ستانفورد خەلقئارا مەسلىھەتچىلىك تەتقىقات ئورنى

ستانفورد خەلقئارا مەسلىھەتچلىك تەتقىقاتى ئورنى

ئامېرىكىنىڭ مېنلوپارك شەھىرىدە قۇرۇلغان ستانفورد خەلقئارا مەسلىھەتچلىك تەتقىقاتى ئورنى پەن تەتقىقات ۋە مەسىلىھەتچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپپارات.

ئۇيغۇرچە نامى ستانفورد خەلقئارا مەسلىھەتچىلىك تەتقىقات ئورنى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1946-يىلى
خەنزۇچە نامى 斯坦福国际咨询研究所
باش ئورنى ئامېرىكا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ستانفورد خەلقئارا مەسلىھەتچلىك تەتقىقاتى ئورنىئامېرىكىنىڭ مېنلوپارك شەھىرىدە قۇرۇلغان ستانفورد خەلقئارا مەسلىھەتچلىك تەتقىقاتى ئورنى پەن تەتقىقات ۋە مەسىلىھەتچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپپارات. ئۇ1946-يىلى كالىفورنىيە شتاتىدىكى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كارخانا ساھەسىدىكى بەزى زاتلارنىڭ تەكلىپى بىلەن قۇرۇلغان. 1956-يىلى تەتقىقات ئورنى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن مۇستەقىل بولۇپ ئايرىلىپ چىققان. تەتقىقات ئورنىنىڭ21 رايوندا بۆلۈم، ئىشخانا ۋە تەجرىبىخانىسى بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تارقىلىپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق خەلقئارا تەتقىقات ئاپپاراتىغا ئايلانغان.

ستانفورد خەلقئارا مەسلىھەتچلىك تەتقىقاتى ئورنىستانفورد خەلقئارا مەسلىھەتچىلىك تەتقىقات ئورنىدا ئەڭ ئىلغار تەتقىقات شارائىتى ۋە يۇقىرى سەۋىيىلىك تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرى، زامانىۋىلاشقان تەتقىقات ئىشخانىسى، تەجرىبىخانا، تۈرلۈك ئۈسكۈنە ۋە مول ماتېرىياللار بار. تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقات دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئاساسەن ئېلېكترون قۇرۇلۇشى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن باشقا، يەنە ئېنېرگىيە، بايلىق، ماتېرىيال، خەۋەرلىشىش، بىئو تېخنىكا، سىستېما قۇرۇلۇشى، سانائەت تېخنىكىسى، ئىقتىسادىي پىلان، خىمىيە ۋە نېفىت-خىمىيە سانائىتى، فىزىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

 ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىك پائالىيىتى ئاساسەن باشقۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، يەنە ھەر خىل ئابۇنىچىلارنى مەزكۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ ستراتېگىيىلىك يۆنىلىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش تاكتىكىسى، باشقۇرۇش تەجرىبىسى ۋە يېڭى تېخنىكا، يېڭى بازارغا دائىر ئاخباراتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ، خېرىدارلارغا ۋەكالىتەن ئاخبارات، ھۆججەتلەرنى تەييارلاش قاتارلىق ئاخبارات مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ھەر يىلى نەچچە مىڭ تۈرلۈك توختام تاپشۇرۇۋالىدۇ.

ستانفورد خەلقئارا مەسلىھەتچلىك تەتقىقاتى ئورنىبۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ پائالىيىتى پەن تەتقىقات بىلەن مەسلىھەتچىلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈر، تۆت چوڭ گۇرۇپپىغا ئايرىلىدۇ، ھەربىر چوڭ گۇرۇپپا قارىمىقىدا بىرنەچچە شۆبە بۆلۈم بار.

 بىرىنچى چوڭ گۇرۇپپا فىزىكا، ھاياتلىق ئىلمى ۋە ئىجتىمائىي پەن گۇرۇپپىسى بولۇپ، قارىمىقىدا فىزىكا، سەھىيە ۋە جەمئىيەت سىستېمىسى، ھاياتلىق ئىلمىدىن ئىبارەت ئۈچ شۆبە بۆلۈم بار؛ 

ئىككىنچى چوڭ گۇرۇپپا قۇرۇلۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسى بولۇپ، قارىمىقىدا كومپيۇتېر، تەتقىقات ۋە تەھلىل، سىستېما تېخنىكىسى، ئومۇملاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت شۆبە گۇرۇپپا بار؛ ئۈچىنچى چوڭ گۇرۇپپا باشقۇرۇش ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق گۇرۇپپىسى بولۇپ، قارىمىقىدا سانائەت مەسلىھەتچىلىكى، باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىكى، خىمىيە ۋە ئېنېرگىيە، سىستېما مەسلىھەتچىلىكىدىن ئىبارەت تۆت شۆبە بۆلۈم بار؛ تۆتىنچى چوڭ گۇرۇپپا دۇنياۋى سودا مۇھىتى گۇرۇپپىسى بولۇپ، قارىمىقىدا دۇنيا سودا شۆبە بۆلۈمى بار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#