قوتاز
قوتاز ئېگىزلىك ۋە سوغۇق رايونلاردا ئالاھىدە بولغان بىر خىل چۆپخور كۆشىگۈچى ئۆي ھايۋىنى. قوتاز دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشدا دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز يېرى بولغان (باشقا) سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 3000 مېتىر ئىگىزلىكتە. ئېگىز سوغۇق ئېكولوگىيەلىك شارائىتىغا چىداملىق، خەتەرلىك يوللارنى مېڭىشقا ماھىر، تىك داۋان، قارلىق تاغ، سازلىق، دەريا-ئېقىنلاردىن ئۈزۈپ ئۆتۈشتە «ئېگىزلىك كېمىسى» دەپ ئاتالغان.

ئۇيغۇرچە نامى قوتاز
ئىنگلىزچە نامى wild yak
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى كالا ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 牦牛
تارقالغان رايونلار چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىك رايونى
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى ئاچا تۇياقلىقلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى كالا ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قوتازقوتازنىڭ ھەممە يبرىنى گۆھەر دىيىشكە بولىدۇ. زاڭزۇ خەلقىنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشى قوتازدىن ئايرىلالمايدۇ. كىشلەر قوتاز سۈتى، قوتاز گۆشى يېيىش، قوتاز تېزىكىنى كۆيدۈرۇش. ئۇنىڭ تېرىسىدىن كىيىم ياكى چېدىر تىكىش، كۆن-خۇرۇم قىلىشنىڭ ياخشى ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى ئىشلىتىشكىمۇ، تېرىقچىلىق، ھەم ئېگىزلىكتە توشۇش قورالى قىلىشقىمۇ بولىدۇ. قوتازنىڭ يەنە يول تونۇش ئىقتىدارى ياخشى بۇلۇپ سازلىقلاردا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالايدۇ ھەمدە ساياھەتچىلەرنىڭ يول باشلىغۇچى بولىدۇ. 

قوتاز (Bos grunniens) دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئېگىز بولغان ئېلىمىزنىڭ چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىلىكىگە تارقالغان بۇلۇپ، ئېگىزلىكىنى مەركەز قىلىپ ۋە ئۇنىڭ بىلەن قوشنا بولغان ئېگىز تاغ، ئىككىلەمچى ئېگىز تاغلىق رايونلىرىدىكى ئەتىۋارلىق كالا نەسىللىرىنىڭ بىرى. كالا ئۇرۇقدىشى بولغان ھايۋانلاردىن ماسلىشالايدىغان سوغۇق كىلىمات شارائىتى تۈپەيلىدىن ھازىرغىچە داۋاملاشقان كالا نەسلىدىن ئىبارەت.

قوتاز تولۇق پايدىلىنىپ ئېگىز ھەم سوغۇق ئوتلاق ئوت-چۆپ بايلىقى، سوغۇق ئوتلاق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت شارائىتىغا ماسلىشىشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، ھاۋا شالاڭ، سوغاق، ئوت–چۆپلەرنىڭ ئۆسۈش مەزگىلى قىسقا قاتارلىق ناچار مۇھىت شارائىتى ئاستىدا تېز كۆپىيىپ شۇ جايدىكى چارۋىچىلارنى سۈت بىلەن تەمىنلەيدۇ. پايدىلىنىش كۈچى، يېقىلغۇ قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىدە چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىك رايونلاردىكى چارۋىچىلارنىڭ مۇھىم تۇرمۇش ۋە ئىقتىسادىي مەنبە شۇ جايدىكى چارۋىچىلىق ئىگىلىكىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم چارۋا تۈرلىرىنىڭ بىرى. قوتاز بىر خىل «ھەممىگە قادىر» ئۆي ھايۋىنى، ئىرسىيەتنىڭ بىر خىل ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان گېن ئامبىرى، ئىنسانلار سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

