مەزمۇن كۆرۈش بېتى
خاسىيەت قۇربان
يوللانغان ۋاقتى:2015-01-03 مەنبەسى:نۇر تورى يوللىغۇچى: شىرئەلىيجان ئاۋاتلىقى5164:قېتىم كۈرلىدى

 1973-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى زىيالى ئائىلىدە تۇغۇلغان.1991-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىدە ئوقۇغان .
1993-يىلى 9قىسىملىق تېلۋىزىيە تىياتىرى  <تىمتاس گۇگۇم >فېلىمىدە رازىيە ئوبرازىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك يارتىپ سەنئەت ھاياتىنى باشىلىغان.ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ياپونىيە كارتون فېلىمى<ئەقىللىق يىشىيۇ>دا شىياۋ يەنزىگە ئاۋاز بەرگەن.كارتون فېلىم <ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى>فىلىمدا باش پىرسوناژ ماركونىڭ ئاۋازنى مۇۋەپىققيەتلىك بېرىپ كەڭ كۆرۈرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلە قوزغىغان،شۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى ئىتانسسا ۋە ئورۇنلارنىڭ تەكلىپى بىلەن  ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدىلا ئاۋاز بېرىش خېزمىتىنى باشىلۋەتكەن
1994-يىلى <يول ئۈسىتىدە>ئىتوتىدا قېتىقچى زىۋەر ئوبرازىنى يارتىپ ئىتوتچىلىق ساھاسىگە كىرىپ كەلگەن.شۇنداقلا بۇ ئوبراز بىلەن كەڭ تاماششىبنلارغا تونۇلغان.
1995-يىلى ئالىى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ  ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ < سىملىق> تېلىۋىزىيە ئىستانسسنىڭ ئاۋاز ئارتىسىتلىق خىزمىتگە قوبۇل قىلىنغان.بۇ جەرياندا نۇرغۇن نادىر فېلىملەرگە ئاۋاز بەرگەن شۇنداقلا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسسى،ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ نۇرغۇن كېچىلىكلىرىدە كۆپ قېتىم ھەر خىل ئوبراز بىلەن ئىتوت ئويناپ تاماششىنلارنىڭ قوللىشىغا ۋە ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن.
ئىستانسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن 2000-يىلى سەنئەت بۆلىمىگە يۆتكىلىپ چوڭ تېپتىكى كىچىلىكلەرگە رىژسسورلۇق قىلغان.2001-يىلى ئىككى قىسملىق تىلىۋىزىيە تىياتىرى<تەنھا يۈرەكلەر>فېلىمىدا رىژسسورلۇق  قىلغان ھەم باش رول ئالغان.2001-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە بولغان ۋاقىتتا <پەنجىگاھ مۇقامى>،<ناۋا مۇقامى>سۈرەتكە ئېلىشتا مۇئاۋىن رىژسسورلۇق خىزمتىنى ئۆز ئۇسىتگە ئالغان،شۇنداقلا يەنە فېلىمدا ئاساسلىق روللارنى ئوينىغان.
2003-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە  <مەشرەپ>پىروگىراممىسىنىڭ رىژسسورلۇق ۋەزىپىسنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلمەكتە،شۇنىڭدەك يەنە ئىستانسسا روزى ھېيىت،قۇربان ھېيىت قاتارلىق چوڭ تىپتىكى سەنئەت  كېچىلەرگە،شۇنداقلا مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسسى بىلەن بېرلىشىپ ئىشلىگەن ناخشا مۇسابىقىللىرىگە رىژسسورلۇق قىلماقتا.
ئۇ  رىژسسورلۇق خىزمىتنى ياخشى ئىشلەپلا قالماستىن يەنە ئۆز كەسپىنى تاشىلماي داۋاملىق تۇردە كەسىپ توغۇرسىدا ئىزدەندى. 2010 -يىلى 3-ئايدا داغدۇغلۇق ھالدا<خاسىيەت قۇربان ئىتوت كېچىلىكى>نى ئۆتكۈزدى.  يىقىندا ئۇ يەنە شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسسى مەلەغ سالغان ئۇيغۇرلاردىكى تۇنجى قېتىملىق ئۆي ئىچى كۆپ قىسملىق تېلىۋىزىيە تىياتىر<بۇ ئائىلىگە قاراڭ>فېلىمىدا باش رول ئالدى.

ئەسكەرتىش: تور بىكىتمىزدىكى رەسىملەر توردىن يىغلىغان بۇلۇپ خالىغانچە ئىشلەتسىڭىز بولىۋىرىدۇ....بىراق باشقىلارنىڭ رەسىم ھۇقۇقىغا ياكى رەسىم گۈزەل سەنئەت ئەسەر ھۇقۇقىغان دەخلى تەرۈز قىلىش قانۇنغا خىلاپ ،قانۇن بىلەن ئويناشماڭ
Copyright © 2013 - 2015 Uzar.Cn. All Rights Reserved 版权所有新疆优扎尔维吾尔综合第二门户网
تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق نەشىرى ھۇقۇقى :ئۇزار ئۇيغۇر تور بىكىتگە مەنسۈپ،مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۈچۈرمەڭ ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ
Email:yayrim0132@qq.com QQ:416977351 ئېلان -ئالاقە تېلىفۇن نۇمۇر:15009049634 بىكەت مەسئۇلى :شىرئەلى ئىمىنتوختى
تور بىكىتمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار توردىن رەتلەنگەن بۇلۇپ،نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى ئاپتۇرىغا ياكى ئەسلى مەنبەسىگە مەنسۈپ نەشىرى ھۇقۇقى جەھەتتە بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق!
تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىناۋەتلىك ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备11003955号-2