىسى» ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «لاي-لاي» دېگەن مەخسۇس نام بىلەن ئاتالغان. «لاي-لايچىلار» ئادەتتە ئوڭ دولىسىغا ئارىنى ئېلىپ، قولى بىلەن سول قۇلىقىنى تۇتۇپ، خامانغا قاتقان ئات-ئۇلاغلارنىڭ مومىنى دەۋر قىلىپ ئايلىنىشقا ئەگىشىپ، مەھەللە-كويغا ئاڭلانغۇدەك يۇقىرى ئاۋاز بىلەن «لاي-لاي» سالىدۇ. «لاي-لاي» ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھەرقانداق كىشى قىلىۋاتقان ئىشىنى توختىتىپ، دىققەت بىلەن تىڭشايدۇ. دېھقانلار ئارىسىدا «لاي-لايچىلار» يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە. دېھقانلارنىڭ قارىشىچە، «لاي-لاي» سېلىنمىغان خاماندا بەرىكەت بولمايدۇ. «لاي-لاي» جىن-شەيتانلارنى قوغلاپ، ئەرۋاھلارنى خامانغا چاقىرىش ئۈچۈنمىش.
«خامان ناخشىسى» نىڭ رىتىمى خامانغا قاتقان ئات-ئۇلاغلارنىڭ مېڭىشىغا ماسلاشقان بولۇپ، ئاھاڭى ناھايىتى سۈرلۈك ۋە جۇشقۇنلۇق بولۇپ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قەلبىنى تىترىتىدۇ. ناخشىدا دېھقاننىڭ ھوسۇلىنى تېزرەك يىغىۋېلىش ئارزۇسى ۋە مول ھوسۇل ئېلىش ئۈمىدى، تېرىلغۇ ئۇلاغلارنىڭ دېھقانلار ھاياتىدا ناھايىتى چوڭ ئورۇن تۇتىدىغانلىقى ۋە دېھقانلارنىڭ ھايۋانلارغا بولغانق مۇھەببىتى قاتارلىق مەزمۇنلار كۈيلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ قوشاقلار خامان تېپىش ئەمگىكىنىڭ ئېھتىياجىغا بىۋاسىتە ماسلاشقان بولۇپ، ھارغىنلىقنى ئازايتىش، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ ئەمگەك مەيدانىغاجۇشقۇن كەيپىيات بېغىشلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ.
مەسىلەن:
لاي-لاي
دەسسەڭلار، يانجىڭلار، جانىۋارلىرىم
مەيدە بولسۇن.
داننى ئايرىپ چەشلەڭلار، جانىۋارلىرىم
خامان تولسۇن
لاي-لاي-لاي. . . . .
نەقرات:
دەسسەڭلارەي-يانجىڭلار، جانىۋارلىرىم
خامان تولسۇن.
لاي-لاي-لاي. . .
ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى «لاي-لاي» دەپ ئاتالغان «خامان ناخشىلىرى» نىڭ تېكىستى ھەممە رايونلاردا بىردەك، مۇقىم بولىۋەرمەيدۇ. ئەمما ئاھاڭ، رىتىملىرى بىر قەدەر ئوخشاشلىققا ئىگە. (ئا)
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.