جاڭ چۈنشيەن ، ئەر ، خەنزۇ ، 1953–يىلى 5–ئايدا تۇغۇلغان ، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ يۈيجۇ دېگەن يېرىدىن . 1970–يىلى 12–ئايدا خىزمەتكەقاتناشقان، 1973 –يىلى 11–ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن . شەرقىي شىمال ئېغىر تىپتىكى مېخانىزملار ئىنىستىتۇتى ماشىنا سانائىتى فاكۇلتېتىنىڭ پىرېسلاش تېخنولوگىيەسى ۋە ئەسلىھە كەسپى ئالىي مەكتەپ ئادەتتىكى سىنىپىنى پۈتتۈرگەن، خاربېن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپرانت بولغان، باشقۇرۇش ئىلمى ماگىستىرى.
1970 – يىلى ھەربىي سەپكە قاتناشقان ، 1985 – يىلىدىن كېيىن ، ماشىنا ۋە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى مىنىستىرلىقى 10–لايىھە ئاكادېمىيىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى، رېۋىزىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ماشىنا ۋە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق رېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو ئوراپ قاچىلاش ۋە يېمەكلىك ماشىنىلىرى باش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى، باش دېرىكتورى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى ياردەمچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1997 – يىلى 12 – ئايدا قاتناش مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن؛ 1998 – يىلى 4 – ئايدا قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2002 – يىلى 9 – ئايدا قاتناش مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شۇ يىلى 10 – ئايدا قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولغان؛ 2005 – يىلى 12 – ئايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شۇجىسى بولغان؛ 2006 – يىلى 1– ئايدا خۇنەن ئۆلكىلىك 10 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – قېتىملىق يىغىنىدا ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ سايلانغان؛ 2006 – يىلى 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى خۇنەن ئۆلكىلىك 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن؛ 2008 – يىلى 1 – ئاينىڭ 24 – كۈنى، خۇنەن ئۆلكىلىك 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – قېتىملىق يىغىنىدا ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.
2002 – يىلى 11 – ئايدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 16 – قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلانغان. 2007 – يىلى 10 – ئايدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 17 – قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلانغان.
2006 – يىلى 4 – ئايدا، خەلقئارا يول ئىتتىپاقى قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭئىلگىرىكى مىنىستىرى جاڭ چۈنشيەنگە ‹‹2006 – يىلىدىكى يىللىق شەخس›› ئالاھىدە ئۇنۋانىنى بېرىپ، جاڭ چۈنشيەننىڭ جۇڭگونىڭ تاشيول تورىنى تەرەققىيقىلدۇرغانلىقى ۋە ئۇنى خەلقئاراغا تۇتاشتۇرۇش جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تەرىپلىگەن.
2006-يىلى 1-ئايدىن 2010-يىلى 4-ئايغىچە خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئۆلكىلىك ھەربىي رايون پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى بولغان.
2010-يىلى 4-ئايدىن 2010-يىلى 5-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى بولغان.
2010-يىلى 5-ئايدىن 2010-يىلى 6-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 1- سىياسىي كومىسسارى، مەركىزىي كومىتېت شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.
2010-يىلى 6-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسار، مەركىزىي كومىتېت شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.
پارتىيە 16-، 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.