مەزمۇن كۆرۈش بېتى
ئەسقەر رېقىپ
يوللانغان ۋاقتى:2015-12-31 مەنبەسى:ئۇزار تورى يوللىغۇچى: شىرئەلى ئاۋاتلىقى1710:قېتىم كۈرلىدى

تونۇلغان ياش ئۇسسۇلچى ئەسقەر رېقىپ 1969 - يىلى 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى توقسۇن ناھىيىسىنىڭ ئىلانلىق يېزىسىدا تۇغۇلغان . باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى توقسۇن ناھىيىسىدە تاماملىغاندىن كېيىن 1983 - يىلى 9 - ئايدا سابىق شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1987 - يىلى 7 - ئايدا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان. 

ئەسقەر رېقىپ ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتىگە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، بىر قانچە يىلىدىن بۇيان ئۇ بەلگىلىك ئىدىيە ۋە ھېسسىيات بىلەن يۇغۇرۇلغان. شوخ ، مەردانە ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق خەلقىمىز ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى. ئەسقەر رېقىپ كۆپ قېتىم چوڭ تىپتىكى ناخشا - ئۇسسۇل كېچىلىكلىرىدە باش نومۇر ئورۇندىغۇچى بولدى ھەم ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، « قۇياشقا ئەڭ يېقىن كىشىلەر » ، « دولانلىقلار» ،« ئالمىخان » قاتارلىق كوللېكتىپ ئۇسسۇل ، « يۇمىلاق جۇۋان » ، « سۆيگۈ» ، « لەيلى - مەجنۇن » ، « ۋىسال كۈيى » ، « ئوينايلى » ، « جانانىم » ، « پەرۋانەم » قاتارلىق لەپەرلەرنى ئويناشقا قاتنىشىپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. ئۇ ئورۇنداشقا قاتناشقان « دولانلىقلار » ناملىق قوش كىشىلىك ئۇسسۇل 1998 - يىلى مەملىكەت بويىچە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، « پوتا ئۇسسۇلى » 2001 - يىلى چاۋشەندە ئۆتكۈزۈلگەن « ئاپرېل باھارى» سەنئەت بايرىمىدا كۈمۈش مېدال مۇكاپاتىغا،« چۇقان » ناملىق قوش كىشىلىك ئۇسسۇل مەملىكەتلىك 5 - نۆۋەتلىك ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە مۇنەۋۋەر ئورۇنداش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1999 - يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە خەلق رايىنى سىناشتا 10 مۇنەۋۋەر سەنئەتكارنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى، ئەسقەر رېقىپ يەنە ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىكى، سۈرىيە، لىۋان، بەھرەيىن، ئىسرائىلىيە، ماراكەش، مىسىر، ئىتالىيە، فرانسىيە، رۇسىيە، تۇنىس قاتارلىق 35 دۆلەتكە ئويۇن قويغىلى بېرىپ ئۇيغۇر سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى، بۇنىڭدىن باشقا ئەسقەر رېقىپ 1998 - يىلى ئىشلىگەن 12 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « جەۋلان قىلدى قىزىل تۇغلار لەپىلدەپ » دە باش رول - ئەخمەتجان قاسىمنىڭ رولىنى ئالدى.


ئەسكەرتىش: تور بىكىتمىزدىكى رەسىملەر توردىن يىغلىغان بۇلۇپ خالىغانچە ئىشلەتسىڭىز بولىۋىرىدۇ....بىراق باشقىلارنىڭ رەسىم ھۇقۇقىغا ياكى رەسىم گۈزەل سەنئەت ئەسەر ھۇقۇقىغان دەخلى تەرۈز قىلىش قانۇنغا خىلاپ ،قانۇن بىلەن ئويناشماڭ
Copyright © 2013 - 2015 Uzar.Cn. All Rights Reserved 版权所有新疆优扎尔维吾尔综合第二门户网
تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق نەشىرى ھۇقۇقى :ئۇزار ئۇيغۇر تور بىكىتگە مەنسۈپ،مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۈچۈرمەڭ ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ
Email:yayrim0132@qq.com QQ:416977351 ئېلان -ئالاقە تېلىفۇن نۇمۇر:15009049634 بىكەت مەسئۇلى :شىرئەلى ئىمىنتوختى
تور بىكىتمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار توردىن رەتلەنگەن بۇلۇپ،نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى ئاپتۇرىغا ياكى ئەسلى مەنبەسىگە مەنسۈپ نەشىرى ھۇقۇقى جەھەتتە بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق!
تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىناۋەتلىك ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备11003955号-2