جۇڭگو قوتىزى «خېڭدۇەن ئېگىز تاغ تىپلىق» ۋە «چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىك تىپلىق» دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە، جەمئىي توققۇز ئەجدىھا قوتاز، مەيۋا قوتىزى، تيەنجۇ ئاق قوتىزى، چىڭخەي ئېگىزلىكى قوتىزى، تىبەت ئېگىز تاغ قوتىزى ، مۇلى قوتاز، شانگرى (جوڭدىيەن) قوتاز، پەلۋان قوتاز، سلوۋېنىيە قوتاز، ئانام كەنجى قوتاز، شىنجاڭ قوتىزى قاتارلىق 11 يەرلىك نەسىلى ۋە داتۇڭ قوتىزى بىر سورت يېتىلدۈرۈلگەن. بۇلار ئىچىدە  «جۇڭگو كالىسى سورتلىرى تەزكىرىسى» جيۇلۇڭ قوتىزى، مەيۋا قوتىزى، تيەنجۇ ئاق قوتىزى، چىڭخەي ئېگىزلىك قوتىزى، شىزاڭ ئېگىزلىك تاغ قوتىزى قاتارلىق بەش تۈرى بار.

جۇڭگودىن باشقا قوتاز بېقىلدىغان دۆلەتلەردىن يەنە موڭغۇلىيە، قىرغىزىستان، رۇسىيە، تاجىكىستان، ھىندىستان، نىپال ، قازاقىستان، بۇتان، سىككىم، ئافغانىستان، پاكىستان، كەشمىر قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارمۇ بار.

قوتازياۋا قوتاز چوڭ تىپتىكى ئاچا تۇياق ھايۋانلار. تېنى ساغلام، مۈرە قىسمى روشەن تومپىيىپ چىققان. قۇلىقى بىر قەدەر كىچىك بولىدۇ؛ ئەركىكىنىڭ مۈڭگۈزى چوڭ، بۇلۇڭ ئۇچى ئارىلىقى يىراق، پۇت-قوللىرى قىسقا ھەم ساغلام. تەن ئۈستى تۈكلىرى قىسقا ھەم سىلىق، بەدەننىڭ يان تەرىپى، قورساق يۈزى ۋە قۇيرۇق مويى ئۇزۇن ھەم ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، دائىم يەر يۈزىگە يېقىن. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 250 سانتىمېتىر، مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 170 سانتېمىتىر . پۈتۈن بەدىنىنىڭ رەڭگى قېنىق قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىكنى ئاساس قىلىدۇ.

قوتازنىڭ بېشى يوغان، مۈڭگۈزى توم، تېرىسى بوش قېلىن، تۈگۈن (چاچ تۈگۈنى) ئۇزۇن ۋە كەڭ، ئالدى پۇتى قىسقا ھەم تۈز، ئارقا پىچاق شەكىللىك بولۇپ، بەدەننىڭ يان تەرىپى ئاستى تەتۈر ئۆسكەن توم، ئۇزۇن يۇڭلۇق، قۇيرۇقى قىسقا ھەم پاخپىيىپ كەتكەن ئۇزۇن تۈكلەر ئۆسكەن. ئەركەك قوتازنىڭ بېشى يوغان، ئۇزۇنچاق چاسا شەكىللىك، بوينى قىسقا، قېلىن ھەم چوڭقۇر، ئۇرۇقدىنى بىر قەدەر چوڭ، قورساق قىسمىغا يېقىن، ساڭگىلىمىغان ھالەتتە؛ چىشى قوتازنىڭ بېشى ئۇزۇنچاق، كۆزى چوڭ ھەم يۇمۇلاق، پېشانىسى كەڭ، مۈڭگۈزى بار، بوينى ئۇزۇن ھەم نېپىز، كۆكسى كىچىك سۇزۇنچاق شەكىللىك بولۇپ، ئەمچەك توپچىسى قىسقا، يېلىن ۋېناسى روشەن بولمايدۇ.

بېشى سەل يوغان، پېشانە كەڭ ۋە تۈز، يۈزى ئويمان كېلىدۇ، كۆزى يۇمىلاق، ئاغزى چوڭ، كالپۇكى نېپىز، ئانا قوتاز مۈڭگۈزى ناھايىتى ئىنچىكە.

