- سامساق (خام دورا)
- سامساق (كۆكتات)
سامساق
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تەرلىتىش، قاننى تازىلاش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، تەشەننۇجنى بوشىتىش، يارىلارنى تازىلاش ۋە پۈتتۈرۈش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، يەل تارقىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
بۇ ئۆسۈملۈكنى پىشقاندا يىغىۋېلىپ، ئورۇپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
قىزىل پوست سامساقتىن 20 گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، 200 مىللىلېتىر 95% لىك ئىسپىرتقا چىلاپ، 10 كۈن تۇرغۇزغاندىن كېيىن سۈيىنى ئېلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە، باكتېرىيىلىك تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىككى باش سامساقنى 15 گرام ئاق تۇرۇپ، ئىككى تال سۇڭپىياز، سەككىز گرام دولانا، ئالتە گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ، ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، زۇكام ۋە كانايچە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سامساق ۋە يېپىشقاق تېرىقتىن 35 گرامدىن ئېلىپ، يېپىشقاق تېرىقنى قاينىتىپ شوۋىگۈرۈچ قىلىپ، سامساقنى قايناق سۇدا سەللا قاينىتىپ (سىرتى پىشقان، ئىچى خام بولۇش كېرەك) قوشۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
پوستى ئېلىۋېتىلگەن سامساقتىن 35 گرام ئېلىپ، ئېزىپ 100 مىللىلېتىر سۇغا بىر كېچە چىلاپ قويغاندىن كېيىن، ئۈستىدىكى سۈزۈلگەن سۈيىنى ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، كۆك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
پوستى سويۇلغان سامساقتىن بىر باش ئېلىپ، ئېزىپ مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات ئارىلاشتۇرۇپ، قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى كۆكيۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سامساقتىن بىر باش، شاتارىدىن بىر سەر ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئېزىپ، 75% لىك ئىسپىرت بىلەن تەييارلاپ، ئاغرىق ئورۇنغا بىر سانتىمېتىر قېلىنلىقتا چېپىپ داكا بىلەن تېڭىپ بەرسە، سىرتقى زەخىمدىن بولغان بەدەن كۆكىرىپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۆت باش سامساقنى 50 تال ئىنەكپىتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۇمشاق ئېزىپ، ھەركۈنى كەچتە پۇتنىڭ ئالقىنىغا چېپىپ بەرسە، سۇلۇق ئىششىق ۋە سۈيدۈك تۇتۇلۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.