شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق توردا يالغان ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش نىزامى

توردا يالغان ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق توردا يالغان ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش نىزامى» 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق توردا يالغان ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش نىزامى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
قوللىنىلغان ۋاقتى 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区防范和惩治网络传播虚假信息条例
ئېلان قىلغان ئورگان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
پىنيىنچە يېزىلىشى xīn jiāng wéi wú ěr zì zhì qū fáng fàn hé chéng zhì wǎng luò chuán bō xū jiǎ xìn xī tiáo lì

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق توردا يالغان ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش نىزامى» ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقە تورى، يان تېلېفون قاتارلىق ئۇچۇر تورىدا تارقىتىش تەرتىپىنى، ساختا ئۇچۇرلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى جازالاپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى پۇقرالارنىڭ، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمىليىتىگە بىرلەشتۈرۈپ بۇ بەلگىلىمە چىقىرىلغان.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى (32-نومۇرلۇق) 

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق توردا يالغان ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش نىزامى» 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئېلان قىلنغان. 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى

1-ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقە تورى، يان تېلېفون قاتارلىق ئۇچۇر تورىدا تارقىتىش تەرتىپىنى، ساختا ئۇچۇرلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى جازالاپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى پۇقرالارنىڭ، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمىليىتىگە بىرلەشتۈرۈپ بۇ بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

2-ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە توردا يالغان ئۇچۇر تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاشتا بۇ نىزامنامە تەدبىقلىنىدۇ.

3-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان يېزىق ئارقىلىق توردا يالغان ئۇچۇر توقۇش ۋە تارقىتىش، رەسىم، ئاۋاز چاستوتىلىق ۋە كۆرۈنمە چاستوتا قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، توردا ساختا ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ تارقىتىپ ياكى ساختا ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن توردا تارقىتىش، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.

4-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى پونكىتى بىلەن شۇغۇللانغان، قوللىنىش پىروگىراممىسى، دەماللىق خەۋەرلىشىش قوراللىرىنى ۋە يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇر قاتارلىق كەسىپلەر ئۇچۇر تورى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە ئۇچۇر تور ئىشلەتكۈچىلەر، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى، ئاممىۋىي تەرتىپكە بويسۇنۇشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، تور بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە، توردىن پايدىلىنىپ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا، گەپ ياساشقا، يالغان ئۇچۇر توقۇپ ۋە تارقىتىشقا، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا، شۇنىڭدەك باشقىلارنىڭ نام، نومۇسىغا تاقىلىدىغان ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق قاتارلىق پائالىيەتلەرگە يول قويۇلمايدۇ. 

5-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور ئۇچۇر بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق تور ئۇچۇرى، خەۋەرلىشىش، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلار توردا يالغان ئۇچۇر تارقىتىش قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش، ھەم كۈچەيتىپ، ئۇچۇر تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە ئۇچۇر تور ئىشلەتكۈچىلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ. 

6-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ ساختا ئۇچۇرنى توردا تارقىتىش ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش مەجبۇرىيىتى بار، توردا يالغان ئۇچۇر توقۇپ ۋە تارقاتقانلارنى، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، خەۋەرلىشىش، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلارغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك. 

7-ماددا ئۇچۇر تورى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، كىم باشچىلىق قىلسا شۇ مەسئول بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، سۇبيېكتلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تېخنىكىلىق قوغداش تەدبىرى قوللىنىپ، تور بىخەتەرلىكى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

ئەنگە ئالدۇرماي تۇرۇپ ياكى ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

8-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى، قوللىنىش پىروگىراممىسى، بىلوگ، مىكرو بلوگ، دەماللىق خەۋەرلىشىش قورالى، ئىزدەش ماتورى، بىۋاسىتە ئاڭلىتىش سۇپىسى ۋە باشقا ئاخبارات جامائەت پىكرى ۋە ئىجتىمائىي سەپەرۋەرلىك ئىشلىتىلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، جامائەتكە ئاخبارات-ئۇچۇرلارنى تەييارلاش، ئېلان، مۇلازىمەت كۆچۈرۈپ، شۇنداقلا ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى، ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازىتى ئېلىش كېرەك. 

9-ماددا ئۇچۇر تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى مۇلازىمەت مەزمۇنى جەھەتتىن تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك تېخنىكىلىق قوغداش تەدبىرىنى ئەمىلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، توردا پاش قىلىش-قوبۇل قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ پاش قىلىش، قانۇنغا خىلاپ ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 

10-ماددا ئۇچۇر تورى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئۇچۇر تور ئىشلەتكۈچى ئېلان قىلىش، سۆز قالدۇرۇش بىتىگە مۇلازىمەت كېلىشىمىنى چىقىرىشى كېرەك، پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، ئاشكارا چاپلىمىدىكى تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان مەزمۇن ياكى قانۇن-نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان مەزمۇن بولغان ئۇچۇرلارنىڭ بولماسلىقى كېرەك. 

11-ماددا ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىزدەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئۇلىنىش، مۇھىم نۇقتىلار، تېز تارتىش، تەسەۋۋۇر سۆزى، ئالاقىدار ئىزدەش، مۇناسىۋەتلىك كۆرسىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ساختا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ۋە باشقا قانۇن، نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ. 

