فېرمى

تۇنجى ئاتوم يادرو رېئاكتورىنىڭ لايھەلىگۈچىسى فېرمى 1901-يىلى، ئىتالىيە نىڭ رىم شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچى بولۇپ، 21 يېشىدا فىزىكا پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى فېرمى
باشقا نامى Enrico Fermi
يۇرتى ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1954-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 恩里科·费米
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1901-يىلى
كەسپى ئالىم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فېرمىتۇنجى ئاتوم يادرو رېئاكتورىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى فېرمى 1190-يىلى، ئىتالىيە نىڭ رىم شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچى بولۇپ، 21 يېشىدا فىزىكا پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. 26 يېشىدىلا رىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نەزەرىيە فىزىكىسى پەنلىرىنىڭ پروفېسسورى بولغان، بۇ مەزگىلدە ئۇ ئۆزىنىڭ فىزىكا تەتقىقاتىغا ئائىت تۇنجى ئەسىرى «كۋانت ستاتىستىكىسى» نى ئېلان قىلغان.

ئۇ نېيترون بىلەن بومباردىمان قىلغاندا ھاسىل بولىدىغان نۇرغۇن يېڭى رادىئوئاكتىپلىق ئېلېمېنتلارنى ئېنىقلاپ چىققانلىقى ئۈچۈن ھەمدە ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تۆۋەن بولغان نېيتروندىن پايدىلىنىپ يادرو رېئاكسىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كەشپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، 1938-يىلى، فىزىكا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ مەزگىللەردە ئۇ ئۆز ۋەتىنى ئىتالىيىدە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچ كەلگەن، چۈنكى ئۇنىڭ ئايالى يەھۇدىي ئىدى، مۇسسولىن باشچىلىقىدىكى فاشىست ھۆكۈمەت يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. 

فېرمى مۇسسولىننىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە نەپرەتلىنەتتى. 1938-يىلى 12-ئايدا، ئۇ ستوكھولمغا بېرىپ، مۇكاپات ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىتالىيىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ، نيۇ-يوركقا بېرىپ، كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئۇنىۋېرسىتېت دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش قۇرۇلمىسىنى تولۇقلاشنى ئارزۇ قىلىۋاتاتتى. 1944-يىلى فېرمى ئامېرىكا پۇقراسى بولىدۇ. 

فېرمى1939-يىلى، گېرمانىيە ئالىملىرى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تۆۋەن بولغان نېيترون ئارقىلىق ئۇراننى بومباردىمان قىلىپ، ئۇران يادروسى بىمىرىلگەندە غايەت زور ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇ دوكلات ئېلان قىلىنىشى بىلەن فېرمى ئۇران يادروسى يىمىرىلگەندە كۆپ مىقداردا نېيترون قويۇپ بېرىپ زەنجىرسىمان يادرو رېئاكسىيەسى پەيدا قىلالايدىغانلىقىنى دەرھال ھېس قىلىدۇ؛ بۇنىڭدىن سىرت فېرمى يەنە بۇ خىل زەنجىسىمان رېئاكسىيەنى ھەربىي ساھەدە ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى دەرھال ئالدىن مۆلچەرلەيدۇ. 1939-يىلى فېرمى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئۇلارنى ئاتوم قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ. بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاتوم ئېنېرگىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلايدۇ. 

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاتوم ئېنېرگىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، فېرمىنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان، ئۆزلۈكىدىن داۋاملىشىدىغان زەنجىسىمان يادرو رېئاكسىيەسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىدۇ ۋە فېرمىنىڭ دۇنيادىكى بۇ خىل خىزمەتكە دىققەت قىلغان ئالىملارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، گۇرۇپپا باشلىقلىققا بەلگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۇنيا بويىچە تۇنجى ئاتوم يادرو رېئاكتورىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئۇ ئاۋۋال كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدە خىزمەت قىلىپ، كېيىن چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. 1942-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئۆزلۈكىدىن داۋاملىشىدىغان زەنجىرسىمان يادرو رېئاكسىيەسى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئورۇندىلىدۇ. بۇ ئاتوم دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. 

ئۇرۇشتىن كېيىن، فېرمى چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يادرو تەتقىقاتىدا تۆھپە ياراتقان پروفېسسورى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ 1954-يىلى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى بالىسى بار ئىدى. فېرمىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئاتوم رەت نومېرى 100-بولغان ئېلېمېنت «فېرمىي».

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#