جيەن بوزەن

ئۇيغۇر تارىخ ئالىمىجيەن بوزەن

ئۇيغۇر تارىخ ئالىمى-جيەن بوزەن 1898-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان.

ئىسمى جيەن بوزەن
تۇغۇلغان ۋاقتى 1898-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى
مىللىتى ئۇيغۇر
كەسپى تارىخشۇناس پىداگوگ
خەنزۇچە ئىسمى 翦伯赞
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
تۇغۇلغان جايى خۇنەن ئۆلكىسى چاڭدې شەھىرىنىڭ تاۋيۈەن ناھىيسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالغاندا، كىشلەر تەبىئيلا مەملىكىتمىزنىڭ غەربى شىمالىدىكى  شىنجاڭ نى ئېسىگە ئالىدۇ. دەرۋەقە، شىنجاڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ئاپىرىدە بولغان جاي. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى خۇنەن ئۆلكىسى چاڭدې شەھىرىنىڭ تاۋيۈەن ناھىيسىدە توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، پۈتۈن خۇنەن ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ %95 تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلدۇ. خۇنەن ئۇيغۇرلىرى خۇنەندىكى تارىخى ئۇزاق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان ئەمگەكچان، باتۇر خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەرئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ۋەتىنمىزنى گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆزلىرنىڭ ئەقىل پاراسىتنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرنىڭ ئۈمۈدۋار، ئالغا ئىنتىلىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، يەرلىك مىللەتلەرمەدەنىيتىنىڭ جەۋھىرنى قوبۇل قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلدى. خۇنەن - يېڭى جۇڭگونى قۇرغۇچى 1- ئەۋلاد ئۇلۇغ رەھبەر ماۋزېدۇڭ تۇغۇلغان يۇرت. بۇ يۇرتتا يەنە لىيۇشياۋچى، پېڭ دېخۇەي، خې لۇڭ قاتارلىق بىرئەۋلاد پىرولتارىيات ئىنقىلابچىلىرى، يېتۈك سىياسىيون ۋە ھەربىي گېنىراللار دۇنياغا كەلگەن جاي. بۇ جاي مەملىكىتىمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ماركىسىزمچىلىرىدىن بېرى، جۇڭگو ماركىسىىزمچىلىق تارىخشۇناسلىق سېستىمىسنى شەكىللەندۈرگەن ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ئاتاقلىق تارىخچى ئالىم جىيەن بوزەننى ئۆستۈرگەن زېمىن.

جىيەن بوزەنئۇيغۇر تارىخ ئالىمى-جيەن بوزەن 1898-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان 1903-يىلى شەخسىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن، 1904-يىلى مەدرىسكە يۆتكىلىپ ئوقۇغان، 1908 -يىلى ناھىيىلىك دارىلمۇئەللىمگە كىرىپ ئوقۇغان، 1910 -يىلى چاڭدې ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تەييارلىق سىىنپىغا كىرگەن،1912 -يىلى تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇغان، 1916-يىلى ئىمتىھان بېرىپ بېيجىڭ سىياسىي قانۇن مەكتىپىگە كىرىپ كېيىن ۋۇچاڭ سودا مەكتىپىگە ئالماشقان. 1919 -يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئانا مەكتىپى چاڭدې ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئىنگلىز تىلى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولغان، 1924-يىلى يازدا ئامېرىكا كالفورنىيە ئۇنىۋېرىستېتىدا ئىقتىساد ئىلمى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1925-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن، 1926-يىلى نەنشا گۇاڭدۇڭ ئىنقىلابىي ئارمىيسىگە قاتناشقان، ئىنقىلاب مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، لىيۈجىنيۈ قاتارلىق تارىخشۇناسلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا دەسلەپكى قەدەمدە ماركىسىزم بىلەن تونۇشقان. 1927-يىلى دىڭ يەندا رەھبەرلىكىدىكى مىللىي ئارمىيەنىڭ سىياسىي بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان ھەم بۇ بۆلۈمنىڭ خاس ۋەكىللىك ۋەزىپىسنى ئۈستىگە ئالغان. 1937 -يىلى 5-ئايدا نەنجىڭدا مەخپىي ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسىگە كىرگەن. 1950-يىلى جۇڭگو يېڭى تارىخ ئىلمي جەمئىيتى قۇرۇلۇپ جىيەن بوزەن قاتارلىق 11 كىشى بۇ جەمئىيەتنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئالغان.

ئەسەرلىرى

« جۇڭگو تارىخى پەلسەپە دەرسلىكى » « تارىخىي مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا پىكر » «ھازىر تارىخ تەتقىقاتىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قانچە مەسىلە » « جۇڭگو تارىخى توپلىمى » ، « جۇڭگو تارىخى تېزىسلىرى » ، « تارىخىي مەسىلىلەر مەجمۇئەسى » ، « چىن تارىخى » ۋە « چىن ، خەن تارىخى » قاتارلىق كىتاب ۋە ئەسەرلەرنى يازغان. « جۇڭگو تارىخى تېزىسلىرى » « جۇڭگو قەدىمكى زامان تارىخى ئوقۇتۇشى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى » ، « جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخى ماتېرىياللار مەجمۇئەسى » ، « ۋۇشۈي يىلىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىش » ۋە « يىخېتۇەن » قاتارلىق كىتاب ۋە ئەسەرلەرنى تەھرىرلەشكە يىتەكچىلىك قىلغان.

جىيەن بوزەنئۇ ئېلان قىلغان « جۇڭگونىڭ قەدىمكى فېئوداللىق جەمئىيەتتە » « جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان دېھقانلار ئۇرۇشى » ۋە « قىزىل راۋاقتىكى چۈش » تەتقىقاتى تارىخىي شەخسلەرگە باھا بېرىش قاتارلىق ئىلمىي ماقالىسى ، مۇھىم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.

«ھازىر تارىخ تەتقىقاتىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قانچە مەسىلە »، « تارىخىي مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا پىكر » قاتارلىق ئەسەرلىرى تارىخ ماتىرىيالىزىملىق تۈپ قارىشنىڭ ئاساسى بولغان. ئېلىمىزنىڭ ماركسىزملىق، تارىخ، ئىلىم - پەن يولىدا غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى . ئۇنىڭ ئەسەرلىرى جەمئىي 400 مىڭ خەت ، ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئىنقىلابقا بېغىشلاش روھى كىشىنى پەخىرلەندۈرىدۇ.

جيەن بوزەن يولداشنىڭ ھاياتى ئىنقىلابىي ھايات ، كۈرەشچان ھايات . ئۇ 30 يىل ئىلگىرى ماركىسىزىمغا ئىتقاد قىلىپ كومپارتىيەگە قاتناشتى. ئۇ دەسلەپكى پائال تارىخىي ماتېرىيالىزمنى تەشۋىق قىلىدىغان ئىنقىلابچىلارنىڭ بىرى. شۇنداقلا تارىخىي ماتىرىيالىزىمنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو تارىخىدىكى ئاز ساندىكى ماركسىزىم تارىخ تەتقىقاتچىسىنىڭ بىرى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

2.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/7713.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#