مەزمۇن كۆرۈش بېتى
پەرھات خالىق
يوللانغان ۋاقتى:2015-12-31 مەنبەسى:ئۇزار تورى يوللىغۇچى: شىرئەلى ئاۋاتلىقى2103:قېتىم كۈرلىدى

  پەرھات خالىق 1982-يىلى 7- ئاينىڭ 24- كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، 3- پەسىللىك «جۇڭگو خۇش ئاۋازى» پىروگراممىسىدا ئۇتۇق قازانغۇچى. پەرھات خالىق 2005- يىلى «قېتىق» مۇزىكا ئەترىتىنى قۇردى، 2010- يىلى پەرھات خالىق ۋە ئۇنىڭ مۇزىكا ئەترىتىدىكىلەر تۇنجى قېتىم گېرمانىيەدە ئۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئويۇن قويدى. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ھۆججەتلىك فىلىم قانىلى سۈرەتكە ئالغان «يېڭى يىپەك يولى» پىروگراممىسىدا «يىپەك يولىدىكى مەشھۇر مۇزىكانت، ناخشىچى» شەرىپىگە ئېرىشتى. 2014- يىل 8- ئاينىڭ 2- كۈنى، پەرھات خالىق ئورۇندىغان «مېنى ئازابتا قويۇشقا قانداق چىدىدىڭ» ناملىق ناخشا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن «3- پەسىلدىكى ئەڭ ئالاھىدە ئاۋاز» دېگەن نامغا ئېرىشتى. 9- ئاينىڭ 30- كۈنى ۋاڭ فېڭ گۇرۇپپىسىنىڭ چېمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى، 10-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 20 دە بېيجىڭ پايتەخت تەنتەربىيە سارىيىدا «جۇڭگو خۇش ئاۋازى» پىروگراممىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى، پەرھات مۇسابىقىدە 2-لىككە ئېرىشتى.

دەسلەپكى ۋاقتىدىكى كەچۈرمىشلىرى      پەرھات ئالتە يېشىدا ئاكىسىنىڭ بۇزۇلۇپ ئىككىلا تارىسى قالغان ئەسكى گىتارىنى قولىغا ئېلىپ، ئىچى پۇشۇپ قالغان ۋاقىتتا گىتار تارىسىنىڭ ئاۋازىنى تەڭشەيدىغان بۇ «غەلىتە» ئادەتنى يېتىلدۈرۈگەنىدى. سەككىز يېشىدا دادىسى يېڭى بىر گىتارنى تۇغۇلغان كۈنى سۈپىتىدە ئۇنىڭغا سوۋغا قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان، شىنجاڭنىڭ نان، كاۋاپلىرىنى يەيدىغان ئۇيغۇر يىگىتى «مۇزىكىدىن قايتماس» يولغا قەدەم باشلىدى. شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، پەرھات ئۆزى ئوقۇغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمىدى، ئەكسىچە ئۆيىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى رايونىدا قاۋاقخانىدا تۇرۇپ ناخشا ئېيتتى، 13 يىل خۇددى بىر كۈندەك ئۆتۈپ كەتتى، پەرھاتنىڭ شىنجاڭنىڭ يەرلىك تاماشا سەھنىسىدە نامى چىقىشقا باشلاپ، 2005- يىلى پەرھات «قېتىق» مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرۇپ چىقتى.  

ئويۇن قويۇش كەچۈرمىشىلىرى       2010 -يىلى فرانسىيەدە ئوقۇيدىغان پەرھاتنىڭ دوستى مۇزىكا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان گېرمانىيەلىك بىر دوستىنى تونۇشتۇرۇپ قويدى ھەمدە ئۇنى شىنجاڭغا ئېلىپ كەلدى. شۇ يىلى 10- ئايدا پەرھات ۋە ئۇنىڭ مۇزىكا ئەترىتى تۇنجى قېتىم گېرمانىيەگە چىقىپ تۆت مەيدان ئويۇن قويدى، ئىككى مەيدان ئويۇننى گېرمانىيەنىڭ سېمفونىيە ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە، قالغان ئىككى مەيدان ئويۇننى ئۆزىنىڭ مۇزىكا ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە قويدى. 2011- يىلى پەرھات تۈركىيە شەرق مۇزىكا ئەترىتىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشتى، بۇ پائالىيەت گېرمانىيەنىڭ باشچىلىقدا ئۆتكۈزۈلدى. پەرھات ئۇلار بىلەن بىرگە تۈركىيە بېرىپ، سىمفونىيە ئەترىتى بىلەن بىرگە بىر مەيدان ئويۇن قويدى.