12-ماددا ئۇچۇر تورى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئۇچۇر تور ئىشلەتكۈچى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئۇچۇر ئېلان قىلىش، دەماللىق خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى، ئۇچۇر تورى ئىشلەتكۈچى بىلەن كېلىشىم تۈزمىگەندە ياكى ئېتىراپ قىلىش، مۇلازىمەت قىلىشتا ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىش كېرەك. تور ئىشلەتكۈچىلەر ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرى بىلەن تەمىن ئەتمىسە، ئۇچۇر تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئۇلارغا ئالاقىدار مۇلازىمەت قىلىشقا بولمايدۇ. 

13–ماددا ئۇچۇر تورى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە ئۇچۇر تورى ئىشلەتكۈچى توردىن پايدىلىنىپ توقۇپ، ياساپ، كۆپەيتىپ، ئېلان قىلىشقا ۋە تارقىتىش ھاسىلاتىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولغان ساختا، زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىشقا بولمايدۇ:

( 1 ) دۆلەت بىخەتەرلىكىگە، شان-شۆھرىتى ۋە مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزۈدىغان؛

( 2 ) دۆلەت ھاكىمىيىتىنى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇشقا قۇترىتىدىغان؛

( 3 ) دۆلەتنى پارچىلاشقا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان؛

( 4 ) دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىپ قىلىپ، دىننىڭ ئىناقلىقىنى بۇزۇىدىغان؛

( 5 ) تېررورلۇق، ئۇلتىماتىزمنى تەرغىپ قىلىدىغان؛

( 6 ) مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىشنى تەرغىپ قىلىدىغان؛

( 7 ) ساختا خەتەرلىك ئەھۋال، ئاپەت ئەھۋالى، جىددىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى، ساقچى ئەھۋالى قاتارلىقلار تارقىتىلغان؛

( 8 ) پارتلىتىش تەھدىتى، بىئوخىمىيىلىك تەھدىت، رادىئوئاكتىپلىق تەھدىت قاتارلىق تېررورلۇق ئۇچۇرى تارقىتىلغان؛

( 9 ) زوراۋانلىق، شەھۋانىي ئۇچۇرلار تارقىتىلغان؛

( 10 ) باشقىلارنىڭ نامىنى، شەخسىي بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇقى قاتارلىقلار تارقىتىلغان؛

( 11 ) قانۇن-نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا مەزمۇنلار تارقىتىلغان؛

14-ماددا ئۇچۇر تورى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى توردا يالغان ئۇچۇر توقۇپ ۋە تارقاتقانلارنى بايقىغان ھامان ئۇچۇر يوللاشنى توختىتىشى، مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرنى ساقلاپ، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈش، ھەمدە ۋاقتىدا تورى ئۇچۇر، خەۋەرلىشىش، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. 

15-ماددا ئۇچۇر تورى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان ھېسابات نومۇرى، نامى، باش سۈرەت ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش قاتارلىقلارغا قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ يالغان ئۇچۇر توقۇپ ۋە تارقىتىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. 

16-ماددا ئۇچۇر تورى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى، مۇناسىپ ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تىجارەتلىك تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى ۋە ياكى ئىجازەت تۈرى ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ، قانۇنسىز تاپاۋىتنى مۇسادىرە قىلىش، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قۇيۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولسا، تور بېكىتىنى تاقىۋېتىشكە بۇيرۇلىدۇ.

مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتى ئادا قىلمىغان ۋە ياكى ئەنگە ئالدۇرۇشقا توغرا كېلىدىغان تۈرلەردە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماق سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمىسە، تور بېكىتى تاقىۋېتىشكە بۇيرۇلىدۇ.

17-ماددا ئۇچۇر تورى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى باشقۇرۇش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن بولسا، مۇكەممەللىشتۈرمىسە، مەزمۇنىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش تۈزۈمىنى تېخى ئەمەلىيلەشتۈرۈمىگەن بولسا، بىخەتەرلىك تېخنىكىلىق قوغداشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈمىگەن بولسا، ئاپتونوم رايونلۇق تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. قىلمىشى ئېغىر بولسا، ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇر، خەۋەرلىشىش مەسئۇل تارماقلىرى ئالاقىدار تور بېكىتىنى تاقايدۇ، تەسىس قىلىپ تۈزەتمىسە، ئۇنىڭ ئۇچۇر تورى مۇلازىمەت سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.

18-ماددا ئۇچۇر تورى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى ئېلان قىلىش تارقىتىش مەنئى قىلىنغان ياكى يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇرلارنى يوللاشنى توختىتىش، تۈگىتىش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللانمىسا، مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرنى ساقلىغانلارنى، ئاپتونوم رايونلۇق تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلار تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قانۇنسىز تاپاۋىتنى مۇسادىرە قىلىدۇ، تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلارنىڭ ياكى قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ھەمدە ئۇنى ئاپتونوم رايونلۇق تور ئۇچۇرى، خەۋەرلىشىش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار ۋاقتىنچە توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، مۇناسىۋەتلىك كەسىپ، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سالىدۇ، تور بېكىتىنى تاقايدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 

19-ماددا ئالاقە تور ئۇچۇرى، خەۋەرلىشىش، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى توردا ساختا ئۇچۇر خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاشتا خىزمەتكە ئېتىبارسىز قارىسا، ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتسە، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلار ياكى ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلاردىن پۇل-مال ئالغان، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە جازالايدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەر، جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ. 

20-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جازا بېرىشكە تېگىشلىك باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلسا، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 

21-ماددا بۇ نىزام 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#