1979-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كىرىيە ناھىيىسىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .ناھايىتى مۇكەممەل ۋە ياخشى بولغان ئائىلە تەربىيەسى ئاساسىدا باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن.
قەلبىدىكى ئۇلۇغ ئارزۇ- ئارمانلىرى ۋە ئۆز ئىرادىسىنى چىنىقتۇرۇش مەقسىتىدە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىدىن باشلاپ , ئۈمىدۋار غايىلىرىنىڭ تۈرۈتكىسىدە, تىجارەتتىكى تۇنجى قەدىمىنى باسقان . تۇلۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىنمۇ بوش ۋاقىتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ تىجارەت تەجىربىلىرىنى توپلىغان شۇنداقلا ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى ئۈستىدە تىنىمسىز ئىزدەنگەن.
ئۈگىنىش ۋە تىجارەتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل يولدا ئۆزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق 1999-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىنىڭ ئېلېكتىر تېخنىكىسىنى ئاپتۇماتلاشتۇرۇش كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان.تىجارەتتىكى نىشانىنىڭ تەۋرەنمەس ئۇلى بولغان بۇ كەسىپكە قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن , يۇقىرى قىزغىنلىق ۋە يۈكسەك شىجائىتى بىلەن تىرىشىپ ئۈگەنگەن.
ئوقۇش جەريانىدا ھەر يىلى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۆز كەسپىدە نۇرغۇن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. تىجارەتتىكى تەۋرەنمەس ئىرادىسى ۋە ئۆز كەسپىدىكى تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۆز ئىقتىسادىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقىش بىلەن بىرگە يەنە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىساتىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ , مۇشۇ خىل نۇرغۇنلىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق2004-يىلى ئالى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن .
.ئۆز قىزىقىشىنىڭ مەغلۇبىيتىمۇ ئىنسانغا بىرخىل ئۈمىد بېغىشلىغىنىدەك, ئۆزىنىڭ يەتمەكچى بولغان ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ خاھىشى بۇيىچە ياشاش ئەلۋەتتە ئۆز-ئۆزىنى تىنىمسىز ئالغا يىتەكلەيدۇ. مەكتەپ ھاياتىنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىغاندىن كىيىن, 2004-يىلى كىرىيە ناھىيلىك ھۆكىمەت ئىشخانىسىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان.يېرىم يىل خىزمەتكە قاتناشقاندىن كىيىن, , ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنىڭ تۈرۈتكىسىدە خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ, 2004-يىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەلرازى سوغوق ئىچىملىك زاۋۇتىنى قۇرغان. تىجارەتتىكى ھەرخىل ئىزدىنىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ, يەنىلا ئۆز كەسىپىگە دائىر ئىلىكتىرون ساھەسىدە ئىزدىنىش ئىستىكىدە, 2005-يىلى يىل ئاخىرىدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجىن شەھىرىگە بېرىپ , شۇ يەردە ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىنى باشلىغان.
2006-يىلى گۇاڭدۇڭ شېنجېندا شىياڭگاڭ ئەلنۇر ئېلېكتىرون پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان.
2006-يىلى شىنجىندىكى شىركەت قۇرۇلغاندىن كىيىن پاكىستان , روسىيە, ئۆزبېكىستان , قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن سودا قىلىپ, 2008-يىلى ئۆز يۇرتى خوتەن ۋىلايىتىدە ئەلنۇر ئىلىكتىرون پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان.تىجارەت دائىرىسىنى تىخىمۇ كېڭەيتىش مەقسىتىدە ئاقسۇ, يەكەن, قەشقەر, قاغىلىق , ئاۋات قاتارلىق جايلاردا تارماق دۇكانلارنى ئاچقان.
ئۆز كەسپى ئۈستىدە توختاۋسىز تىرىشىش ۋە ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىش ئارقىلىق, 2008-يىلى تور سودىسىدىكى بوشلۇقنى ھېس قىلىپ , ئۆز دىيارىمىزدىكى ئەمەلىي دۇكانلىرى ئاساسىدا تور دۇكان سودىسىنى باشلىغان . تىجارەت دائىرىسىنى ھەقىقىي تۈردە مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەرەقىياتىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۈتۈرۈش, كېڭەيتىش مەقسىتىدە 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭغا رويخەتكە ئالدۇرۇپ دىيارىمىزدىكى داڭلىق سودا چەمبىرىكى بولغان مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئەلنۇر ئىلىكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ , ئېلېكتىرون كەسپى بۇيىچە ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ, پۈتۈنلەي مۇكەممەل بولغان بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن ۋە مۇشۇ ساھەدە تىجارەتتىكى سەمىمىيلىكى شۇنداقلا ساختا مالدىن خالى بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.
ئوقۇش پۈتتۈرۈش ھەرگىزمۇ ئۈگىنىشنىڭ ئاياغلاشقانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.بىلىم دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان بۇ ئىقتىدارلىق كارخانىچى, بىر تەرەپتىن تىجارەت دائىرىسىنى كىڭەيىتسە , يەنە بىر تەرەپتىن ئۆگىنىشنى قولدىن بەرمەي يۇقىرىلاپ ئوقۇپ , 2014-يىلى بىيجىڭ چىڭخۇا ئۇنۋېرىستىتى بىلەن شانئال ئىگىلىك تىكلەش مەكتىپى بىرلىشىپ ئاچقان يۇقىرى دەرىجىلىك لىدىر تەربىيەلەش كەسپىنىڭ ماگىستىرلىق كەسپىدە بىلىم تەھسىل قىلىشنى باشلىغان. ھازىرمۇ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.