سەۋزە ئۇرۇقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەۋزە ئۇرۇقىسەۋزە ئۇرۇقى بولسا كۇنلۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك سەۋزىنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى «سەۋزە ئۇرۇقى» نامىدا دورىغا ئىشلىتلىدۇ. ئۇرۇقىنىڭ شەكلى تۇخۇمسىمان، بىر ئاز تۈكلەشرەك كېلىدۇ. رەڭگى سارغۇچ ،تەمى تاتلىق، بىر ئاز پۇراقلىق،شىنجاڭنىڭ بارلىق رايۇنلىرىدىن چىقىدۇ.
بۆرەك، باھ، دوۋساقنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ۋە ھېيىزنى ماڭدۇرۇش،تاش پارچىلاش ۋە چۈشۈرۈش،
ئۇرۇقىدىن ئېلىنغان ئومۇمى فىلاۋۇن سىپازما بوشاشتۇرۇش رولىغا ئىگە، بۇ خىل تەسىرى پاپۇۋېرىن بىلەن ئوخشايدۇ، ئۇ، تاجىسىمان قىزىل قان تومۇرنى كېڭەيتىدۇ،شۇڭا قىزىل قان تومۇر بوتقىسىمان قېتىش،تاجىسىمان قـان تومـۇر قـېـتـىـش مەنـبـەلـىـك يـۈرەك ئىقتـىـدارى نـاچـارلـىشىـش كىسەللىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە %1.6 ئۇچۇچان ماي بار. يەنە %11 ـ %12 ياغلارنى تۇتىدۇ.
سەۋزە ئۇرۇقى1. سەۋزە ئۇرۇقى 7 گرام، زاغۇت ئۇرۇقى، ئاقىرقەرھا 10 گرام، تۇخۇم سېرىقى 10 دانە، قائىدە بويىچە يۇمشاق سوقۇپ سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچسە، بۆرەك ۋە باھ ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. سەۋزە ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، ئوغرىتىكەن، تاۋۇز ئۇرۇقى قاتارلىقلاردىن 10 گرامدىن ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ ئىچسە، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ.
جاۋارىش زەرئۇنى، لوبوبى كەبىر.
سۇيـدۇك تـۇتـۇلـۇش، سـۈيدۈكـنـىـڭ قـېـيـنـدا كېلىش،سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىش، بۆرەك ۋە دوۋساقتا تاش پەيدا بولۇپ قېلىش، ھېيىز توسۇلۇش، ھېيىز قېيـنـدا كـېـلىـش، قـاتـارلـىـق كىسەللەرنـى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى . [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.