قوتاز ۋە ئادەتتىكى كالا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن نۇرغۇن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بار، قوتازنى ھەيۋەتلىك كالا ئىچىدىكى بايۋەچچە دېيىشكە بولىدۇ. شەكلى. مەسىلەن: سۇ كالىسى، قوتاز تېنىنىڭ ئۇزۇنلىقى 3 ~ 2 مېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 37 ~ 46 سانتىمېتىر، مۈرە ئېگىزلىكى 1.3 مېتىردىن ئارتۇق، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 1000 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ؛ تىنى ساغلام، بوينى قىسقا، بېشى چوڭ، پېشانىسى ئۇزۇن ھەم تۈ ، تۆت پۇتى قىسقا بولۇپ؛ ئەركەك-چىشىسىنىڭ ئوخشاشلا مۈڭگۈزى بار؛ پۈتۈن بەدىنى قوڭۇر رەڭدە ياكى قارا قوڭۇر بولىدۇ، تيەنجۇ ئاق قوتىزى بولسا قوتاز ئىچىدىكى ئەڭ ئالاھىدە بىر خىلى بۇلۇپ، پۈتۈن بەدىنى ئاق رەڭلىك؛ قوتازنىڭ تېرىسى توم ۋە قاتتىق، بەدەننىڭ يان تەرىپى، كۆكرەك، يەلكە قىسمى، پۇت ئۈستى قىسمى ۋە قۇيرۇق قىسمى تۈكلىرى زىچ ئۆسىدۇ، ئۇزۇنلۇقى بىر چى ئەتراپىدا، بولۇپمۇ بەدەننىڭ يان تەرىپىدىكى يۇڭلىرى يەرگە تىگىپ قالاي دەپ تۇردۇ. قوتاز قۇيرۇقى ناھايىتى ئۇزۇن.

جيۇلۇڭ قوتىزى

جيۇلۇڭ قوتىزىسىچۇەن ئۆلكىلىك گەنزى ئوبلاستى، ئابا ئوبلاستى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.

ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى: جيۇلۇڭ قوتىزى دۇنيادىكى بەدىنى ئەڭ چوڭ، گۆش بېرىش ئىقتىدارى ياخشى، يۇڭ، تىۋىت مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى بولغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر قوتاز سورتى. ئېگىز چوڭ ۋە كۆپ تۈكلۈك ئىككى خىل تىپى بار، تۈكلۈك، كۆپ تىپلىق تىۋىت مىقدارى ئادەتتىكى قوتاز ئېگىزلىكىنىڭ 5 ~ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. پېشانىسى كەڭ، بېشى بىر قەدەر قىسقا، تۈكلىرى بۈدۈر تۈكلۈك توپ ئۆسىدىغان، تۈكلىرى كۆپ قارا، ئاز ساندىكى قارامتۇل بولىدۇ. بوينى توم، قىسقا، سەرى سەل يۇقىرى. 

تاغ قوتىزى

تاغ قوتىزىئاساسلىق شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى ئېگىز تاغ ۋە چوڭقۇر جىلغىلار كۆپ چىقىدىغان رايونلارنىڭ ئېگىز تاغ ئوتلاقلىرى ۋە جيالى ناھىيەسى ئارقىلىق ئىشلەنگەن قوتاز ئەڭ ياخشى. 

شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى، جەنۇبىي تاغ ئەسلىدىكى رايون، دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى سوغۇق نەم ئوتلاقلاردا دېگۈدەك تارقالغان.

