مەزمۇن كۆرۈش بېتى
دىلشات بارات سۇلتانى
يوللانغان ۋاقتى:2014-10-16 مەنبەسى:ئۇزار تورى يوللىغۇچى: شىرئەلىجان ئاۋاتلىقى2265:قېتىم كۈرلىدى

    

 

ئىسىم-فامىلىسى: دىلشات بارات سۇلتانى
يۇرتى: قەشقەر
ئېگىزلىكى: 160 سانتېمىتىر
ئېغىرلىقى: 84 كىلوگرام
قىزىقىشى: ئاۋاز بېرىش، رول ئېلىش
نۆۋەتتىكى ئورۇن: تېلىۋىزىيە تەرجىمە مەركىزى
خىزمەت ئورنى: تېلىۋىزىيە تەرجىمە مەركىزى 2-بۆلۈم
ھايات يىغىندىسى: ياشاش ئۈچۈن يېيىشىڭ دۇرۇس، يېيىش ئۈچۈن ياشاش نۇمۇس
 
ياقتۇرىدىغان ياقتۇرمايدىغانلىرى:
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەسىل: باھار
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىتاب: ئانا يۇرت
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو: سەرگەردان
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماق: ئوخشىغان پولو
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جاي: يېزا-قىشلاق، سەھرا
ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىك: گىلاس
ياقتۇرمايدىغان يىمەكلىك: يوق
ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كىشى: ئاتا-ئانام. ئۇستازىم تۇيغۇن ئەھمىدى، ئابدىراخمان ئەسەت
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەنتەربىيە تۈرى: پۇتبول، چېلىشىش
ياخشى كۆرىدىغان چالغۇ: داپ
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پروگرامما: دۇنيادىكى ئىشلار
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان رىياسەتچى: مەۋلۇت ئىبراھىم، مەھمۇت مەھسۇت، مۇنىرە غۇپۇر، ئەمەتجان توختى
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئارتىس: يولۋاسخان
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشىچى: تىكىستىنى توغرا ئېيتالايدىغان ئەل سۆيگەن ناخشىچىلار.
ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە: 1984-يىلى ئۆز ئارزۇيۇم بويىچە شىنجاڭ رادىئو-كىنو تېلېۋىزىيە تەرجىمە بۆلىمىگە خىزمەتكە چۈشۈشى

 

دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك ئاۋاز ئارتىسى، رېژىسور، تۇنۇلغان ئاكتىيور دىلشات بارات سۇلتانى 1963- يىلى 4- ئاينىڭ 4- كۈنى قەشقەردە زىيالىي سەنئەتكار ئائىلسىدە تۇغۇلغان. 1971- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە قەشقەر شەھەرلىك 6- باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە قەشقەر شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1982- يىلىدىن 1984- يىلى 10- ئايغىچە، قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. 1984- يىلى 12- ئايدا، ئۆز ئارزۇيى بويىچە شىنجاڭ رادىئو-كىنو تېلېۋىزىيە تەرجىمە بۆلىمىگە ئېمتىھان بېرىپ، ئاۋاز ئارتىسلىققا قوبۇل قىلىنغان. 1997- يىلى 9- ئايدىن 1999- يىلى 7- ئايغىچە، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىياتىر فاكۇلتېتىدا، ئىككى يىل مەخسۇس كىنو-تېلېۋىزىيىگە ئاۋاز بېرىش ۋە تىياتىر كەسپىدە «چوڭلار مائارىپى» بويىچە مەخسۇس كورۇستا ئوقۇغان.

 

