ئەل سۆيگەن تۆھىپىكار سەنئەتكارىمىز ئابدۇكېرىم ئابلىز
سىزنىڭ ئەڭ سادىق تاماشبىنىڭىز ھەم ئادىل باھالىغۇچىڭىزدۇر...
تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيەسىنىڭ 1-دەرىجىلىك ئاكتيورى، ئورۇنلاش ماھارىتىگە باي ئاتاقلىق ئېتوت چولپىنى، مول تۇرمۇش بىلىمىگە ئىگە پىشقان ئېتوت يازغۇچىسى ئابدۇكېرىم ئابلىز 1970-يىلى 27-مارت قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1991-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ تىياتىر فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيەسىگە ئاۋاز ئارتىسلىقىغا تەقسىم قىلىنغان.
ئابدۇكېرىم ئابلىز ئۆزىنىڭ 20 نەچچە يىللىق سەنئەت ھاياتىدا «ئەڭ ئاخىرقى كۆل»، «قوغۇنچىنىڭ ھېكايىسى»، «دوزاخقا سەپەر»، «ساراڭ»، «داپ»، «ساراڭنىڭ خىيالى»، «ئۆژمە كۆڭۈل يىگىت»، «مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى»، «سەپەردىكى مۇھەببەت»، «پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە» قاتارلىق كۆپلىگەن كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا ھەر خىل خاراكتېرگە ئىگە پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى ياراتقاندىن سىرت، ئۆزى يېزىپ ئۆزى رول ئالغان بەدىئىيلىكى يۇقىرى، مەزمۇنغا باي، شەكلى ئۆزگىچە 100 دىن ئارتۇق ئېتوتتىمۇ ھەر خىل پېرسۇناژلارنىڭ ئوبرازىنى تولىمۇ جانلىق، تۇرمۇشلۇق، يۇمۇرىستك ئۇسلۇبتا يارىتىپ شىنجاڭنىڭ مىللىي سەنئەت ئىشلىرىنىڭ جانلىنىشىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشتى.
ئابدۇكېرىم ئابلىز كەمتەر، چىقىشقاق، كەسىپچانلىقى كۈچلۈك بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر ئاتاقلىق سەنئەتكاردۇر. ئۇنىڭ ئېتوتلىرىدا ياسالمىلىق، كۆپتۈرمىچىلىك، دوراش يوق، قويۇق تىل شىۋىسى، ھەرىكەت، چىراي ئىپادىسى، يۇمۇرلۇق خاراكتىرى، كۆلكە ئىچىگە سىڭدۈرۈۋېتىلگەن ئاچچىق كىنايە، يۇقىرى ئورۇنلاش ماھارىتى ئۇنىڭ تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە شۇنچىلىك جەلىپ قىلالىشىدىكى ھەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشىدىكى ئاچقۇچ.
قىسقىسى-ئابدۇكېرىم ئابلىز يۇقىرى ماھارەت بىلەن رول ئالغان فىلىملىرى، كۈلكە خۇرۇچلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئېتوتلىرى ئارقىلىق خەلقىمىزگە زور ئۈمىد ۋە شادلىق بېغىشلىدى. ئۇ ھازىر شىنجاڭ كىنوچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايون بويىچە «1-ماي» ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكەن مۇنەۋۋەر ياشنىڭ بىرى.