[بۇكۈنلەر]
12 ئىيۇن 2011بۈگۈن ھاۋا بەكلا دېمىق، ئەمما كەيپىياتىم ئالدىنقى كۈنلەردىكىگە قارىغاندا خىلىلا راھەترەك بولۇپ قالدى.ئاپامنىڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن ،مەسئۇل دوختۇر مەن بىلەن ئۇزاق پاراڭلاشتى.ئۇنىڭ ئىچكىرىي تەلەپپۇزى بەكل ئىغىر بولغاچقا گەپلىرىنى چۈشىنىشتە خىلىلا زورۇقتۇم. ئۇنىڭ دىيىشىچە ئالدىنقى قېتىملىق تەكشۈرۈشلەر ئىنچىكە بولمىغان ھەمدە ئوپراتسىيە مەشغۇلاتى چالا بولغان ئىكەن. گەرچە ئۇنىڭ سۆزلىدىن ئەھۋالنىڭ بەكمۇ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلسەممۇ(توغرىسىنى بىلگۈسى ئاللاھ) ئەمما ئوپراتسىيىگە تەييارلىق قىلىش ھەققىدە بىرمۇنچە ئىشلارنى تاپىلىغانلىقى بىرئاز ئۈمىد بىغىشلىدى.نۆۋەتتە ئاپامنىڭ كۆڭلى تاماق تارتماسلىقى، ئۇنى ماغدۇرسىزلاندۇرۇپ تۇرماقتا، بۇ ئۇنىڭ كەيپىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك شۇڭا ئۇنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاش ھازىرقى ئەڭ مۇھىم داۋالاش بولۇپ ،ئوپراتسىيىگە كۆپ پايدىسى بار ئىكەن. مەن، راستىمنى ئېيتسام بۇ شەھەرلىك ياكى ئوبلاستلىق «داڭدار» دوختۇرخانىلارغا نىسبەتەن ئازىراقمۇ ئىشەنچىم قالمىغىلى تۇردى، شۇڭا مەسئۇل دوختۇردىن ئوپراتسىيەگە كىتەرلىك خىراجەت ھەققىدە ئاز-تولا ئۇچۇرغا ئېرىشىۋالدىم ،گەرچە بۇ ئانچەئاز پۇل بولمىسۇ،لېكىن ۋا قتىدا غەملەپ بولۇشقا ئىشەنچىم بار. ئاللاھ خالىسا، پۇلنى غەملەپ تەق قىلىپ، ئاپامنىڭ ئەھۋالى ھازىرقىدىن سەللا ئوڭشالغان ھامان ، ئۇنى ئۈرۇمچىگە ئېلىپ بېرىپ، تېببىي ئۇنۋېرسىتىت دوختۇرخانىسىدا داۋالىتىش قارارىغا كېلىۋاتىمەن. ئاللاھ، بارلىق سۆيۈملۈك ئانىلىرىمىزنى ئامان قىلسۇن…
بۇيەردە پىقىر ۋەتەننىڭ تۇرمۇش كارتىنىلىرى، ئوي-خىياللىرى ۋە شادلىق -قايغۇلىرىنىڭ رەڭلەنمىگەن سىزمىلىرىنى تاپالايسىز...
ئاللىقاچان 5 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟
ئۇيغۇربەگ
2011.06.13 | 08:14
ئاللاھ، بارلىق سۆيۈملۈك ئانىلىرىمىزنى ئامان قىلسۇن…
نۇھ
2011.06.13 | 14:55
ئاللاھ ئانىلىرىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن! ئانىڭىزنىڭ تېزرەك ساقىيىپ كېتىشىنى تىلەيمىز!
ۋىروس
2011.06.13 | 15:00
ھەممىگە قادىر ئاللاھ ئالدى بىلەن ئانىلىرىمىزنى ئامان قىلسۇن . ئاپىڭىزنىڭ تېنىگە ئاللاھتىن ساقلىق تىلەيمەن . ئانىنىڭ جىسمىغا ئورالغان كىچچىكىنە ئاغىرىق ئازابى ئالدى بىلەن بالىنىڭ يۈرۈكىنى ئاغىرتىدۇ . بىچچارە ئاپامنىڭ دېئابىت بولۇپ قالغىنىنى بىلگەن كۈنۈمدىن تا ھازىرغىچە كىچىلىرى نەچچە تولغۇنىمەن . شۇ تاپتىكى سىزنىڭ ھېسىياتىڭىزمۇ بەلكىم مېنىڭكى بىلەن بىردەك بولسا كېرەك .
weten
2011.06.13 | 16:26
رەھمەت دوستلار، ھەممەيلەننىڭ دوست-بۇرادەر، ئۇرۇغ -تۇغقانلىرى …ئامان بولغاي
كامىلە
2011.06.20 | 11:36
ئاللا ئاپىڭىزغا شىپالىق بەرگەي،ئامىن!