تاغ قوتىزىنىڭ بېشى سەل يوغان، پېشانە كەڭ ۋە تۈز، يۈزى ئويمان كېلىدۇ، كۆزى يۇمىلاق، نۇرلۇق، ئاغزى بىر قەدەر چوڭ، كالپۇكى نېپىز، كۆپىنچىسى مۈڭگۈزلۈك بولۇپ،چىشى قوتازنىڭ مۈڭگۈزى بىرقەدەر ئىنچىكە. پۇت قوللىرى كۈچلۈك ھەم مەزمۇت، تۇۋىقى كىچىك ھەم يۇمىلاق، تۇيىقى ئاچا، قاتتىق كېلىدۇ. ئېگىز تاغ كالا سۈتى يۇقىرى پەللە مەزگىلى ھەر يىلى 7-8 ئايلاردا ئوت-چۆپ باراقسان ئۆسكەن مەزگىلى، ئىككىنچى بالىسىدىكى سۈت مىقدارى ئەڭ يۇقىرى. تۈكلىرى ھەر يىلى 6-، 7-ئايدا بىر قېتىم قىرقىلىدۇ، يۇڭ ۋە تىۋىت نىسبىتى 1 :  1 ~ 2. كۆندۈرۈلگەن قوتاز مۇلايىم بولۇپ، يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك، چىداملىق، ئۇزۇن يوللۇق يۈك بېسىلغان يۈك توشۇش بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئادەتتە 100 ~ 200 كىلوگىرام نەرسىلەرنى كۆتۈرەلەيدۇ. تاغ قوتىزى ئۇنىڭ تارقىلىش رايونى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، تۆۋەن ئوكسىگېنلىق، تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، ئوت–چۆپلەرنىڭ ئۆسۈش مەزگىلىدە قىسقا بولغان ناچار مۇھىتقا ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم چارۋا تۈرلىرىنىڭ بىرى.

ئېگىزلىك قوتىزى 

ئېگىزلىك قوتىزىچىڭخەي جەنۇبىي قىسمى، شىمالىي قىسمىدىكى ئىككى ئېگىز ھەم سوغۇق رايونلار يەنى: گولوگ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىككى ئوبلاستتىكى 12 ناھىيە ، خۇاڭنەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جيەنزا ناھىيەسى، زېكۇ ناھىيەسى ۋە خېنەن موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى، خەيشى موڭغۇل-زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تيەنجۈن ناھىيە ۋە گېئېرمۇ شەھىرى، تاڭگۇلاشەن گۇڭشې، خەيبېي زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق چىلىيەن ناھىيەسى ۋە خەينەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىڭخەي ناھىيەسى غەربىي كۆپىنچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3700 مېتىر بولۇپ، ھەتتا 4000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئېگىز ھەم سوغۇق رايونلارغا تارقالغان.

ئېگىزلىك قوتىزى بەدەن سىرتقى قىياپەت جەھەتتىن ياۋا قوتاز ئالاھىدىلىك تۈسىنى ئالغان بۇلۇپ، بەدەن قۇرۇلمىسى ئىخچام، ئالدى گەۋدىسى تەرەققىي قىلغان، كەينى گەۋدىسى بىر قەدەر ناچار. بېشى چوڭ، پېشانىسى كەڭ، مۈڭگۈزى توم  قېلىن، سەرى يۇقىرى، يۇڭى ئۇزۇن ۋە كەڭ، ئالدى پۇتى قىسقا ھەم تۈز، پىچاق شەكىللىك؛ قوۋۇرغا ئاستى قىسمى زىچ ئۆسكەن يىرىك تۈكلۈك. ئەركەك قوتازنىڭ بېشى يوغان، ئۇزۇنچاق چاسا شەكىللىك، بوينى قىسقا، قېلىن ھەم چوڭقۇر، ئۇرۇقدىنى بىر قەدەر كىچىك، قورساق قىسمىغا يېقىن ساڭگىلاپ تۇرىدۇ؛ چىشى قوتازنىڭ بېشى ئۇزۇنچاق، كۆزى چوڭ ھەم يۇمۇلاق، پېشانىسى كەڭ، مۈڭگۈزى بار، بوينى ئۇزۇن ھەم نېپىز، كۆكسى كىچىك سۇزۇنچاق شەكىللىك بولۇپ، ئەمچەك توپچىسى قىسقا، يېلىن ۋېناسى روشەن بولمايدۇ. رەڭگى كۆپىنچە قارا قوڭۇر رەڭدە.