دىلشات بارات سۇلتانى خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، نۇرغۇن فىلىملەردە ئاۋاز بەرگەن، رول ئالغان ۋە رېژىسورلۇق قىلغان بولۇپ، بىر قەدەر ۋەكىل خارەكتىرىگە ئىگىلىرى تۆۋەندىكىچە: «بۇ يەرنىڭ سەھرى جىمجىت»، «ئېگىز تاغ باغرىدىكى گۈل چەمبىرەك»، «ھالاكەت ئارخىپى»، «دېدەك ئېزورا»، «رەھىمسىز فىرونت»، «يۈز پولىك ئۇرۇشى»، «قورغان»، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «ئاخىرقى پادىشاھ»، «سۇڭ چىڭلىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى»، «ساختىلىق»، «قىزىل ۋە قارا»، «يالقۇنلۇق يىللار»، «مىراسخور»، «5-باشقارما ھەرىكەتتە»، «قارا ئۆڭكۈر»، «غەربكە ساياھەت»، «پولات قانداق تاۋلاندى»، «پاراشوتچىلار»، «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز»، «بازا گۈللۈك ھەرىكىتى»، «دوستلۇق نامىدىن»، «ئاپامنىڭ ئىسمى جاڭىل»، «سۈيقەست»، «غەربنىڭ سۈيى شەرققە ئاقماقتا»، «ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ»، «خانىش ئاماننىساخان»، «نەسىردىن ئەپەندىم»، «قىرلىق ئىستاكان»، «ئالىمجان بولۇمسىز»، «ساراڭ»، «تەڭرى گۇۋاھ»، «شەھەرىستاندا بەربات بولغان چۈش»، «مۇھەببەت مىلودىيىسى»، «ئۆلكىلىك پارتكوم شۇجىسى»، «بۇرچ»، «قۇتۇلدۇرۇش»، «كۈن چىقتى»، «مېھمانسارايغا مۇھەببەت»، «قۇمۇل ئىبادەتخانىسى»، «كۈنگە نەزەر»، «پەلەك شاھى»، «ۋەھىمىلىك 12 سائەت»، «جىددىي قونۇش»، «ھەشەمەتلىك ئائىلە»، «ئالاھىدە پۇقرا»، «تۇيۇقسىز زەربە»، «ئاپشاركا پۈشتىكى»، «تەقدىرنىڭ چاقچىقى»، «شاڭخەيدىكى ئىشلار»، «مۇنچا خوجايىنىنىڭ ئائىلىسىدىكى ئەرلەر»، «ئانا تۇپراق»، «دېڭىزدىكى سەپەرۋەرلىك»، «خۇڭپۇجىياڭ ساھىلىدىكى كۆرەش»، «ئامىگو ۋە ئۇلارنىڭ دوستلىرى»، «قابانباش ئوغۇل ۋە چۆمۈچ باش دادا»، «مېخا ئارخىبى»، «مۇتلەق پىلان»، «تانگو»، «نىي يوركتىكى چوڭ سوت»، «تۇرپاندا توي»، «تائامگىر»، «ھەربىينىڭ مەخپىيىتى»، «قاتتىق تەگكەن شاپىلاق»، «ھەققانىيەت يولى»، «سەرگەردان ئەزىمەت»، «تارتمامغا چېقىلما»، «بەختىمىزنى قوغدايلى»، «كاساپىلانكا»، «رومانتىك داچا»، «دۆلەتنىڭ بۇرچى»، «جىشاۋلەن»، «سۇ بويىدا»، «جۇگېلىياڭ»، «سۇڭ جىياڭ»، «چاۋگەي» قاتارلىق 10 مىڭ قىسىمدىن ئارتۇق كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە كارتون فىلىملىرىدىكى رول، ئاساسلىق روللارغا ئاۋاز بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»،  «خانىش ئاماننىساخان»، «سۇڭ چىڭلىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى»، «يولۋاس، يولۋاس، يولۋاس»، «ھايۋاناتلار پادىشاھلىقىدىكى ئوغۇرلۇق دىلوسى»، «ھەل قىلغۇچ جەڭ»، «ئەنسىز يىللار»، «قارا يۈز»، «قەھرىمان ئۆكۈنمەيدۇ»، «بۇرچ»، «زېرەك ساقچى»، «5-باشقارما ھەرىكەتتە»، «ئاھ ئانىلار»، «قىزىل رېستىپ»، «پولات قانداق تاۋلاندى»، «خاربىندىكى ئىشلار»، «شىياڭگاڭ ھەققىدە قىسسە»، «ئائىلىنىڭ ئابرويى»، «مەكتەپتىكى ئاۋانگارتلار» قاتارلىق 30 گە يېقىن كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەت دەرىجىلىك ۋە ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك «ئالتۇن خوراز»، «ساماۋى كۆۋرۈك»، «تۇلپار» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.

