مەزمۇن كۆرۈش بېتى
گۆھەرنىسا مولتۇرغان
يوللانغان ۋاقتى:2016-03-12 مەنبەسى:ئۇزار تورى يوللىغۇچى: شىرئەلى ئاۋاتلىقى281:قېتىم كۈرلىدى

  گۆھەرنىسا مولتۇرغان غۇلجا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى  ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئالتۇن گۆھەر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان. ھازىر شىركەتنىڭ لىدېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.   شەخس تارىخى   1991-يىلى 9-ئايدىن 1995-يىلى 7-ئايغىچە، «شىنجاڭ ئاشلىق كادىرلار مەكتىپى» دە مالىيە-بوغالتىرلىقى كەسپى بويىچە تەربىيەلەنگەن. 1995-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە، غۇلجا ناھىيەسى چۇلۇقاي يېزىسىدا ئاشلىق پونكىتىدا ئىشلىگەن مەزگىلىدە، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، «شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئونىۋېرسىتېتى» نىڭ مالىيە بوغالتىرلىق كەسپى بويىچە مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا، «شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتى» نىڭ تەرجىمانلىق كەسپى بويىچە تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان.  2005-يىلىدىن باشلاپ، مالايشىيا، سىنگاپور، شىياڭگاڭ، ئاۋمىن، ياپونىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلغان ئەللەردە زىيارەتتە ۋە ئۆگىنىشلەردە بولغان.  دۆلەت ئىچىدە بېيجىڭ، خەينەن، گۇاڭجۇ قاتارلىق تەرەققىي قىلغان رايونلاردىكى چوڭ زاۋۇتلاردا زىيارەت ھەم ئۆگىنىشلەردە بولغان.

2002-يىلى 5-ئايدا، غۇلجا ناھىيەسىدە «گۆھەر تاللا بازىرى» نى ئاچقان.  2003-يىلى 4-ئايدا، غۇلجا ناھىيەسى سەي بازىرىنىڭ يېنىدا «گۆھەر تاللا بازىرى» نىڭ تارماق دۇكىنىنى ئاچقان. 2006-يىلى، غۇلجا شەھىرىدە «گۆھەر داڭلىق گىرىملىرى سېتىش ئورنى» نى تەسىس قىلغان. 2007-يىلى، غۇلجا شەھىرىدە خانىم-قىزلار گۈزەللىك سالونىنى ئاچقان.

2011-يىلى 8-ئايدا، مەرپۇغە خانىم بىلەن بىرلىشىپ، ئۈرۈمچىدە «گۆھەر داڭلىق گىرىملىرى سېتىش ئورنى» نى ئاچقان. 2012-يىلى 9-ئايدا، غۇلجا شەھىرى ئىناق داڭلىق ماللار شەھەرچىسىدە «گۆھەر گىرىم سېتىش ئورنى» نى ئاچقان. يەنە دۆڭمازا، ئونيار، سامىيۈز قاتارلىق يېزىلاردىمۇ ئەزا دۇكانلارنى ئاچقان. 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى،  ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئالتۇن گۆھەر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان. 2013-يىلى 4-ئايدا، غۇلجا شەھىرىدە شىنجاڭ ئالتۇن گۆھەر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتىنى ئەنگە ئالدۇرغان. 2012-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئېسىل خانىم ساغلاملىق سارىيى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، غۇلجا شەھىرى ۋە غۇلجا ناھىيەسى قاتارلىق ئىككى ئورۇندا «گۆھەر ئېسىل خانىم ساغلاملىق سارىيى» نى ئاچقان.

 ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بويىچە «8-مارت قىزىلبايراقدارى»، «ئىگىلىك تىكلەش ئۈلگىسى» قاتارلىق ناملارغا، ئاپتونوم رايون بويىچە «ئىگىلىك تىكلەشتىكى 100 مۇنەۋۋەر ياشنىڭ بىرى» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن. ئاپتونوم رايون بويىچە 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولغان. 2013-يىلى 12-ئايدا ئىلى ئوبلاستلىق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «ئىلغار كارخانىچى» بولۇپ مۇكاپاتلانغان.

 2003-يىلىدىن باشلاپ، ئىزچىل ھالدا ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا ۋە ياشانغان قارىغۇچىسى يوق كىشىلەرگە ياردەم قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، يىللىق سېتىش كىرىمىنىڭ %1-%2 گىچە بولغان قىسمىنى نامراتلارغا ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا سەرپ قىلىپ كەلگەن.   


ئەسكەرتىش: تور بىكىتمىزدىكى رەسىملەر توردىن يىغلىغان بۇلۇپ خالىغانچە ئىشلەتسىڭىز بولىۋىرىدۇ....بىراق باشقىلارنىڭ رەسىم ھۇقۇقىغا ياكى رەسىم گۈزەل سەنئەت ئەسەر ھۇقۇقىغان دەخلى تەرۈز قىلىش قانۇنغا خىلاپ ،قانۇن بىلەن ئويناشماڭ
Copyright © 2013 - 2015 Uzar.Cn. All Rights Reserved 版权所有新疆优扎尔维吾尔综合第二门户网
تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق نەشىرى ھۇقۇقى :ئۇزار ئۇيغۇر تور بىكىتگە مەنسۈپ،مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۈچۈرمەڭ ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ
Email:yayrim0132@qq.com QQ:416977351 ئېلان -ئالاقە تېلىفۇن نۇمۇر:15009049634 بىكەت مەسئۇلى :شىرئەلى ئىمىنتوختى
تور بىكىتمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار توردىن رەتلەنگەن بۇلۇپ،نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى ئاپتۇرىغا ياكى ئەسلى مەنبەسىگە مەنسۈپ نەشىرى ھۇقۇقى جەھەتتە بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق!
تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىناۋەتلىك ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备11003955号-2