خاڭجۇ شەھىرى

خاڭجۇ شەھىرى

خاڭجۇ جېجياڭ ئۆلكىسى چيەنتاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا، شىخۇ كۆلىنىڭ بويىغا جايلاشقان.

نامى خاڭجۇ شەھىرى
دۆلىتى جۇڭگو
يەر مەيدانى 16596 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى سۇبتروپىك بەلباغ كىلىماتىغا كىرىدۇ
چەتئەلچە نامى Hangzhou City
خەنزۇچە نامى 杭州
ئۆلكىسى جېجياڭ ئۆلكىسى
نوپۇسى 901.8 تۈمەن (2015)
مەمۇرىي رايون تۈرى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر
جۇغراپىيىلىك ئورنى جېجياڭ ئۆلكىسى چيەنتاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىنىڭ شىمالىي قىرغىقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خاڭجۇ شەھىرىخاڭجۇ جېجياڭ ئۆلكىسى چيەنتاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا، شىخۇ كۆلىنىڭ بويىغا جايلاشقان؛ بەش دەۋردىكى ۋۇيۆ پادىشاھلىقى ۋە جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۇ يەرنى 220 نەچچە يىل پايتەخت قىلغان. ۋۇيۆ پادىشاھلىقى شىفۇ، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى لىنئەن دەپ ئاتىغان. جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى 150 نەچچە يىل پايتەخت قىلغان، بۇ مەزگىلدە كۆچمەنلەر كۆپلەپ كۆچۈپ كېلىپ، شەھەر ئاۋاتلىشىپ، ئەينى چاغدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت مەركىزى بولغان؛ ماركوپولو تەرىپىدىن «دۇنيادىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك ئەرش شەھىرى» دەپ ئاتالغان. 

ئاساسلىق مەشھۇر يادىكارلىقلاردىن: سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەدىمىي شەھەر خارابىسى، لىڭيىن ئىبادەتخانىسى، فېيلەيفېڭ ھەيكىلى، يۆۋاڭ ئىبادەتخانىسى، يۆ فېي قەبرىسى، ليۇخې مۇنارى، باۋشۇ مۇنارى، يەنشيا غارى، جىڭسى ئىبادەتخانىسى، ۋېنلەن راۋىقى، شىلىڭ باسمىخانىسى قاتارلىقلار بار.

شىخۇ كۆلى شىخۇ كۆلىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، ئۇ يەردە جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق 10 مەنزىرىلىك جاي بار، بۇلار: سۇتىدا سەھەر، پىڭفۇدىكى ئايدىڭ كېچە، خۇاگاڭدا بېلىق تاماشا قىلىش، مەجنۇن تاللىقتىكى تورغاي كۈيى، بۇلۇتقا تاقاشقان قوش چوققا، ئۈچ كۆلچەكتىكى ئاي شولىسى، لېيفېڭ مۇنارىدا شەپەقتىن ھۇزۇرلىنىش، نەنپىڭدا كەچلىك ئۇچرىشىش، ئەلنەغمىگە نىدا نېلۇپەر، ئۈزۈلگەن كۆۋرۈكتىكى قالدۇق قار. 1985-يىلى شىخۇ كۆلىگە يەنە يېڭىدىن 10 مەنزىرە قوشۇلدى، بۇلار: يولۋاس چۈشىدىكى بۇلاق، لۇڭجىن چېيىدىن ھۇزۇر، بامبۇكلۇقنى قاپلىغان بۇلۇت، ھەممە جاينى قاپلىغان گۈيخۇا گۈلى، توققۇز ئېرىق بويىدىكى كوتىنوس چاتقىلى، ۋۇشەن تېغىدىكى ئەرش بۇلۇتلىرى، ئاسمان ئىلاھىي ئوردىسىدىكى بۇلۇت، ئۈنچە-مەرۋايىت جىلۋىسى، رۇەندۈن ئەتراپىدىكى يېشىللىق، سېرىق ئەجدىھا ئاغزىدىكى يېشىل قاشتاش.[0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#