يىقىننىڭياقى ھەقىقەتەنمۇ ئالدىراش ئۆتۇپتىمەن. مەۋسۈم ئاخىرى، ئىمتىھان ۋە خىزمەت خۇلاسە ئىشلىرى بىلەن بۈگۈنگە قەدەر ئالدىراشلىق يۇقىرى بىسىمى ئاخىرلاشمىدى. بولۇپمۇ بۈگۈن ،تۈنۈگۈنكى بورانلىق يامغۇر تەسىرىدىن توك يەتكۈزۈش قالايمىقان بولۇپ كەتكەن چىغى، ۋەزىپىنى تاماملاشقا قانچە ئالدىرىغانسىرى ،تولا توك توختاپ قىلىپ جاننى قاقشاتتى!…
ئەتە، يەنە خۇلاسە ماتىرىيالرى ئىشلەيدىغان گەپ، ئۇف…. ئەمدى ئاستا ،تور تېلېۋزىيىسىنى ئىچىپ ،دۇنيا ئاياللار پۇتبول لوڭقىىسنى كۆرەي .بىرالىزىيە قىزلىرى يامانمۇ ياكى نورۋىگىيە قىزلىرىمۇ؟

بۈگۈن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن دوختۇرخانىغا بارالمىغان ئىدىم ، توساتتىن ئاپامنىڭ ئوپراتسىيىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغانلىق ھەققىدە تېلېفۇن كېلىپ قالدى، ھاڭ-تاڭ قالدىم.
دادامنىڭ تېلېفۇندا ئېيتىشىچە ، مەسئۇل دوختۇر ھاۋانىڭ بەك ئىسسىپ كېتىۋاتقىنىنى، ئەگەر تېزراق ئوپراتىسيە قىلمسا بىمارغا قىيىنچىلىك كۆپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇدەك..
نېمىلا بولمىسۇن، ئەتە سەھەردىلا دوختۇرخانىغا ماڭاي، ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا ئۇلۇغ ئىگەم ئىشلارغا ئاسانلىق بەرگەيسەن !

بۈگۈن ھاۋا بەكلا دېمىق، ئەمما كەيپىياتىم ئالدىنقى كۈنلەردىكىگە قارىغاندا خىلىلا راھەترەك بولۇپ قالدى.ئاپامنىڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن ،مەسئۇل دوختۇر مەن بىلەن ئۇزاق پاراڭلاشتى.ئۇنىڭ ئىچكىرىي تەلەپپۇزى بەكل ئىغىر بولغاچقا گەپلىرىنى چۈشىنىشتە خىلىلا زورۇقتۇم. ئۇنىڭ دىيىشىچە ئالدىنقى قېتىملىق تەكشۈرۈشلەر ئىنچىكە بولمىغان ھەمدە ئوپراتسىيە مەشغۇلاتى چالا بولغان ئىكەن. گەرچە ئۇنىڭ سۆزلىدىن ئەھۋالنىڭ بەكمۇ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلسەممۇ(توغرىسىنى بىلگۈسى ئاللاھ) ئەمما ئوپراتسىيىگە تەييارلىق قىلىش ھەققىدە بىرمۇنچە ئىشلارنى تاپىلىغانلىقى بىرئاز ئۈمىد بىغىشلىدى.نۆۋەتتە ئاپامنىڭ كۆڭلى تاماق تارتماسلىقى، ئۇنى ماغدۇرسىزلاندۇرۇپ تۇرماقتا، بۇ ئۇنىڭ كەيپىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك شۇڭا ئۇنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاش ھازىرقى ئەڭ مۇھىم داۋالاش بولۇپ ،ئوپراتسىيىگە كۆپ پايدىسى بار ئىكەن. مەن، راستىمنى ئېيتسام بۇ شەھەرلىك ياكى ئوبلاستلىق «داڭدار» دوختۇرخانىلارغا نىسبەتەن ئازىراقمۇ ئىشەنچىم قالمىغىلى تۇردى، شۇڭا مەسئۇل دوختۇردىن ئوپراتسىيەگە كىتەرلىك خىراجەت ھەققىدە ئاز-تولا ئۇچۇرغا ئېرىشىۋالدىم ،گەرچە بۇ ئانچەئاز پۇل بولمىسۇ،لېكىن ۋا قتىدا غەملەپ بولۇشقا ئىشەنچىم بار. ئاللاھ خالىسا، پۇلنى غەملەپ تەق قىلىپ، ئاپامنىڭ ئەھۋالى ھازىرقىدىن سەللا ئوڭشالغان ھامان ، ئۇنى ئۈرۇمچىگە ئېلىپ بېرىپ، تېببىي ئۇنۋېرسىتىت دوختۇرخانىسىدا داۋالىتىش قارارىغا كېلىۋاتىمەن. ئاللاھ، بارلىق سۆيۈملۈك ئانىلىرىمىزنى ئامان قىلسۇن…

