جۇڭگو مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى

جۇڭگو مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى

جۇڭگو مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى مەملىكىتىمىزدىكى كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بولغان تەنھەرىكەت يىغىنى ھېسابلىنىدۇ،تەنھەركەتچىلەر ۋە تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ سانىمۇ كۆپ بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى
خەنزۇچە نامى 中国全国运动会

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1949-يىلىدىن ئىلگىرى جۇڭگودا يەتتە نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. تۇنجى نۆۋەتلىكى چىڭ سۇلالىسى شۈەنتۇڭنىڭ 2-يىلى (1910) ئۆتكۈزۈلگەن. ئەينى چاغدا «مەملىكەتلىك مەكتەپلەر رايون كوماندىلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق تەنتەربىيە بىرلەشمىسى» دەپ ئاتالغان. مۇسابىقە تۈرلىرى پەقەتلا ئەرلەر يېنىك ئاتلېتىكا، پۇتبول، ۋاسكېتبول، تېننىستىن ئىبارەت تۆت تۈر بولغان. كېيىنكى ئالتە نۆۋەتلىكتە كۆلىمى تەدرىجىي كېڭەيگەن، مۇسابىقە تۈرلىرىمۇ كۆپەيگەن، ئەمما بۇ يەتتە نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بىر رېكورتىمۇ خەلقئارا سەۋىيىگە يەتمىگەن. 

1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى

يېڭى جۇڭگونىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى1959-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەر10 مىڭدىن ئاشقان. جەمئىي 36 تۈرلۈك مۇسابىقە ۋە ئالتە تۈرلۈك ئويۇن كۆرسىتىش تەسىس قىلىنغان. يەتتە ئادەم تۆت تۈردە تۆت قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. 

2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى

2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى 1965-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن. ئېچىلىش مۇراسىمىدا 16 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم چوڭ تىپتىكى كوللېكتىپ گىمناستىكا «ئىنقىلابقا مەدھىيە ناخشىسى» نى ئورۇندىغان. مۇسابىقىگە جەمئىي 5014 كىشى قاتناشقان. 22 مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىنىپ، 24 ئادەم  10 قېتىم توققۇز تۈردە دۇنيا رېكورتىنى، 330 ئادەم 469 قېتىم 130 تۈردە مەملىكەت رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. 

3-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى

3-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى 1975-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، تەيۋەن ئۆلكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 31 ۋەكىللەر كوماندىسى قاتناشقان. مۇسابىقە تۈرلىرىدىن چوڭلار گۇرۇپپىسىدا28 تۈر، ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسىدا سەككىز تۈر، يەنە ئالتە تۈرلۈك ئويۇن كۆرسىتىش تەسسىس قىلىنغان. بىر كوماندىدىكى تۆت ئادەم ئۈچ تۈردە ئالتە قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىككى ئادەم ئىككى تۈردە ئىككى قېتىم دۇنيا رېكورتى بىلەن تەڭلەشكەن. 49 كوماندىدىكى 83 ئادەم 62 تۈردە 197 قېتىم مەملىكەت رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان، تۆت كوماندىدىكى 36 ئادەم 58 تۈردە 144 قېتىم مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. 

 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى

 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى1979-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، تەيۋەن ئۆلكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان31 ۋەكىللەر كوماندىسىدىن15 مىڭدىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى قاتنىشىپ، چوڭلار گۇرۇپپىسىنىڭ مۇسابىقە تۈرىدىن 34 تۈر، ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككى تۈرى تەسىس قىلىنغان. بەش ئادەم بەش تۈردە بەش قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان، ئىككى ئادەم ئۈچ تۈردە ئۈچ قېتىم دۇنيا ياشلار رېكورتىنى بۇزغان، ئۈچ ئادەم ئۈچ قېتىم ئۈچ تۈردە دۇنيا رېكورتى بىلەن تەڭلەشكەن، 36 كوماندىدىكى 204 ئادەم 102 تۈردە 376 قېتىم مەملىكەتلىك رېكورتنى، ئىككى كوماندىدىكى ئالتە ئادەم بەش تۈردە 10 قېتىم مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.