 2013- يىلى تۈركىيە شەرق تەرەپ مۇزىكا ئەترىتى پىلاستىنكا شىركىتى پەرھاتنىڭ CD پلاستىنكىسىنى چىقاردى، كەينىدىنلا ئەنگلىيە BBC پىروگراممىسىدا «قېتىق» مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ناخشىلىرى قويۇلدى.       2014- يىلى «جۇڭگو خۇش ئاۋازى» پىروگراممىسىنىڭ 3- پەسىللىك مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭلىق ئۇيغۇر پەرھات گىتارىنى ئېلىپ يۇقىرى دەرىجىلىك كىلاسسىك ناخشا «مېنى ئازابتا قويۇشقا قانداق چىدىدىڭ» نى ئېيتتى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ياڭ كۈن ۋە نا يىڭ ھاياجانلانغىنىدىن يىغلاپ تاشلىدى. 9-ئاينىڭ 5-كۈنى پەرھات ۋاڭ فېڭ گۇرۇپپىسىنىڭ تۆت كۈچلۈك ماھىرى قاتارىغا كىردى. 9-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە «جۇڭگو خۇش ئاۋازى» پىروگراممىسى ۋاڭ فېڭنىڭ گۇرۇپپىسىدىكى كۇرسانتلارنىڭ چېمپىيونى ئاشكارلاندى، پەرھات ۋاڭ كەيچىنى يېڭىپ، ۋاڭ فېڭ گۇرۇپپىسىنىڭ چېمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى، 10- ئاينىڭ 7- كۈنى 3- پەسىللىك «جۇڭگو خۇش ئاۋازى» پىروگراممىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، پەرھات 2-لىكنى قولغا كەلتۈردى. 10-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە، پەرھات قېتىق مۇزىكا ئەترىتى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى LIVE تۇنجى قېتىملىق «تەكلىماكاندىن كەلگەن تولغانما ئۇسسۇل مۇزىكىسى» ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، ئانا تىلىدا مۇزىكا ئورۇنداپ، ناخشا ئاۋازىنى قەلبلەرگە تۇتاشتۇردى.  

شەخسىي تۇرمۇشى   پەرھاتنىڭ ئاكىسى 22 يېشىدا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى. ئاكىسى كەپتەر بېقىشقا ئامراق ئىدى. بولۇپمۇ ئىنتايىن تېز ئۇچىدىغان ھەم موللاق  ئېتىشقا ئۇستا پوچتا كەپتىرىگە ئەڭ ئامراق ئىدى. ھاڭۋاقتىلارچە ئاسماندىكى موللاقچى كەپتەرگە قارىغان، ئۆسمۈر پۇتىنىڭ ئۇچىدا قىزىق بولغان قاقلاپ پىشۇرۇش تەختىسىدە ئوغرىلىقچە پېچىنە-پىرەنىك يېگەن كۆرۈنۈش، ئۇنىڭ قېرىندىشى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئەسلەيدىغان ئىللىق ئەسلىمىگە ئايلانغانىدى.  پەرھات ۋە ئۇنىڭ ئايالى ھەر كۈنى كەچتە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۈچ قاۋاقخانىدا، كۇلۇپلاردا ئويۇن قوياتتى، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىسپانچە، ئىنگىلىزچە قاتارلىق تىللاردا ئۇخشىمىغان ئۇسلۇبتا 10 يىل ناخشا ئېيتتى، ھەر بىر مەيدان ئويۇننى تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئورۇندايتتى.  ناخشىچى ئايالى-پەزىلەت ئۇنىڭ مۇزىكا يولىدىكى ئەڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى بولۇپ، ئىزچىل ئۇنىڭغا مەدەت بولۇپ كەلدى، ئۇلارنى «تېپىشقان بىر جۈپلەر» دېسە ئارتۇق كەتمەيتتى. پەزىلەت: «بىزنىڭ تەقدىرىمىزنىڭ قوشۇلۇشىغا مۇزىكا ئەڭ مۇھىم سەۋەپ بولغان، ئۇ ئادەتتە ناخشا ئىجاد قىلاتتى، مەن ئورۇندايتىم، مۇزىكا ساھەسىدە بىز ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ، بىر-بىرىمىزگە يار-يۆلەك بولۇپ تولۇقلاپ كەلدۇق» دېدى.  


ئەسكەرتىش: تور بىكىتمىزدىكى رەسىملەر توردىن يىغلىغان بۇلۇپ خالىغانچە ئىشلەتسىڭىز بولىۋىرىدۇ....بىراق باشقىلارنىڭ رەسىم ھۇقۇقىغا ياكى رەسىم گۈزەل سەنئەت ئەسەر ھۇقۇقىغان دەخلى تەرۈز قىلىش قانۇنغا خىلاپ ،قانۇن بىلەن ئويناشماڭ
Copyright © 2013 - 2015 Uzar.Cn. All Rights Reserved 版权所有新疆优扎尔维吾尔综合第二门户网
تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق نەشىرى ھۇقۇقى :ئۇزار ئۇيغۇر تور بىكىتگە مەنسۈپ،مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۈچۈرمەڭ ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ
Email:yayrim0132@qq.com QQ:416977351 ئېلان -ئالاقە تېلىفۇن نۇمۇر:15009049634 بىكەت مەسئۇلى :شىرئەلى ئىمىنتوختى
تور بىكىتمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار توردىن رەتلەنگەن بۇلۇپ،نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى ئاپتۇرىغا ياكى ئەسلى مەنبەسىگە مەنسۈپ نەشىرى ھۇقۇقى جەھەتتە بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق!
تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىناۋەتلىك ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备11003955号-2