مەزمۇن كۆرۈش بېتى
زۇبەيدە تۇرسۇن
يوللانغان ۋاقتى:2015-12-02 مەنبەسى:ئۇزار تورى يوللىغۇچى: شىرئەلى ئاۋاتلىقى2966:قېتىم كۈرلىدى

ئىسىم-فامىلىسى: زۇبەيدە تۇرسۇن

 يۇرتى: ئۈرۈمچى ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرس

 ئۇنۋان: باكلاۋۇرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى

 قان تىپى: 0

 خاراكتېرى: ئوچۇق-يورۇق، خۇشچاقچاق

 قىزىقىشى: كىتاب ئوقۇش، ئات مىنىش، كارتون فىلىم كۆرۈش.

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان رىياسەتچى: مۇنىرە غوپۇر

ئالىي مەكتەپتە كەسپىي جەھەتتە تەلىم ئالغان ئۇستازلىرى: قېييۇم مۇھەممەت، غالىب نىياز، مۇھەببەت ئەزىز، ماھىبەدەر ئابلىمىت، ماھىرە ئابدۇغەنى.

 ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنولىرى: ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن، مەلىكە سى سى. جەڭ ئېتى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان رەڭ: ھال رەڭ، بىنەپشە رەڭ. ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھايۋان: ئات    


  ”ئۈزۈلمەس مېلودىيە“ رادىيو دولقۇنلىرىدىكى ياش تالانتلىق رىياسەتچى زۇبەيدە تۇرسۇن 2006- يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ (سابىق 14- ئوتتۇرا مەكتەپ)نى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ دىكتور-رىياسەتچىلىك كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى ئارقىسىدا كەسپىي بىلىملىرىنى پۇختىلاپ، دىكتور-رىياسەتچىلىك ، ئاۋاز بېرىش ۋە يېزىقچىلىق جەھەتتە سىستېمىلىق تەربىيە ئالغان. شۇنداقلا يەنە مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان كۆپلىگەن ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان...     2010- يىلى ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى باكلاۋۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بىلەن تاماملاپ، مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرىدا بايراقدارلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ”مېلودىيە مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى“ بىلەن توختام تۈزۈشۈپ، شۇ شىركەتكە خىزمەتچى بولۇپ قوبۇل قىلىنغان...2010- يىلى 12- ئاينىڭ 16- كۈنى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىىسى ئۇيغۇرچە چاستۇتىسىنىڭ 18 سائەتلىك ئاڭلىتىشى يولغا قويۇلغان، شۇنىڭدىن ئېتبارەن، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ ”ئۈزۈلمەس مېلودىيە“ ئالاھىدە سەنئەت پىروگراممىسنىڭ رىياسەتچىلىك ۋە مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ...بۇنىڭلىق بىلەن زۇبەيدەنىڭ يېقىملىق ئاۋازى رادىيو دولقۇنلىرى ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ قەلىب دۇنياسىغا سىڭىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئايرىلماس ھەمراھىغا ئايلاندى. زۇبەيدە تۇرسۇن بىلەن مالىك بەكتۇر رىياسەتچىلىكىدىكى يېڭىچە ئۇسلۇب، يېڭىچە كەيپىياتتا ئىنتايىن جانلىق باشقۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان بۇ پىروگرامما ئىزچىل ھالدا خەلق ئاممىسنىڭ ياخشى باھاسى، قىزغىن ئالقىشى ۋە سۆيۈپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، زۇبەيدە تۇرسۇن ئۆز كەسپىگە بولغان يۈكسەك مۇھەببىتى، تىرىشچانلىقى، ئۆزىگە خاس رىياسەتچىلىك ئۇسلۇبى، يېقىملىق ئاۋازى، تېز ئىنكاسى، چۈچۈك تىللىرى، جانلىق قەلەم كۈچى، پىروگرامما ئىشلەشتىكى ئۆزگىچىلىكى، كىچىك پېئىل ۋە كەمتەر خاراكتېرى بىلەن ناھايىتى تېزلا رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن سىرداش دوستىغا ئايلاندى. ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بۇ يېقىملىق ئاۋاز ئۈزۈلمەس مېلودىيە رادىيو دولقۇنلىرى ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىلار بىلەن كۈندە ئۇچرىشىپ ئەركىن سىرداشتى. كىشىلەر مېلودىيەگە ئايلىنىپ كەتكەن بۇ گۈزەل ئاۋازغا بىلىپ-بىلمەي ئاشىق بولدى..زۇبەيدە تۇرسۇن خىزمەت جەريانىدا يەنە سەنئەت ساھەسىدە ئۇتۇق قازانغان كۆپلىگەن تۆھپىكار سەنئەتكارلار بىلەن ئالاھىدە سان پىروگراممىلىرى ئارقىلىق ئەركىن سىردىشىپ ،چىن، ھەقىقىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ،  بىر قىسىم ئاتاقلىق سەنئەتكارلار بىلەن تاماشىبىنلار ئارىسىدىكى ئارىلىقنى يەنىمۇ يېقىنلاشتۇردى.  

