[بۇكۈنلەر]
13 ئىيۇن 2011بۈگۈن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن دوختۇرخانىغا بارالمىغان ئىدىم ، توساتتىن ئاپامنىڭ ئوپراتسىيىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغانلىق ھەققىدە تېلېفۇن كېلىپ قالدى، ھاڭ-تاڭ قالدىم.
دادامنىڭ تېلېفۇندا ئېيتىشىچە ، مەسئۇل دوختۇر ھاۋانىڭ بەك ئىسسىپ كېتىۋاتقىنىنى، ئەگەر تېزراق ئوپراتىسيە قىلمسا بىمارغا قىيىنچىلىك كۆپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇدەك..
نېمىلا بولمىسۇن، ئەتە سەھەردىلا دوختۇرخانىغا ماڭاي، ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا ئۇلۇغ ئىگەم ئىشلارغا ئاسانلىق بەرگەيسەن !
بۇيەردە پىقىر ۋەتەننىڭ تۇرمۇش كارتىنىلىرى، ئوي-خىياللىرى ۋە شادلىق -قايغۇلىرىنىڭ رەڭلەنمىگەن سىزمىلىرىنى تاپالايسىز...
ئاللىقاچان 2 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟
ۋىروس
2011.06.16 | 08:19
ئاپىڭىزنىڭ ئوپىراتسىيىسى ئوڭۇشلۇق بولدىمۇ ؟ خۇددى ئۆز ئانام ئوپراتسىيە ئۆيىگە كىرىپ كېتىۋاتقاندەك تىت تىت بوپ كېتىۋاتىمەن .
weten
2011.06.16 | 13:19
دوختۇرلار «ئەڭ يۇقىرى چەكتە تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق »دېيىشتى، قالغىننى ئاللاغا تاپشۇردۇق.
ئوپراتسىيە 9سائەت داۋام قىلدى…ھازىر ئاساسەن ئەھۋالى تۇراقلاشتى.