 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى

 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى 1983-يىلى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 25 تۈرلۈك مۇسابىقە، بىر تۈرلۈك ئويۇن كۆرسىتىش تەسىس قىلىنغان، 31 ۋەكىللەر كوماندىسىدىن 8943 نەپەر تەنھەرىكەتچى قاتناشقان. ئىككى ئادەم ئىككى تۈردە ئۈچ قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان، تۆت ئادەم ئۈچ تۈردە بەش قېتىم دۇنيا رېكورتى بىلەن تەڭلەشكەن، بىر قېتىم دۇنيا ياشلار رېكورتىنى ياراتقان. يەتتە ئادەم توققۇز تۈردە12 قېتىم ئاسىيا رېكورتىنى بۇزغان. 38 كوماندىدىكى 64 ئادەم 60 تۈردە 142 قېتىم مەملىكەتلىك رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغان. 

6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى

6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى1987-يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى ئېلىمىز تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور تەنھەرىكەت يىغىنى ھېسابلىنىدۇ، جەمئىي 37 كوماندىدىن 7228 نەپەر تەنھەرىكەتچى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان، 44 تۈرلۈك مۇسابىقە تەسىس قىلىنغان. ئىككى كوماندىدىكى 10 ئادەم 15 تۈردە 17 قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان، ئۈچ ئادەم ئۈچ تۈردە دۇنيا رېكورتى بىلەن تەڭلەشكەن، ئىككى ئادەم ئىككى تۈردە ئىككى قېتىم دۇنيا رېكورتىدىن ھالقىپ كەتكەن. بىر كوماندىدىكى 18 ئادەم 17 تۈردە  24 قېتىم ئاسىيا رېكورتىنى بۇزغان، 10 ئادەم 10 تۈردە 14 قېتىم ئاسىيا رېكورتىنى ياراتقان، 28 ئادەم 21 تۈردە 39 قېتىم ئاسىيا رېكورتىدىن ھالقىپ كەتكەن. 14 كوماندىدىكى 85 ئادەم 82 تۈردە 168 قېتىم مەملىكەت رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.

 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى

 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى 1993-يىل 9-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ زور، سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى مەزگىلدىكى بىرقانچە تۈرنىڭ مۇسابىقىسىگە ۋە چېڭدۇ مۇسابىقە رايونىدىكى تۈرلەرنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەردىن باشقا، بېيجىڭ ئاساسىي مۇسابىقە رايونىدا ئازادلىق ئارمىيە ۋە كەسپىي تەنتەربىيە جەمئىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 45 ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ 4228 نەپەر تەنھەرىكەتچىسى، 1200 نەپەر مەشقاۋۇل قاتناشقان، ئۇنىڭغا ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئۆمەك خادىملىرىنى قوشقاندا ئومۇمىي ئادەم سانى7551 نەپەرگە يەتكەن. جەمئىي تۆت ئادەم تۆت تۈردە تۆت قېتىم دۇنيا يېڭى رېكورتىنى ياراتقان، تۆت كوماندىدىكى 18 ئادەم 21 تۈردە 43 قېتىم دۇنيا رېكورتىدىن ھالقىپ كەتكەن، تۆت ئادەم ئۈچ تۈردە تۆت قېتىم دۇنيا رېكورتى بىلەن تەڭلەشكەن. بىر كوماندىدىكى 54 ئادەم 34 تۈردە 93 قېتىم ئاسىيا يېڭى رېكورتىنى ياراتقان، ئۈچ كوماندىدىكى 61 ئادەم 66 تۈردە 143 قېتىم ئاسىيا رېكورتىدىن ھالقىپ كەتكەن. 14 كوماندىدىكى130 ئادەم 117 تۈردە 273 قېتىم مەملىكەتلىك يېڭى رېكورتنى ياراتقان.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#