نېپال قوتىزى

نېپال قوتىزىجۇڭگو بىلەن چېگرىداش نىپال شىمالىي قىسمىدىكى ئېگىز تاغلىق رايونىغا تارقالغان. ئۇ ھەم ھىندىستان، بۇتان، سىككىم قوتازنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ شىزاڭدىن كەلگەن. شۇ جايدىكى چارۋىچىلار دائىم جۇڭگو شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلار دوستانە بېرىش-كېلىش قىلىپ ئەركەك قوتازلارنى ئالماشتۇرىدۇ. 

ھىندىستان قوتىزى 

ھىندىستان قوتىزىھىندىستان قوتىزى ئاساسلىقى ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى خىماشال ۋە كاچېمىېرا رايونلار ۋە شىمالىي قىسمىدىكى ئاسسام شىتاتىدا شىمالىي دېڭىز يۈزىدىن 5000 ~ 3000 مېتىر ئېگىز تاغلىق رايونلارغا تارقالغان. چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ قوتازلىرىنى كۆندۈرگەندىن كېيىن ھىمالايا تاغ تىزمىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى ئېگىز تاغ ئوتلاقلاردا  شەكىللەنگەن. جۇڭگو شىزاڭ قوتىزى بىلەن بىر قەدەر يېقىن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار. 

تاجىك قوتىزى  

تاجىك قوتىزى ئاساسلىقى تاجىكىستاننىڭ پامىر رايونىغا تارقالغان. ئۇنىڭ مەنبەسى قىرغىزىستان قوتىزى، رۇسىيە قوتىزى بىلەن ئوخشاش. 

رۇسىيە قوتىزى 

رۇسىيە قوتىزى  ئاساسلىقى سىبىرىيە، جەنۇبتا موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىداش رايون ئالتاي ۋە بۇرياتقا تارقالغان. جۇڭگونىڭ چىڭخەي قوتىزىدىن ئۆتۈپ، كوئېنلۇن تاغ تىزمىسىغا كىرىپ، ئالتاي ۋىلايىتىدە كېيىن شەكىللەنگەن. 

قىرغىزىستان قوتىزى 

قىرغىزىستان قوتىزى ئاساسلىقى جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن قوشنا بولغان قىرغىزىستان شەرقىي جەنۇبىدا. جۇڭگو چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدە كۆندۈرۈلگەندىن كېيىن، قارا قۇرۇم تاغ تىزمىلىرىدىن ئۆتۈپ، پامىردىن قىرغىزىستانغا كىرگەن.

تۇرمۇش مۇھىتى

قوتازياۋا قوتاز دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5000 ~ 4000 مېتىر كېلىدىغان ئېگىزلىكنىڭ چىملىق، شورلۇق، چۆل قاتارلىق جايلىرىدا ياشايدۇ. ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، چىداملىق، قەھرىتان سوغۇققا قارىماي پۇراش سېزىمى بىرقەدەر ئۆتكۈر، كۆپ توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، قاش قارايغاندا ئوزۇق ئىزدەيدۇ. ئادەتتە يىل ئاخىرىدا كېلەر يىلى يىل بېشىدا كۈيلىنىپ جۈپلىشىدۇ، بوغاز بولۇش ۋاقتى تەخمىنەن 9 ئاي، ھەر قېتىمدا بىرنى تۇغىدۇ، بالىسى 2 ~ 3 يىلدا پىشىپ يېتىلگەن.

ياۋا قوتازنىڭ بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان جايى ئوخشىمايدۇ، قىش پەسلىدە كۆل بويى تۈزلەڭلىكلەرگە يىغىلىپ، ياز، كۈز پەسىللىرىدە ئېگىزلىكىدىكى قار سىزىقى ئەتراپىدا چېتىشىش كۆپېيىش تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ياۋا قوتاز مىجەزى ۋەھشىي، كىشىلەر ئادەتتە ئۇنى ئاسانلىقچە تەسىر كۆندۇرەلمەيدۇ، ئون ھەسسە چوڭ كۈچى غالجىرانە ئاچچىقىدا بەزىدە ماشىنىنى سوقۇپ ئۆرۈپ قويغۇدەك كۈچى بار. 