بۈگۈن «پرېستان»نىڭ ياردىمىدە مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا «ۋەتەن» نىڭ يەنە بىر تۇراسى ئشقا كىرىشتى. «ھايات ئالبۇمى» ىنى ئېچىشتىكى مەقسىتىم بەكلا ئاددىي، مەن «ۋەتەن » بلوگىنى يېزىشقا كېرىشكەندە ئەسلى ئۆزئويلىرىمنىلا تورداشلار بىلەن ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇشنى چىقىش قىلغان بىر شەخسى بلوگ قۇرۇش ئىدى، لېكىن «ۋەتەن» بارغانسىرى  ئۆزۇمگە ئائىلە، پەرزەنت تەربىيىسى ، مائارىپ مۇھاكىمىلىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن «توربەتچاق» بولۇپ قالغاندەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۆۋەتتە خىلى كۆپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ تونۇشىدىمۇ «ۋەتەن» ئەشۇ مەزمۇنلارنى ئېلان قىلىدىغان بىر توربەت بولۇپ قالدى.
شۇڭلاشقىمۇ ،ئەيتاۋۇر ئۆزۇمگە نىسبەتەنمۇ، بەزى خۇسۇسى ئوي-پىكىرلەرنى، خاتىرىلەرنى ئۇنىڭدا ئېلان قىلىش بىئەپتەك بىلىنىۋاتىدۇ.بۇندىن كېيىن «ھايات ئالبۇمى»غا پەقەت ئۆزۇمنىڭ تۇرمۇشىغا ئائىت خاتىرىلەر، ئەڭ تەبىئىي ،رەڭلەنمىگەن ئوي -پىكىر ،ھېسىياتلىرىم يوللانغۇسى .
بۇ «ھايات ئالبۇمى» نىڭ تۈرتكىسىدەدوستلارنىڭ مەن بىلەن تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ھاسىل قىلىشىنى ،ھەتتا رېئال تۇرمۇشتا يىقىن دوستلاردىن بولۇپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھەي..خۇش كەپسىز!

بۇيەردە پىقىر ۋەتەننىڭ تۇرمۇش كارتىنىلىرى، ئوي-خىياللىرى ۋە شادلىق -قايغۇلىرىنىڭ رەڭلەنمىگەن سىزمىلىرىنى تاپالايسىز...

تەۋسىيە مەنزىل - ۋەتەن بلوگى

uyghurbeg

ساقلانمىلار

مۇندەرىجە

  • كامىلە: ئاللا ئاپىڭىزغا شىپالىق بەرگەي،ئامىن! [...]
  • weten: دوختۇرلار «ئەڭ يۇقىرى چەكتە تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق »دېيىشتى، قالغىننى ئاللاغا تاپشۇردۇق. ئو [...]
  • ۋىروس: ئاپىڭىزنىڭ ئوپىراتسىيىسى ئوڭۇشلۇق بولدىمۇ ؟ خۇددى ئۆز ئانام ئوپراتسىيە ئۆيىگە كىرىپ كېتىۋا [...]
  • weten: رەھمەت دوستلار، ھەممەيلەننىڭ دوست-بۇرادەر، ئۇرۇغ -تۇغقانلىرى ...ئامان بولغاي [...]
  • ۋىروس: ھەممىگە قادىر ئاللاھ ئالدى بىلەن ئانىلىرىمىزنى ئامان قىلسۇن . ئاپىڭىزنىڭ تېنىگە ئاللاھتىن س [...]