   ئۇ يەنە ئويۇن قويۇش شىركەتلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، سابا شاتلىق مىنۇتلىرى سەنئەت كېچىلىكى، دىل كۈيى سەنئەت كېچىلىكى، رىۋايەت سەنئەت كېچىلىكى، ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك كانسورۋاتورىيەنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى ئىليار ئايۇپنىڭ يالغۇز كىشىلىك داپ كېچىلىكى، مەكتەپ ھاياتى ئۇنىۋېرسال سەنئەت كېچىلىكى، مەشئەل خەير-ساخاۋەت سەنئەت كېچىلىكى، 2014- يىللىق ”يېڭى شىنجاڭ يېڭى كۈي“ تېمىسىدىكى باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان سەنئەت كېچىلىكلىرىگە، شۇنداقلا يەنە ”مېلودىيە مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى“ نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كۆپلىگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىغا، كىيىم-كېچەك يەرمەنكىلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان...

     زۇبەيدە تۇرسۇن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2013- يىللىق ”دەرىجىدىن تاشقىرى يېڭى دىكتور-رىياسەتچىلەرنى تاللاش“ مۇسابىقىسىدە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، كەسپىي ئىقتىدارىنى يەنە بىر قېتىم ئامما ئارىسىدا نامايەن قىلدى..     2010- ، 2011- يىللىرى زۇبەيدە تۇرسۇن ئوقۇغان ئاۋازلىق ئەسەرلەردىن ”بىلىقۇت بالىلار چۆچەكلىرى“، ”بىلىقۇت بالىلار مەسەللىرى“، ”بىلقۇت پەرزەنت تەربىيەسى“  قاتارلىق بالىلار ئوقۇشلۇقلىرى نەشردىن چىقىپ، كىچىك دوستلارنىڭ ياخشى تاللىشىغا ئېرىشتى.     ئۇ ھەر دائىم مۇنداق دەيدۇ: ”مەن رادىيو رىياسەتچىلىكىدىن ئىبارەت بۇ سۆيۈملۈك كەسىپنى، ھەر بىر رادىيو ئاڭلىغۇچۇمنى سۆيىمەن، بولۇپمۇ بىر قىسىم كۆرۈش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالغان، ئاڭلاش سەزگۈسىگىلا تايىنىپ رادىيوغا خۇمار بولغان، قەلىب ئەينىكى ئارقىلىق مېنى كۆرەلەيدىغان، مەن بىلەن سىردىشالايدىغان ئاشۇ ئاڭلىغۇچىلىرىمنى تولىمۇ سۆيىمەن، شۇ دوستلىرىمغا ئاۋازىم ئارقىلىق ئازراق بولسىمۇ خۇشاللىق ۋە روھىي ئوزۇق ئاتا قىلىش مەن ئۈچۈن تولىمۇ شەرەپلىك بولغان گۈزەل بىر تۇيغۇ...مەن بۇ دىكتور رىياسەتچىلىك كەسپىگە يېڭىدىن قەدەم قويغان بىر ياش نوتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كەسپىي جەھەتتە ئۆزەمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، كۆپلەپ ئىزدىنىشم، يەنىمۇ تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىم ۋە يېرىم يولدا ھېرىپ قالماسلىقىم، ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىم كېرەك.

بۇ كەسپنى قىلىش جەريانىدا نەچچە رەت يىقىلدىم. بەلكىم بۇ تار دائىرىدىكى نىشانىم ئۈچۈن كۈرەش قىلغىنىم ياكى ھەقىقى غايەمنى تاپالمىغىنىم ۋە ياكى يىراقتىكى كەم-كۈتىسىز گۈزەللىكنى قوغلاشقىنىم ئۈچۈندۇر. بىراق يەنىلا ’ئۆتۈپ كەتكىنى كېتىۋەرسۇن، كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق، نۇرغۇنلىغان گۈزەل نەتىجىلەر مېنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ‘ دېگەن ئىرادەم بىلەن يىقىلغان جايىمدىن دەس تۇرۇۋالدىم، مانا ھازىر ھەممە ئىشلار شۇنداق جايىدا كېتىپ بارىدۇ. ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە بارلىق دوستلارنىڭ مېنى ياقتۇرىشىنى، مېنى قوللىشىنى، ماڭا مەدەت بېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن..“  

ئەسكەرتىش: تور بىكىتمىزدىكى رەسىملەر توردىن يىغلىغان بۇلۇپ خالىغانچە ئىشلەتسىڭىز بولىۋىرىدۇ....بىراق باشقىلارنىڭ رەسىم ھۇقۇقىغا ياكى رەسىم گۈزەل سەنئەت ئەسەر ھۇقۇقىغان دەخلى تەرۈز قىلىش قانۇنغا خىلاپ ،قانۇن بىلەن ئويناشماڭ
Copyright © 2013 - 2015 Uzar.Cn. All Rights Reserved 版权所有新疆优扎尔维吾尔综合第二门户网
تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق نەشىرى ھۇقۇقى :ئۇزار ئۇيغۇر تور بىكىتگە مەنسۈپ،مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۈچۈرمەڭ ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ
Email:yayrim0132@qq.com QQ:416977351 ئېلان -ئالاقە تېلىفۇن نۇمۇر:15009049634 بىكەت مەسئۇلى :شىرئەلى ئىمىنتوختى
تور بىكىتمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار توردىن رەتلەنگەن بۇلۇپ،نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى ئاپتۇرىغا ياكى ئەسلى مەنبەسىگە مەنسۈپ نەشىرى ھۇقۇقى جەھەتتە بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق!
تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىناۋەتلىك ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备11003955号-2