قوتاز دېڭىز يۈزىدىن 3200 ~ 4800 مېتىر ئېگىزلىكتە، ئاتموسفېرا بېسىمى 68420.85Pa ~ 55435.28، ئوكسىگېن تارماق بېسىمى Pa11679.01 ~ 14505.43، ئوكسىگېن مىقدارى %14.9 - %11.44 بولغان ئىكولوگىيىلىك مۇھىت. ئۇنىڭ كۆكرەك قەپىزى تەرەققى قىلغان، يۈرەك-ئۆپكىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى چوڭ، شۇنىڭ بىلەن كۆكرەكنى قوغداش، قورساق ئىچكى ئەزالار، تاشقى جىنسىي ئەزا، ئەمچەك ۋە ھەرقايسى بوغۇملىرى ئۈششۈك تېگىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

ياشاش ئادىتى

قوتاز تېنى سوغۇقتىن قوغداپ ئىسسىق ساقلايدۇ، گەۋدىسى چىڭ، بوينى قىسقا، قۇلىقى كىچىك، پوستى قېلىن، تەر بېزى ئىقتىدارى ئىنتايىن تەرەققىي قىلمىغان، يۇڭى ئۇزۇن، توم-ئىنچىكە دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، بەدەننىڭ يان تەرىپى ۋە تۆۋەنكى قىسمى يۇڭى زىچ ھەم ئۇزۇن، سوغۇقتىن ساقلىنىشقا قۇلايلىق. كۆكرەك قەپىسى چوڭ، كۆڭلى-كۆكسى تەرەققىي قىلغان، كانيى توم، قىسقا، قىزىل قان ھۈجەيرىسى چوڭ، قان قىزىل ئاقسىلى تەركىبى يۇقىرى، نەپەسلىنىشى، تومۇر سوقۇشى تېز بۇلۇپ، ئىگىزلىكتە ئوكسىگىننىڭ يېتىشمەسلىكىگە ماس كېلىدۇ. ئاغزى كەڭ، لەۋلىرى جانلىق بولۇپ، پاكار ئوت-چۆپ يەيدۇ؛ تۇيىقى قاتتىق، مېڭىشقا ماھىر، تىك داۋان، سازلىق، قارلىق تاغ، شىددەتلىك ئېقىنلاردىمۇ ئىنكاسى تېز، شەرتلىك رېفلېكس بەرپا قىلىشى بىر قەدەر مۇستەھكەم ھەم ئاسان تەڭشىگىلى بولىدۇ؛ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ناچار شارائىتقا تاقابىلچانلىقى، پايدىلىنىشى كۈچلۈك، ئوزۇقلۇق دائىرىسى كەڭ، ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىشى  كۈچلۈك.

قوتازياۋا قوتاز چېتىشىش مەزگىلى 9-ئايدا، قورساق كۆتۈرۈش مەزگىلى تەخمىنەن 260 كۈن، ھەر قېتىمدا بىرنى تۇغىدۇ، باللىرى بىر ياشقا كىرگەندىن كېيىن سۈتتىن ئايرىلىدۇ، 3-  ياشقا كىرگەندە جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ. ياۋا قوتاز ئۆمرى 23 ياشتىن ئاشىدۇ.

قۇرامىغا يەتكەن قوتازلارنىڭ ئېگىزلىكى : ئەركەك قوتاز 129.2 سانتىمېتىر، چىشى قوتاز 110.9 سانتىمېتىر؛ يېتىلگەنلىرىنىڭ ئېغىرلىقى: ئەركەك قوتاز 443.4 كىلوگرام،  چىشى قوتاز 256.7 كىلوگرام؛ 

جىنسىي پىشىپ يىتىلىش يېشى : 12 ئايلىق بولغاندا؛ 

ماسلاشتۇرۇش يېشى : ئىككى ياش؛ 

ئوتتۇرىچە بىرلىك مەھسۇلاتى : 274 كىلوگرام؛ 

سۈت مېيى نىسبىتى : %6.37 ~ %7.12؛ 

جۇڭگونىڭ سىچۈەن، چىڭخەي، شىزاڭ، شىنجاڭ قاتارلىق ئۆلكە (رايون) لىرىغا تارقالغان.