 

ئۇنىڭدىن باشقا، «مېيخۇا ئارخىپى»، «ئالاھىدە پۇقرا»، «دۆلەتنىڭ بۇرچى»، «مۇتلەق پىلان»، «گۈل رىشتى»، «ياخشى ئادەم لى چىڭگوڭ»، «بوي سۇندۇرۇش»، «كۈتۈلمىگەندە»، «ئەمىنلىك كېچىسى»، «تارتمامغا چېقىلما»، «ئون كېچە-كۈندۈز» قاتارلىق 300 قىسىمدىن ئارتۇق كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا بىر تەرەپتىن رېژىسورلۇق قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئاۋاز بەرگەن. يەنە، 1988-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى خەلقئارا فىلىم ئىشلەش بۆلۈمى ئويۇشتۇرغان «روژدۇستىۋا بايرىمى سەنئەت كېچىلىگى» دە «ھورۇن ساتىراچ» ناملىق ئاۋازسىز ئېتوتنى، 1989-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ئويۇشتۇرغان سەنئەت كېچىلىكىدە «چاپلىننىڭ فىلىمىدىن ئارىيە»، 1989-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ئويۇشتۇرغان «بازار شادلىقى سەنئەت كېچىلىكى» دە ئادىل مىجىت بىلەن «توي» ناملىق ئېتوتنى، 2003-،2004، 2005- ۋە 2007-يىللىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ئويۇشتۇرغان قۇربان ھېيىت كېچىلىكلىرى، بالىلار بايرىمى، مەشرەپ ۋە نورۇزلاردا «ھېيتلىق»، «قوشنىلار»، «بىزنىڭ پەرزەنتىمىز»، «بەرىكەت تەييار چۆپى»، «ئۈژمە سايىسى»، «كىنوخانىدا»، «يەر تەۋرىگەنلىك توغرىسىدا»، «ئۇنداق قازانغا، مۇنداق چۆمۈچ»، 2008-يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مېنىڭ ئې ئائىلەم» سەنئەت كېچىلىگىدە ئادىل مىجىت، گۈلبەھرەملەر بىلەن «ئۆي سېتىۋىلىش» ناملىق ئېتوتنى، 2011-يىلى 4-ئايدا، «تېيىپجان ئىليوفنى ئەسلەش» ناملىق سەنئەت كېچىلىگىدە ئادىل مىجىت، گۈلبەھرەملەر بىلەن «ياشانغاندا» قاتارلىق ئېتوتلاردا ئاساسلىق روللارنى ئوينىغان.
2000-يىلىدىن باشلاپ كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن «ساراڭ» فىلىمىدە سەمەت دۈگۈلەكنىڭ رولىنى، «كۈلكىگە يۇشۇرۇنغان يىغا» فىلىمىدە تاشنىڭ رولىنى، «كۆزۈمدە لىق ياش» فىلىمىدە تاتلىقجاننىڭ رولىنى، «تەڭرىنىڭ جازاسى» فىلىمىدە ئەركىننىڭ رولىنى، «ئۆتنە ئالەم» فىلىمىدە ئاساسلىق پېرسۇناژ ناۋاي بوۋاينىڭ رولىنى، 2005-يىلى 9-ئايدا، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ئىشلىگەن «ئىنئانچى بەگ» ناملىق 35 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئاساسلىق باش پېرسوناژ مامۇتنىڭ رولىنى، 2006-يىلى ئامېرىكا ھوللوۋود كىنو سىتودىيىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن «لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا» ناملىق فىلىمىگە قاتناشقان ۋە شۇ فىلىمدە قوشۇمچە رول ئاينىغان. 2007-يىلى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن «مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى»، ناملىق فىلىمىدە يېزا بوغالتىرى ئېلىجاننىڭ رولىنى، 2007-يىلى 12-ئايدا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانىسى 6-يۈرۈش قانىلىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن شىنجاڭدا ئىشلەنگەن «قار ناخشىسى» ناملىق كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىمىدە، ئاشخانا خوجايىنىنىڭ رولىنى، 2008-يىلى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانىسى سۈرەتكە ئالغان 30 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئېرىگەن قېلىچ» فىلىمىدە، سەلبىي پېرسۇناژ باندىتلارنىڭ خوجىدارى روزىنىڭ رولىنى، 2009-يىلى  مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانىسى سۈرەتكە ئالغان ئۈچ قىسىملىق «ھۆر كەنىتتىكى سىمفونىيە» ناملىق فىلىمىدە تۇرسۇن ئاكىنىڭ رولىنى، 2010-يىلى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانىسى سۈرەتكە ئالغان ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى «ياڭاقچى ئائىلىسى» فىلىمىدە قادىرنىڭ رولىنى، ئىككى قىسىملىق كىنو فىلىم «ساتتار شۇجى» ناملىق فىلىمدە دېھقان ئادىلنىڭ رولىنى، 2011-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرغان 20 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئانارخان» فىلىمىدە ياقۇپ مىراپنىڭ رولىنى، 2012-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومېتېتى بىلەن شىنجاڭ رادىئو كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى بىرلىكتە ئىشلىگەن «سەپەردىكى مۇھەببەت» ناملىق ھېكايە فىلىمىدە، سەلبىي پېرسوناژ قارا جەمىئىيەتنىڭ كاتتىبېشى (ئابدىكېرەم ئابلىزنىڭ خوجايىنى) ئوبۇلنىڭ رولىنى، 2012-يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن شاڭخەي شەھىرى بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تەسۋىرلەنگەن فىلىمدە كەنت شۇجىسىنىڭ رولى بولۇپ بىر يۈرۈش پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. «سەپەردىكى مۇھەببەت» ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تەسۋىرلەنگەن فىلىم خەنزۇچە قانالدا قويۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىر ئۇيغۇرچىغا جىددىي تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. 

ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، دىلشات بارات سۇلتانى 2011-يىلى شىنجاڭ رادىئو-كىنو تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمە مەركىزى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان 39 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تەرجىمە فىلىمى «شەرق» ناملىق فىلىمدىكى بىر قانچە رولغا ئاۋاز بەردى ۋە پۈتۈن فىلمگە مۇۋاپىقىيەتلىك رېژىسورلۇق قىلىپ، يەككە تۈردە «ئەڭ ئالىي رېژىسور» لۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ھەمدە شىنجاڭدا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى كىشى بولۇپ قالدى. 2013-يىلى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى بىلەن مەركىزى خەلق كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان، تۇنجى قېتىملىق سودا خارەكتىرىنى ئالغان كومېدىيەلىك ھېكايە فىلىم «پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە» ناملىق فىلىمدە، ئاساسلىق ئۈچ باش رولنىڭ بىرى ئالىمنىڭ رولىنى ئالغان. پات يېقىندا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

 

 

دىلشات بارات سۇلتانى «ئاۋاز بېرىش جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نوقتىلار» (ئۈن-سىن گۈلزارى؛ 2010-يىلى 4-سان)؛ «ئاۋاز بېرىش سەنئىتىدىكى ئۇسلۇپ» (زامانىمىز ئاخباراتچىلىقى؛ 2010-يىلى 4-سان)؛ «تېلېۋىزىيە كىنو فىلىم تىللىرىدىكى ئىپادىلەشنىڭ گۈزەل-سەنئەتتىكى رولى توغرىسىدا» (شىنجاڭ گېزىتى)؛ «تىل بايلىقى بىلەن تەلەپپۇز ئالاھىلىگىنىڭ ئاۋاز بېرىش خىزمىتىدىكى مۇھىم رولى» (ئۈن-سىن گۈلزارى 2011-يىلى 4-سان)؛ قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان.

 

 

 

 

 

 

 

ئەسكەرتىش: تور بىكىتمىزدىكى رەسىملەر توردىن يىغلىغان بۇلۇپ خالىغانچە ئىشلەتسىڭىز بولىۋىرىدۇ....بىراق باشقىلارنىڭ رەسىم ھۇقۇقىغا ياكى رەسىم گۈزەل سەنئەت ئەسەر ھۇقۇقىغان دەخلى تەرۈز قىلىش قانۇنغا خىلاپ ،قانۇن بىلەن ئويناشماڭ
Copyright © 2013 - 2015 Uzar.Cn. All Rights Reserved 版权所有新疆优扎尔维吾尔综合第二门户网
تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق نەشىرى ھۇقۇقى :ئۇزار ئۇيغۇر تور بىكىتگە مەنسۈپ،مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۈچۈرمەڭ ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ
Email:yayrim0132@qq.com QQ:416977351 ئېلان -ئالاقە تېلىفۇن نۇمۇر:15009049634 بىكەت مەسئۇلى :شىرئەلى ئىمىنتوختى
تور بىكىتمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار توردىن رەتلەنگەن بۇلۇپ،نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى ئاپتۇرىغا ياكى ئەسلى مەنبەسىگە مەنسۈپ نەشىرى ھۇقۇقى جەھەتتە بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق!
تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىناۋەتلىك ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备11003955号-2