
دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك ئاكتىيور خەيرىگۈل ھەسەننىڭ تەرجىمىھالى
يۇرتى: ئۈرۈمچى
بوي ئېگىزلىكى :170سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 73 كىلوگىرام
قان تىپى: 0
قىزىقىشى: رومان ئوقۇش
خىزمەت ئورنى: ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يۇرتى
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەسىل: كۈز پەسلى
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھايۋان: قوي
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان رەڭ: قىزىل رەڭ، شاپتۇل چېچىكى رەڭ
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو چولپىنى: سوفىي ماسو
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشا: لىرىك خەلق ناخشىلىرى
ئارتۇقچىلىقى: سەمىمىيلىك
كەمچىلىكى: كۆپ گەپ قىلىش
ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كىشى: يولدىشى، بىر تۇغقان ئاچا-ئاكىلىرىم
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماق: قىيمىلىق تاماقلار
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىك: ئەنجۈر، شاپتۇل، ئۈزۈم
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىش: دەم ئېلىش
بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان جاي: ئەڭ ئىلغار، ئەڭ مەدەنىيەتلىك جايلار
ياخشى كۆرىدىغان ئەسىرىڭىز ياكى ئىجادىيىتى: «پال»، «غۇنچەم» دىرامىسىدىكى شەرۋانىخان ئوبرازى، « قالايمىقانچىلىق»تىكى مىنىستىرنىڭ ئايالى ئوبرازى
ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىسى: تۇنجى قېتىم قورساق كۆتۈرگەندە قورساقتىكى قىزىمنىڭ مىدىرلىغان ۋاقتى
ھايات يىغىندىسى: تىرىشچانلىقتىن نەتىجە چىقىدۇ، ئەستايىدىللىقتىن قىلغان ئىشى مۇكەممەللىشىدۇ
ياراتقان نەتىجىلىرى
دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس ،1986-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەن، نۇرغۇنلىغان ئىتوت ۋە سەھنە ئەسەرلىرىدە ئوخشىمىغان ئوبرازلارنى ياراتقان.
قاتناشقان ئاساسلىق سەھنە ئەسەرلىرىدىن «غۇنچەم»، «پال»، «قالايمىقانچىلىق»، «نۇرتاي ھاجى ھەققىدە ھېكايە»، «سىرتماق»، «تۇمان»، «مۇقام ئەجدادلىرى»، «سىگان قىزى»، «ھازازۇلنى ئىندەككە كەلتۈرۈش». چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق دىراما ‹‹مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»، ئېتوتلار «ئاجايىپ ئۇچرىشش»، ‹‹قانۇن ئىجراچىسى». «ھېيىت ئۆتكۈزۈش»، «بەختلىك ئائىلە»، «ھەسرەت»، كىنولاردىن «مەمەت ھەققىدە پاراڭ». تېلېۋىزىيە-تىياتىرلىرىدىن «ئوت»، «باھاردەك مۇھەببەت» قاتارلىقلاردا ئوخشىمىغان ئوبرازلارنى ياراتقان.
قاتناشقان ئەسەرلىرى شاڭخەي 16-نۆۋەتلىك «ئاق مىخېلىيە» تىياتىر ئورۇنداش كوللېكتىپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ 2-قېتىملىق ئۆتكۈزۈلگەن «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى»نىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
10-نۆۋەتلىك مەنىۋى-مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ «بەش بىر قۇرۇلۇش مۇكاپاتى »غا ئېرىشكەن.


