قاراداغ 2-بۈلۈم يېڭى قسىمى يوللاندى
ئابلاجاننىڭ يېڭى پىلاستىنكىسى بازارغا سېلىدى
يېڭى ناۋا پىروگىراممىسى تۇلۇق يوللاندى
تۈركىيەنىڭ قسىملىق كىنولىرى بۇ يەردە
روزاجىم مۇھەممەت تورى ئېچلىدى
بۇ ئائىلگە قاراڭ 29-30-قسىم يوللاندى
قىز كەلتۈرۈش كىلىشىمى -چۈشۈرۋىلىڭ
ئەڭ ئىسل تورناملىرى سېتىلىدۇ
ئەلىجان ئاقسوپا تورى ئېچلىدى
قارا مەرۋايىت 2-بۈلۈم 21 قسىم يوللاندى
خەتلىك تەۋسىيە ئېلان ئورنى
خەتلىك تەۋسىيە ئېلان ئورنى
مەمەتجان ئابدۇقادىر
دىلرابا دىلمۇرات
ھۈررەم شاھبانو
رومانتىل رەسمىلەر
ئۆزىڭىزنى تۇتۋىلىپراق كۈلۈڭ
ئىسلام قىزلىرى
رېھىمجان ئابدۇقېيۇم
ئىسلام قىزلىىرى
چىراي ئىپادە
مۇھەممەتتجان روزى سايىت
ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەز ..
بەك ئىسل رەسمىلەر
مانا كۈلكە دىگەن مۇشۇ يەردە
ئىسلامى توي مۇراسىم
مۇنداق قىزىقچىلارمۇ بار
ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى 1- ئالبو ..
توۋا ماۋۇ ساراڭلارنى
ئۇنتۇلماس توي مۇراسىملار
گۈلىستان ئىمىن
دىلنار ئابدۇللا
ئۇماقلارنىڭ قىلىقى بەك ئۇماق
قىزىقارلىق كۈرۈنۈشلەر
روماتىك ئەسىلمىلەر
مەدىنە مەمەتتونىلىۋاتقان ، تالانتلىق ياش ناخشىچى غۇلامئەلى غوپۇر . 1987-يىلى 2-ئاينىڭ 6- كۈنى قەشقەر يىڭىشەر ناھىيسىدە بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .
غۇلامئەلى كىچىكىدىن قويۇق بولغان سەنئەت مۇھىتى شۇنداقلا دادىسىنىڭ رىغبەت ، ئىلھاملىرى ، تەربىيسى بىلەن مۇزىكىغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياق ئۇنىڭ سەبىي قەلبىدە بىخ سۈرگەن ئىدى . دادىسى ئۇنى دەسلەپتە داپ چىلىشتا مەشقىلەندۈرگەن بۇلۇپ ،كىيىن باشقا سازلارنىمۇ چىلىشىنى ئۆگىنىپ ، مەكتەپ ۋە مەھەللىلەردىكى سەنئەت پائالىيەتلىرىدە ، توي-تۆكۈنلەردە ساز چىلىپ ئۆزىنىڭ مۇزىكا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى تىخىمۇ ياخشى جارى قىلىدۇرۇپ ، ھەم ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ راۋاپ ، دۇتتار.. ، رىيال قاتارلىق مىللى ھەم زامانىۋى ساز چالغۇلارنى چىلىشىنى ئۆگەندى.
غۇلامئەلى غوپۇر تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ مۇزىكا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى،مۇزىكىغا ، ناخشىغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياق ، قەلبىنى چۇلغاۋاتقان ئارزۇ ئارمانلىرى ئۇنى بوشاشماي ئالغا ئىلگىرلەپ ، قەلبىدىكى ئاشۇ يۈكسەك چوقىلارغا چىقىش ئۈچۈن شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ، ئارزۇسى بويىچە مۇزىكىدىن تىخىمۇ ئەتراپلىق ، مۇكەممەل بىلىم ئىلىش ، ئىزدىنىش ئۈچۈن ئىمتىھان بىرىپ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى چوڭلار مائارىپىغا قوبۇل قىلىندى .
ئۇ سەنئەت ئىنىستىتوتىدىكى ئوقۇش ھاياتىدا ئىزچىل بوشاشماي ،ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ ئۈگەندى . كىيىنچە كومپىيوتۇردا مۇزىكا چالغۇلاشتۇرۇش ئىستىكى بىلەن ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ناخشا سەنئىتىگە كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشقان ، ھەم قۇشىۋاتقان ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان سەنئەتكار ، مۇزىكانت مەۋلان مەمتىمىنىڭ زامان سىتودىيىسىدە، مەۋلان مەمىتىمىن ۋە ئىنىسى مۇھەببەت مەمىتىمىن لارنى ئۇستاز تۇتۇپ ، كەسپىنى تىخىمۇ مۇكەممەل ھەم سىستىملىق ئۆگەندى .
ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ، ئۇ上海都全紧固件有限公司 دە ئىشلەپ كەلمەكتە . گەرچە ئۆز كەسپىگە تۈپتىن يات خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما مەسئۇلىيەتچانلىق ، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ باشقا خىزمەتداشلىرى ھەم شىركەت يۇقىرى قاتلىمىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشى ھەم ئالىي باھاسىغا نائىل بولۇپ كەلمەكتە .
ئەمما مۇزىكىدىن ئىبارەت ، ئۇنىڭ سەبىي چاغلىرىدىن تارتىپ قەلبىدە بىخ سۈرۈپ ، يىلتىز تارتقان بۇ ئارزۇ ئارمانلار ئۇنىڭ قەلبىنى ھەر ۋاقىت چۇلغايتى . ناخشا مۇزىكىغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياق ئۇنىڭ ئىجادىيەتكە ئۈندەيتى . بالىلىقتىكى ئارزۇ-ئارمانلار ، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ھەم سۇنماس ئىرادىسى بىلەن ئۇ ئىشتىن سىرتقى چاغلاردا ئۆزلىكىدىن ئىجادىيەت قىلىپ ، 2010-يىلنىڭ ئاخىرى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئىجادىيەت مىۋىسى بولغان < كىتەرسەنمۇ > ناملىق ناخشىسى كەڭ خەلق ئاممىسىغا سۇندى . بۇ ناخشا كەڭ ياشلارنىڭ قەلب تارىنى چىكىپ ، بىر مەزگىل مودا ناخشىلاردىن ئورۇن ئالدى . شۇنداقلا دوستلىرى ھەم كەسپداشلىرىنىڭ ياقتۇرىشىغا ، رىغبەت ، ئىلھاملىرىغا مۇيەسسەر بولدى . بۇنىڭدىن قەلبى ئالەمچە خوشال بولغان غۇلامئەلى تىخىمۇ تىرىشىپ ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ھارماي-تالماي ئىزدىنىپ كىيىن سۆيەلمىسەڭمۇ ، ئەزىز يار ، قارىمىساڭمۇ ، ئايدىڭ كىچىلەر، جان ئانا قاتارلىق بىر يۈرۈش لىرىك ، مۇڭلۇق ناخشىلارنى ھەم شوخ خەلق ناخشىلىرىنى ئىشلىدى ھەم MV ناخشلىرىنى ئىشىلەپ ئۇيغۇر توربەتلىرىدە ئىلان قىلىپ ، ياشلارنىڭ ھەم چوڭلارنىڭمۇ ياقتۇرىشىغا نائىل بولدى . شۇنىڭدىن كىيىن خىزمەتتىن سىرتقى چاغلاردا ئۆزىنىڭ ھەم كەسىپداشلىرىنىڭ ئىجادىي ناخشىللىرىنىڭ مۇزىكىسى ھەم چالغۇلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قىلىپ كەلمەكتە .
ئەنە شۇنداق تىرىشچانلىقلىرى بىلەن ئۆزى سۆيگەن بۇ كەسپىنى تىخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ نەچچە يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش ، تىرىشىش ئارقىلىق 2013-يىلى ئۆزىنىڭ تۇنجى < دەردىمنى ئال > تىمىسىدىكى پىلاستىنكىسىنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە پۈتتۈردى . 2013- يىلنىڭ ئوتتۇرى بارلىق ناخشىلىرىنىڭ چالغۇلاشتۇرۇش ، ئۈنگە ئىلىش خىزمىتىنى تاماملاپ ، 2013- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2014- يىلى 5- ئايغىچە ، تالانتلىق ئاكتىيور ، تونىلىۋاتقان رىژىسسور مۇھەممەتجان ئابدۇقادىر بىلەن قەشقەر ، ئۈرۈمچى ، شاڭخەي ، خاڭجۇ ، يىۋۇلاردا سۈرەتكە ئىلىپ ، پۈتۈنلەي يىڭىلىققا ، خاسلىققا ، ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغان پلاستىنكىسى كەڭ خەلق ئاممىسىغا سۇندى .
ئەجىرنىڭ تىگى ئالتۇن . شۇنداق غۇلامئەلىنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىشى ، كەسپىگە بولغان مۇھەببىتى ھەم مەسئۇلىيەتچىلىقى بىلەن ئۇنىڭ بۇ مىننەتسىز ئەجىرلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئۆزىگە لايىق بولغان نەتىجىلەرنى بەردى . غۇلامئەلى غوپۇرمۇ بۇندىن كىيىنمۇ ئۆز كەسپىدە يەنىمۇ تىرىشىپ ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ ، تىخىمۇ نادىر ئىسىل بولغان ، مۇڭلۇق ، لىرىك كۈيلەرنى ، شوخ ، جۇشقۇن ناخشىلارنى خەلىقىمىزگە سۇنغۇسى . ئۇيغۇر سەنئەت كۆكىدە پارلاۋاتقان ، ئۈمىدلىك يۇلتۇزلار قاتارىدىن ئۇرۇن ئالغۇسى .....