قوتاز جۇڭگونىڭ ئاساسلىق كالا نەسىللىرىنىڭ بىرى، سېرىق كالا قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، سۇ كالىسى كېيىن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 

قوتاز قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغا قەدەر چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە تۈر ئۆي ھايۋىنى ۋە ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ خىلى، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە. ياۋا قوتازنىڭ مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى 2 مېتىرغا يېتىدۇ، كۆندۈرگەن قوتاز ئادەتتە پەقەت يۇقىرى قاتلامدىكى ياۋا قوتاز ۋە ئۆي قوتىزى بۇلۇپ، ئۇزۇن يۇڭلۇق سوغۇققا چىداملىق كېلىدۇ. ياۋا قوتاز ئادەتتە قوڭۇر ياكى قارا رەڭلىك، ئاق رەڭلىكى ئۆي قوتىزى ئاساسەن ئۆيدە بېقىلدىغان بۇلۇپ، ئۇلار سۈت ۋە گۆش بىلەن تەمىنلىگۈچىلەردۇر. بىراق يەرلىك چارۋىچى، سودىگەرلەر ۋە تاغقا چىققۇچىلار يەنە ئۇلارغا ئېغىر نەرسىلەرنى ئارتىپ ئىشلىتىدۇ. قوتاز كالا ئۇرۇقدىشى ھايۋانلار ئىچىدە ئېگىز سوغۇق ھاۋا كىلىماتى سەۋەبىدىن ھازىرغىچە ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك چارۋا تۈر بايلىقى، دۇنيادىكى ھايۋانلار ئىچىدە جۇغراپىيەلىك تارقىلىشى ناھايىتى چەكلىك بولغان ئاز ساندىكى ئۆي ھايۋانلىرىنى بىرى.

پۈتۈن دۇنيادىكى ھازىرقى قوتازلارنىڭ سانى 16 مىليونغا يېقىن، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگودا 1500 مليونغا يېقىنى بار، دۇنيا بويىچە قوتاز مىقدارى ۋە تۈرى تۈر گۇرۇپپىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، قوتاز ئومۇمىي سانىنىڭ %95 ىنى ئىگىلەيدۇ. جۇڭگو چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا بولغان ئالتە ئۆلكە. بۇنىڭ ئىچىدە چىڭخەيدە 4 مىليون 900 مىڭ تۇياق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى قوتازنىڭ %38 نى ئىگەللەيدۇ. مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا. شىزاڭدا 3 مىليون 900 مىڭ تۇياق بۇلۇپ، %30 نى ئىگىلەيدۇ، مەملىكەت بويىچە 2-ئورۇندا؛ سىچۈەندە 3 مىليون 100 مىڭ تۇياق بۇلۇپ، %23 نى، مەملىكەت بويىچە 3-ئورۇندا؛ گەنسۇدا 880 مىڭ تۇياق بۇلۇپ، %7 نى ئىگىلەيدۇ، مەملىكەت بويىچە 4-ئورۇندا؛ شىنجاڭدا 17 مىڭ تۇياق بۇلۇپ، %1.3 نى ئىگىلەيدۇ، مەملىكەت بويىچە 5-ئورۇندا؛ يۈننەندە 50 مىڭ تۇياق بۇلۇپ، %0.4 نى ئىگىلەيدۇ، مەملىكەت بويىچە 6-ئورۇندا.

قوتازياۋا قوتاز (Bos mutus, Bos grunniens) بىر يوقىلىپ نەسلى قۇرۇش ش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈر، جۇڭگودا بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى قىزىل تىزىملىك قاتارىغا : خەتەرلىك (VU) جۇڭگو دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#