قاراداغ 2-بۈلۈم يېڭى قسىمى يوللاندى
ئابلاجاننىڭ يېڭى پىلاستىنكىسى بازارغا سېلىدى
يېڭى ناۋا پىروگىراممىسى تۇلۇق يوللاندى
تۈركىيەنىڭ قسىملىق كىنولىرى بۇ يەردە
روزاجىم مۇھەممەت تورى ئېچلىدى
بۇ ئائىلگە قاراڭ 29-30-قسىم يوللاندى
قىز كەلتۈرۈش كىلىشىمى -چۈشۈرۋىلىڭ
ئەڭ ئىسل تورناملىرى سېتىلىدۇ
ئەلىجان ئاقسوپا تورى ئېچلىدى
قارا مەرۋايىت 2-بۈلۈم 21 قسىم يوللاندى
خەتلىك تەۋسىيە ئېلان ئورنى
خەتلىك تەۋسىيە ئېلان ئورنى
مەمەتجان ئابدۇقادىر
دىلرابا دىلمۇرات
ھۈررەم شاھبانو
رومانتىل رەسمىلەر
ئۆزىڭىزنى تۇتۋىلىپراق كۈلۈڭ
ئىسلام قىزلىرى
رېھىمجان ئابدۇقېيۇم
ئىسلام قىزلىىرى
چىراي ئىپادە
مۇھەممەتتجان روزى سايىت
ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەز ..
بەك ئىسل رەسمىلەر
مانا كۈلكە دىگەن مۇشۇ يەردە
ئىسلامى توي مۇراسىم
مۇنداق قىزىقچىلارمۇ بار
ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى 1- ئالبو ..
توۋا ماۋۇ ساراڭلارنى
ئۇنتۇلماس توي مۇراسىملار
گۈلىستان ئىمىن
دىلنار ئابدۇللا
ئۇماقلارنىڭ قىلىقى بەك ئۇماق
قىزىقارلىق كۈرۈنۈشلەر
روماتىك ئەسىلمىلەر
مەدىنە مەمەت
دىلئارام قۇربان ئايتۈرك دىلئارام قۇربان ئايتۈرك 1980-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ھازىر ئامېرىكا سىنتاش شىركىتى، شىنجاڭ سىنتاش سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ئىلى سىنتاش كۈندىلىك بۇيۇملار زاۋۇتى، شىنجاڭ ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكە شىركىتى قاتارلىق شىركەت، زاۋۇتلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ھەم باش لىدېرى، ئۈرۈمچى ئېھسان ئانا-بالىلار مەدەنىيەت تەرەققىيات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو شىنجاڭ ياۋرو-ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ باشلىقى. شەخس تارىخى 2005-يىلى، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي ئىنستىتۇتى (بۇرۇنقى شىئەن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى) كىلىنىكىلىك داۋالاش كەسپىنىڭ تولۇق كۇرسىنى، 2008-يىلى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى پسىخولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تېببىي پسىخولوگىيە ئاسپىرانتلىقىنى پۈتتۈرگەن. ئوقۇش جەريانىدا يەنە ئەنگلىيەنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان فورېكس خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە ئىنستىتۇتىدا مالىيە-ئىقتىساد بازار ئانالىزى ۋە پۇل-مۇئامىلە سودىسى كەسپىدە ئوقۇپ، «تاشقى پېرېۋوت ئانالىزچىسى» سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. 2009-يىلى، ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى، كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ماركېتىڭ ئىلىمى بويىچە قىسقا مۇددەتلىك ئۆگىنىش ھەم سىمنارىيەلەرگە قاتناشقان. 2004-يىلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا شاڭخەي جيادىڭ ئالاھىدە رايونىدا دۆلەتنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىنىسى بىلەن شاڭخەي سىنتاش سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان. 2006-يىلى، شىركەتنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنى ئۈرۈمچى چېگرا رايون سودا چەمبىرىكىگە قۇرغان. 2009-يىلى، شىنجاڭ سىنتاش سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى ئۈرۈمچىدە ئەنگە ئالدۇرۇپ، شاڭخەيدىكى شىركەتنى رويخەتتىن ئۆچۈرگەن. 2010-يىلى، ئامېرىكا نيۇيورك ئىشتاتىدا شىنجاڭ سىنتاش شىركىتىنى باش شىركەت، ئامېرىكا سىنتاش شىركىتىنى شۆبە شىركەت قىلىپ قۇرۇپ، سىنتاش شىركىتىنى شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت ھالقىغان شىركەت قىلغان ھەم شىركەتنىڭ 20 مىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. 2014-يىلى، قورغاستا ئىلى سىنتاش كۈندىلىك بۇيۇملار زاۋۇتىنى، ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكە شىركىتىنى قۇرغان. 2001-يىلى شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئوبراز ئەلچىسى بولۇپ باھالانغان. 2013-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى بىلەن شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى بىرلىشىپ دىلئارام قۇربان ئايتۈركنىڭ «قەدىمىي شەھەردە ئويلىغانلىرىم» ناملىق ئەسەرلەر توپلىمىنى نەشر قىلغان. بۇ كىتابقا ئاپتورنىڭ 2003-يىلدىن تارتىپ يازغان، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» قاتارلىق رايونىمىزدىكى داڭلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىلىرىدا ئاڭلىتىلغان «قەدىمىي شەھەردە ئويلىغانلىرىم»، «بىزدىكى ئۈچ غەلەت»، «نەزىرىمدىكى پۇل-مۇئامىلە كرىزىسى ۋە رېئاللىقىمىز» ماۋزۇسىدىكى ئىقتىساد، تېببىي ئىلىم، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان جەمئىيەت مۇلاھىزىسى خاراكتېرىدىكى ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. 2012-يىلى 7-ئايدا، دىلئارام ئۈرۈمچىدە «ئېھسان ساخاۋەتچىلىرى» نامىدىكى ساخاۋەت ئەترىتىنى قۇرۇپ، 2014-يىلى، بۇ ئەترەتنى ئۈرۈمچى «ئېھسان» ئانا- بالىلار مەدەنىيەت تەرەققىيات مەركىزى قىلىپ قانۇنلۇق ئەنگە ئالدۇرغان. 2014-يىلى دىيارىمىزدىكى داڭلىق ئارتىسلىرىمىزدىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، ئادىل مىجىت، خەيرىگۈل ھەسەن، تۇرسۇنئاي ئىبراھىمجان، مۆمىنجان ئابلىكىم، شىرئەلى ئەلتېكىن قاتارلىق ئارتىسلار ھەم مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، رەھبەرلىرى، جەمئىيەتتىكى ساخاۋەتچى كارخانىچىلار ھەم «ئېھسان ساخاۋەتچىلىرى» ئەترىتىدىكى قىزلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت يۇرتىدا 1000 كىشىلىك «ئېھسان ساخاۋەت» كېچىلىكىنى ئويۇشتۇرغان.