دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چۆللۈكلەر

 چۆللۈك دېگىنىمىز يامغۇر مىقدارى ئىنتايىن ئاز (ئادەتتە يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل–يېغىن مىقدارى 250 مىللىمېتىردىن تۆۋەن ياكى پارغا ئايلىنىش مىقدارى ھۆل–يېغىن مىقدارىدىن كۆپ) بولغان، يەر يۈزىدە جانلىقلار ناھايىتى ئاز ياشايدىغان رايونلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چۆللۈكلەر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ب د ت ھەر يىلى 17–ئىيۇننى «دۇنيا چۆللىشىش ۋە قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن. چۆللۈك دېگىنىمىز يامغۇر مىقدارى ئىنتايىن ئاز (ئادەتتە يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل–يېغىن مىقدارى 250 مىللىمېتىردىن تۆۋەن ياكى پارغا ئايلىنىش مىقدارى ھۆل–يېغىن مىقدارىدىن كۆپ) بولغان، يەر يۈزىدە جانلىقلار ناھايىتى ئاز ياشايدىغان رايونلارنى كۆرسىتىدۇ.

جەنۇبىي قۇتۇپ چۆللۈكى جەنۇبىي قۇتۇپ چۆللۈكىنىڭ يەر مەيدانى 13 مىليون 800 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، يىل بويى قار–مۇز بىلەن قاپلانغان بولسىمۇ، ھۆل–يېغىن مىقدارى جەھەتتە ئەڭ قۇرغاق قۇرۇقلۇق. جەنۇبىي قۇتۇپتىكى دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل–يېغىن مىقدارى 30–50 مىللىمېتىر، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىنىڭ ھۆل–يېغىن مىقدارى تېخىمۇ ئاز، ئافرىقىدىكى سەھرايى كەبىر چۆللۈكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. جەنۇبىي قۇتۇپ قۇرۇقلۇقى ئەڭ تىمتاس قۇرۇقلۇق بولۇپ، ئۇ يەردە ياشايدىغان ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانات تۈرلىرى ئىنتايىن ئاز. شۇڭا ئانتاركتىكا قىتئەسىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چۆللۈك دېيىشكە بولىدۇ.

سەھرايى كەبىر چۆللۈكى    سەھرايى كەبىر چۆللۈكىنىڭ كۆلىمى 9 مىليون 100 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كۆپ قىسىم رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ چۆللۈك. بۇ چۆللۈكتە قۇم بارخانلىرى، قۇملۇق ۋە قۇم ساھىللىرى ھەممە يەرنى قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇ يەرنىڭ ھاۋا شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، يەر شارىدىكى ياشاشقا ئەڭ ماس كەلمەيدىغان جاي دېيىشكە بولىدۇ.

شىمالىي قۇتۇپ چۆللۈكى    شىمالىي قۇتۇپ چۆللۈكىنىڭ كۆلىمى 2 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىدىكى شىمالىي مۇز ئوكياننى ئوراپ تۇرغان قۇرۇقلۇقنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنى مەڭگۈلۈك توڭ تۇپراق قاپلاپ تۇرىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزلىرى تۆۋەنگە يېيىلالمايدۇ، شۇڭا دەل–دەرەخلەر ئۆسەلمەيدۇ، ئاساسلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكى مۇخلار. شىمالىي قۇتۇپ رايونىنىڭ يىللىق ھۆل–يېغىن مىقدارى 100–250 مىللىمېتىرغىچە بولىدۇ.

 ئەرەب يېرىم ئارىلى قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 2 مىليون 330 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرىنى ئىگىلىگەن پارچە–پارچە قۇملۇقلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئەرەب يېرىم ئارىلى قۇملۇقى، دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ دۇنيادا ئىككىنچى چوڭ قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. شەرقىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان رۇبئەلخارى قۇملۇقى، غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان نامب قۇملۇقى ۋە شەرق تەرىپىدىكى دەخنە قۇملۇقى بىرلىشىپ مۇھاسىرە چەمبىرىكى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ يەرنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىنتايىن قۇرغاق، كېچە–كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ناھايىتى چوڭ.

گوبى چۆللۈكى گوبى چۆللۈكىنىڭ كۆلىمى 1 مىليون 300 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ چۆللۈك ھېسابلىنىدۇ.

  كالاخارى قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 900 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بۇ قۇملۇق ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي قىسىم ئىچكى قۇرۇقلۇق ئويمانلىقىغا جايلاشقان، بوتسىۋانانى، نامىبىيەنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قىسمەن رايونلارنى ئىگىلەيدۇ. بۇ يەردە دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ قۇم بارخانلىرى بار بولۇپ، يىللىق ھۆل– يېغىن مىقدارى ئادەتتە 76– 190 مىللىمېتىرغىچە بولىدۇ.

پاتاگونىيە چۆللۈكى پاتاگونىيە چۆللۈكى ئارگېنتىنانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم رايونلار ۋە چىلىنىڭ ئاز بىر قىسىم رايونلىرىنى قاپلىغان بولۇپ، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ چۆللۈك ھېسابلىنىدۇ. بۇ رايونلار بىپايان يايلاق ۋە قۇملۇقلاردىن تۈزۈلگەن. ھاۋا كىلىماتى سوغۇق ھەم قۇرغاق، بۇ ئالاھىدىلىك جەنۇبقا سۈرۈلگەنسېرى تېخىمۇ روشەنلىشىپ كۆپ قىسىم رايونلىرى چۆللىشىپ كەتكەن.

  چوڭ ئويمانلىق چۆللۈكىنىڭ كۆلىمى 520 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسىم ئېگىزلىكىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق ئويمانلىقىغا جايلاشقان، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ چۆللۈك ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەرنىڭ ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق، ئۆسۈملۈكلىرى ئاز، كۆللىرى تۇزلۇق، ئويمانلىقنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايى دۇنياغا مەشھۇر «ئۆلۈك جىلغا» دىن ئىبارەتتۇر.

  چوڭ ۋېكتورىيە قۇملۇقى 420 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئاۋسترالىيە ئىچكى قۇرۇقلۇقىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان، ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن شىمالدىكى جېپسون قۇملۇقى، چوڭ قۇملۇق چۆلى ۋە تانامى قۇملۇقى ئۆزئارا تۇتۇشۇپ غايەت زور قۇملۇقنى شەكىللەندۈرگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#